جۈمە 26 رەبىئۇسسانى 1448 - 9 ئۆكتەبىر 2026
Uygur

توي كۈنى ئايالى بىلەن بىرگە بولۇشتىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش سۈننەتمۇ؟

132234

تارقاتقان ۋاقىت : 08-04-2026

كۆرگۈچىلەر : 34

سۇئال

بەزىلەر توي قىلغان ئەر-ئايال ئۈچۈن ئايرىم ئوقۇيدىغان ناماز بار، بۇ توي قىلىشنىڭ يولى دەپ ئاتىلىدۇ، يېڭىدىن توي قىلغان قىز-يىگىت بىرگە بولۇشتىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ ئاندىن بىر ياستۇققا باش قويىدۇ دەيدۇ، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

"بۇ توغرىدا بەزى ساھابىلاردىن يېڭى توي قىلغان قىز-يىگىتلەر بىر ياستۇققا باش قويۇشتىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش توغرىسىدا ئەسەر بايان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سەھىھلىك تەرەپتىن ئۇنىڭغا تايانغىلى بولمايدۇ، ئىلگىرىكى بەزى ياخشى كىشىلەردەك بىر ياستۇققا باش قويۇشتىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسا ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئوقۇماي قالسىمۇ بىر نەرسە بولمايدۇ، بۇ ئىشتا كەڭرىچىلىك بار، بۇ توغرىدا دەلىل قىلىشقا تايىنىدىغان بىر ھەدىس بارلىقىنى بىلمەيمەن". ئۇستاز ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى (1601/3) ].

مەنبە:  پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى