شۇنداق، جىنسى مۇناسىۋەتتىن كېيىن يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى ئۇخلاپ، بامدات ۋاقتىدىن ئىلگىرى يۇيۇنۇش ئۈچۈن ئويغانسا بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىنسى مۇناسىۋەتتىن كېيىن يۇيۇنماستىن ۋە تاھارەتمۇ ئالماستىن ئۇخلايتتى». [تىرمىزى رىۋايىتى 110-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 103 -نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].
لېكىن ئۇخلاشتىن بۇرۇن تاھارەت ئىلىپ يېتىش ياخشىدۇر، ئەگەر مۇمكىن بولسا يۇيۇنىۋەتسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىنسى مۇناسىۋەتتىن كېيىن نېمە ئىش قىلاتتى؟، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇپ ئۇخلامتى ياكى ئۇخلاپ بولۇپ يۇيۇنامتى؟ دەپ سورالغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلاتتى، بەزى ۋاقىتتا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۇيۇناتتى، بەزى ۋاقىتتا تاھارەت ئىلىپ ئۇخلايتتى دەپ جاۋاپ بەرگەن». [مۇسلىم رىۋايىتى 465-ھەدىس].
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: بىزدىن بەزىلەر جىنسى مۇناسىۋەتتىن كېيىنلا يۇيۇنماي ئۇخلىسا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، بولىدۇ، ئەگەر تاھارەت ئىلىپ ئۇخلىسا ياخشى» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 280 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 462 -ھەدىس].
بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن 97437- 43307- 181351- 14225 ۋە 10319 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.