سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "ھەج بولسا ئىسلام ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر، ئۇنىڭ پەرز ئىكەنلىكى بايان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنى ئىنكار قىلغان ياكى ئۇنى ئۆچ كۆرگەن كىشى شەكسىز كاپىر بولىدۇ، تەۋبە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەگەر تەۋبە قىلمىسا، ئۆلتۈرىلىدۇ، ھەج قىلىشقا ھەممە تەرەپتىن قادىر بولغان كىشىنىڭ، پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىرىشى ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلِلَّهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا ۚ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ تەرجىمىسى: «قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن (يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر» [سۈرە ئال ئىمران 97-ئايەت].
ھەج توغرىسىدا ئومۇمى يۈزلۈك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئوقۇش ئۈمىت قېلىنىدۇ:
2- ھەج قىلىشقا قادىر بولۇش دېگەن نېمە؟.
4- ھەجنىڭ پەزىلىتى-ئارتۇقچىلىقى.
5- ھەجنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك پايدىلىرى.
6- ھەجنىڭ ۋاجىپ بولىشىنىڭ شەرتلىرى.
7- ھەجنىڭ پەرىزلىرى، ۋاجىپلىرى ۋە سۈننەتلىرى قايسىلار؟.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.