جۈمە 26 رەبىئۇسسانى 1448 - 9 ئۆكتەبىر 2026
Uygur

يىل توشۇشتىن ئىلگىرى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىدىغان مال يوقاپ كەتسە، بۇ ۋاقىتتا زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

بىر كىشى ئانىسىدىن (64) قوي سېتىۋېلىپ، قويلارنىڭ ئىگىدارچىلىق ھەققى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.   ئەمما قويلار يىل توشۇپ زاكىتىنى بېرىدىغانغا بىر ئاي قالغانغا قەدەر ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇردى،  بۇنداق ھالەتتە بۇ قويلارنىڭ زاكىتىنى ئانىسى ئادا قىلامدۇ؟، سېتىۋالغىلى ئازراق ۋاقىت بولغان بولسىمۇ ئۇ كىشىگە بۇ قويلارنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىش كېرەك بولامدۇ؟.   بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

قوينىڭ زاكات ئۆلچىمى قىرىق بولۇپ، قىرىق قويغان ئىگە بولۇپ، بۇنىڭغا تولۇق بىر يىل توشسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇنىڭغا زاكات ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ھەدىس بايان قىلىنىپ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «مالغا ئىگە بولۇپ ئۇنىڭغا تولۇق بىر يىل توشمىغۇچە زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ» .  [ئىبنى ماجە رىۋايىتى1792 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل"دە 787 -نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئالتۇن، كۈمۈش، نەخ پۇل ۋە ھايۋانلار زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولىشى ئۈچۈن تولۇق بىر يىلنىڭ ئۆتىشى شەرت قىلىنىدۇ.

يىل توشۇشتىن ئىلگىرى  مال ھالاك بولۇپ كېتىش، سېتىۋېتىش، ھەدىيە قىلىۋېتىش ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى يوقالسا بۇ ۋاقىتتا زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ.

شۇنىڭغا ئاساسەن، ئانىڭىزغا زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ، چۈنكى قويلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۇنىڭ قولىدىن يىل توشۇشتىن ئىلگىرى چىقىپ كەتتى، شۇنىڭدەك سىزگىمۇ زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ، چۈنكى سىزنىڭ ئۇ ماللارنى سىتىۋالغانلىقىڭىزغا تولۇق بىر يىل بولمىدى، مال قولغا ئۆتۈپ تولۇق بىر يىل توشقاندا ئاندىن زاكات ۋاجىپ بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى