شەنبە 27 رەبىئۇسسانى 1448 - 10 ئۆكتەبىر 2026
Uygur

توي قىلىش ئاخىرەتتە ساۋاپ بولىدىغان ئىشلاردىنمۇ ياكى دۇنيا ئىشلىرى ۋە ئۆزىنىڭ نېسىۋېسىمۇ؟

سۇئال

توي قىلىش ئاخىرەتتە ساۋاپ بولىدىغان ئىشلاردىنمۇ ياكى دۇنيا ئىشلىرى ۋە ئۆزىنىڭ نېسىۋېسىمۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن، توي قىلىش بىلەن تائەت-ئىبادەت، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ياكى سالىھ پەرزەنتكە ئېرىشىش، ئۆزىنىڭ ۋە ئايالىنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاش، قەلبىنى، كۆزىنى ۋە ئەۋرىتىنى مۇھاپىزەت قىلىش دېگەندەك ئىشلار مەقسەت قىلىنسا، بۇ ئاخىرەتتە ساۋاپ بېرىلىدىغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرىدىكى ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغاندىمۇ توي قىلىش دېگەن ساۋاپمۇ بولمايدىغان، گۇناھمۇ بولمايدىغان، توغرا بولغان دۇنيا ئىشلىرى ۋە ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىدىن ئىبارەتتۇر.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىمام نەۋەۋىينىڭ پەتىۋاسى 179-بەت