شەنبە 27 رەبىئۇسسانى 1448 - 10 ئۆكتەبىر 2026
Uygur

مۇسۇلمان ئەمەس ئوقۇتقۇچىغا سالام بېرىش توغرىسىدا

سۇئال

مەكتەپ ئېچى ۋە سىرتىدا ۋە سىنىپتا مۇسۇلمان ئەمەس ئوقۇتقۇچىغا سالام قىلىش توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ھەدىس شەرىپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر يەھۇدى ۋە خىرىستىئانلارغا سالامنى باشلىماڭلار» [ئىمام مۇسلىم كىتابىنىڭ"سالام" بابىدا كەلتۈرگەن].

ئۇ دەۋرىدە يەھۇدىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ "سام ئەلەيكۇم" يەنى ساڭا ئۆلۈم بولسۇن دەپ ئىبرانى تىلدا سالام بېرەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنىمۇ ئۇلارغا: "ۋەئەلەيكۇم" يەنى ئۆلۈم سىلەرگە بولسۇن دەپ جاۋاپ بېرىشكە بۇيرىغان.  بۇخارى كىتابىنىڭ "ئەدەپ" بۆلۈمىدە، مۇسلىم كىتابىنىڭ"سالام" بۆلۈمىدە كەلتۈرگەن.

سىز دەسلەپتە سالام قىلماڭ، ئەگەر دەسلەپتە سىزگە سالام قىلسا، ئۇنىڭغا "ۋەئەلەيكۇم" دەپ جاۋاپ قايتۇرۇڭ، لېكىن ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھىمايىسىدە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھۆكمى" ناملىق ئەسىرىدە مۇنۇلارنى زىكىر قىلغان: كاپىر بىزدىن سالامنى ئۆگىنىپ بىزگە" ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دېسە، بىز ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇپ"ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام" دەيمىز.

مەنبە: من فتاوى الشيخ محمد بن صالح العثيمين , كتاب العلم , الصفحة ( 154 , 155)