دۇشەنبە 12 جىمادۇسسانى 1448 - 23 نويابىر 2026
Uygur

نامازدا چۈشكۈرگەندىن كېيىن ھەمدە ئېيتىش توغرىسىدا

سۇئال

ئىنسان نامازدا چۈشكۈرسە پەرز ناماز بولسۇن ياكى نەپلە ناماز بولسۇن ئاللاھقا ھەمدە ئېيتامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

شۇنداق، ئىنسانغا ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش يولغا قويۇلغان، چۈنكى بۇ سەھىھ ھەدىس بىلەن ئىسپاتلانغان، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدا چۈشكۈرۈپ ئاندىن ئاللاھقا ھەمدە ئېيتقان كىشىنى ئىنكار قىلماستىن بەلكى: «مەن مۇنداق، مۇنداق پەرىشتىلەرنى كۆردۈم ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ سۆزلەرنى يېزىشقا ئالدىرايدۇ»، چۈنكى ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش دېگەن نامازدىكى زىكرىنىڭ قاتارىدىن، ئۇنداق قىلىش نامازغا زىت كەلمەيدۇ".

["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 29-توم 348-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى