شەنبە 27 رەبىئۇسسانى 1448 - 10 ئۆكتەبىر 2026
Uygur

قولتۇقىنىڭ تۈكىنى ساتىراشنىڭ ئۇستىرىسى ياكى تىغ دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن ئېلىش توغرىسىدا

سۇئال

ساتىراشلار ئىشلىتىدىغان مەخسۇس تىغ بىلەن قولتۇقنىڭ تۈكىنى ئېلىش توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلانى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

توغرا بولىدۇ، چۈنكى، قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇپ ئېلىش ياكى تىغ-ئۇستىرىدا ئېلىش ياكى بۇنىڭدىن باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا، يۇلۇپ ئېلىش ياخشى بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەش تۈرلۈك ئىش تۇغما تەبىئەتتىن: خەتنە قىلىش، بۇرۇتىنى قىسقارتىش، تىرناقنى ئېلىش، قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش ۋە ئەۋرەتنىڭ تۈكىنى ئېلىش قاتارلىقلاردۇر».

[بۇخارى ۋە مۇسلىم بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى