جۈمە 26 رەبىئۇسسانى 1448 - 9 ئۆكتەبىر 2026
Uygur

رامىزان ئېيىنىڭ ھەممىسىدە ئۆمرە قىلىش ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئۆمرە قىلىش ئەۋزەلمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىدا ئۆمرە قىلىشقا ئالاھىدە رىغبەتلەندۈرگەن، بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامزاندا قىلغان ئۆمرە ھەجگە باراۋەر بولىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى 1782-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1256-ھەدىس].

ھەدىسنىڭ مەزمۇنى رامزاننىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ھەرگىزمۇ رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنى خاس قىلمايدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى