شەنبە 27 رەبىئۇسسانى 1448 - 10 ئۆكتەبىر 2026
Uygur

چوڭ-كېچىك تەرەت قىستاپ تۇرغاندا ناماز ئادا قىلىش توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

بەزى ۋاقىتتا نامازغا كېرىشتىن ئىلگىرى چوڭ تەرەت قىستاپ كېتىدۇ، لېكىن ناماز جەريانىدا قىستىمايدۇ، بۇ ھالەتتە ئوقۇغان نامىزىم قوبۇل بولامدۇ؟، بەزى ۋاقىتتا بۇنىڭ ئەكسى بولىدۇ يەنى نامازغا كېرىشتىن بۇرۇن ھېچ ئىش يوق، ئەمما ناماز جەريانىدا تەرەت قىستاپ قالىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مۇسۇلمان كىشىنىڭ چوڭ-كېچىك تەرەت قىستاپ تۇرغان ھالەتتە نامازغا تۇرۇشى توغرا بولمايدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يېمەك تەييار بولغاندا ۋە چوڭ-كېچىك تەرەت قىستىغاندا نامازغا كېرىشكە بولمايدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى].

بۇنىڭدىكى ھېكمەت، بۇنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر، بۇ ھالەت ئىنساننى نامازدا خۇشۇدىن چەكلەپ قويىدۇ، لېكىن شۇ ھالەتتە ناماز ئوقۇغان بولسا، نامىزى دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن يۇقىرىدىكى ھەدىسكە كۆرە تولۇق-مۇكەممەل بولمايدۇ، (پەزىلەتتە ناقىس بولىدۇ) قايتا ئادا قىلىشمۇ كېرەك بولمايدۇ.

ئەمما نامازغا كىرگەندە چوڭ-كېچىك تەرەت قىستىماستىن، بۇ ئىش ناماز جەريانىدا يۈز بەرگەن بولسا، ناماز جەريانىدا چىڭ قېسىۋىلىپ تۇرغان بولسا، بۇنداق قىسىۋېلىش نامازنى تولۇق ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويمىغان بولسا، ئوقۇغان نامىزى توغرا بولىدۇ، مەكرۇھ بولمايدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت، سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە پەتىۋا كومىتېتى7/28