شەنبە 27 رەبىئۇسسانى 1448 - 10 ئۆكتەبىر 2026
Uygur

تەبىئىتى بۇزۇلغان ھايۋاننى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا

سۇئال

بىز تۇرىۋاتقان بىنادىكى مۈشۈك بەك ۋەھشىيلىشىپ كەتتى بۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىش توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مۈشۈك ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ھايۋانلارنىڭ تەبىئىتى بۇزۇلۇپ، زىيان يەتكۈزىدىغان ھالەتكە كەلسە، ئىنسان ئۇنىڭدىن كېلىدىغان زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتسە توغرا بولىدۇ، ئۇ كىشىگە تۆلەم كەلمەيدۇ، بۇ خۇددى، پىچاق كۆتۈرۈپ ئۆيگە بېسىپ كىرگەن ئادەمدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتكەنگە ئوخشاش بولىدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد