جۈمە 26 رەبىئۇسسانى 1448 - 9 ئۆكتەبىر 2026
Uygur

توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ، ۋاقتىنى ئۇزارتىۋەتمەسلىك توغرىسىدا

سۇئال

تاغامنىڭ قىزىغا توي تەكلىپى قويدۇم، ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن تەكلىپ قوبۇل قىلىندى، ئەمما تەكلىپ قوبۇل قىلىنىپ بىر يىل ئۈچ ئاي ئۆتتى، ھازىرغىچە نىكاھ قىلىنمىدى، قىزچاق مېنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ، مەن ھازىرغىچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە يەتكۈدەك ئىقتىسادقا ئېرىشەلمىدىم، ماڭا كېچىكتۈرگەنلىكتىن خاتالىق بولامدۇ، ئەگەر خاتالىق بولسا مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

سىز تۇرمۇش قېيىنچىلىقى، توي چىقىملىرىنى توپلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بولۇپ توي ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ قويغان بولسىڭىز سىزدە گۇناھ يوق، چۈنكى كېچىكىش ئۈزۈر بىلەن بولغان، لېكىن سىز، بولغان ئىشتىن قىز تەرەپنى خەۋەرلەندۈرىشىڭىز، مەلۇم ۋاقىت توي خىراجىتى ئۈچۈن ئىقتىساد توپلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىشىڭىز لازىم، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارمۇ سىزنى ئەپۇ قىلىدۇ، توغرا چۈشىنىدۇ، سىزگە خاتالىق بولمايدۇ. بىزنىڭ سىزگە قىلىدىغان تەۋسىيىرىمىز: توي قىلغۇچى توي چېقىملىرىدىن كۈچى يەتمەيدىغان نەرسىگە بۇيرۇلمايدۇ، بەلكى توينى ئاددى، تويلۇق مەھرىنى زىيادە قىلماسلىق ئىمكان قەدەر ئىقتىسادچانلىق بىلەن قىلىش تەلەپ قېلىنىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ پەۋزان پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 2-توم 549-بەت.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى