بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: ئاللاھنىڭ ۋەھىسى ھەج ۋە ئۆمرەنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ئومۇمى ھېكمەتكە باشلايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَذِّنْ فِي النَّاسِ بِالْحَجِّ يَأْتُوكَ رِجَالًا وَعَلَى كُلِّ ضَامِرٍ يَأْتِينَ مِنْ كُلِّ فَجٍّ عَمِيقٍ، لِيَشْهَدُوا مَنَافِعَ لَهُمْ وَيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ فِي أَيَّامٍ مَعْلُومَاتٍ عَلَى مَا رَزَقَهُمْ مِنْ بَهِيمَةِ الْأَنْعَامِ فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْبَائِسَ الْفَقِيرَ، ثُمَّ لْيَقْضُوا تَفَثَهُمْ وَلْيُوفُوا نُذُورَهُمْ وَلْيَطَّوَّفُوا بِالْبَيْتِ الْعَتِيقِ، ذَلِكَ وَمَنْ يُعَظِّمْ حُرُمَاتِ اللَّهِ فَهُوَ خَيْرٌ لَهُ عِنْدَ رَبِّهِ وَأُحِلَّتْ لَكُمُ الْأَنْعَامُ إِلَّا مَا يُتْلَى عَلَيْكُمْ فَاجْتَنِبُوا الرِّجْسَ مِنَ الْأَوْثَانِ وَاجْتَنِبُوا قَوْلَ الزُّورِ تەرجىمىسى: «كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا (ئۇلارنى) ھەجگە چاقىرىپ نىدا قىلغىن، ئۇلار پىيادە ۋە ئورۇق تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىدۇ، ئورۇق تۆگىلەر يىراق يوللارنى بېسىپ كېلىدۇ، كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنىي ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە (يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى (يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن». سىلەر قۇربانلىقىڭلارنىڭ گۆشىدىن يەڭلار، موھتاجقا، پېقىرغا بېرىڭلار، ئاندىن ئۇلار كىرلىرىنى تازىلىسۇن (يەنى ئېھرامدىن چىققاندىن كېيىن چاچلىرىنى، تىرناقلىرىنى ئالسۇن)، ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن، قەدىمىي بەيت (يەنى بەيتۇللاھنى) تاۋاپ قىلسۇن، (ھەج ئىبادىتى) ئەنە شۇدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلىسا (يەنى ھەج جەريانىدا ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلەنسە)، بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى) ئۈچۈن ياخشىدۇر، سىلەرگە چاھارپايلاردىن قۇرئاندا (ھاراملىقى) بايان قىلىنغانلىرىدىن باشقىلىرى ھالال قىلىندى. سىلەر بۇتلاردىن ئىبارەت نىجىستىن ساقلىنىڭلار، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن ساقلىنىڭلار» [سۈرە ھەج 27-ئايەتتىن 30-ئايەتكىچە].
ھەج-ئۆمرە پائالىيتىدە ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە تەۋھىد كەلىمىسىنى نامايەندە قىلىش، يالغان سۆز ۋە شىرىكنىڭ بارلىق كۆرۈنىشى، شەكلى، دەرىجىلىرىدىن يىراق بولۇش، شۇنىڭ بىلەن ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئادا قىلغىلى بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّهِ تەرجىمىسى: «ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار» [سۈرە بەقەرە 186-ئايەت].
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەج پائالىيتىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋھىد كەلىمىسى بىلەن ئىھرامغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى: لەببەيكە، ئاللاھۇممە لەببەيكە، لەببەيكە لاشەرىكە لەكە لەببەيكە، ئىننەل ھەمدە ۋەننىمەتە لەكە ۋەلمۇلكە، لاشەرىكە لەكە» [مۇسلىم رىۋايىتى1218-ھەدىس].
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەمما ھەجنىڭ ئىشى ئايرىم بولۇپ ئۇنى پەقەت ھەجگە بولغان مۇھەببەت ئوقىدا ئۇرۇلغان ھەقىقەتچىلەر تاپالايدۇ، ھەجنىڭ ئېشىنى سۆز-ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلەش بىلەن مۇمكىن بولمايدۇ، بۇ مۇشۇ ئۇلۇغ دىندىكى خاس بىر ئىبادەت بولۇپ، ھەتتا ئاللاھ تائالامۇ سۆزىدە ئۇلارنى: حُنَفَاءَ لِلَّهِ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلغۇچىلار» دېگەن.
ئاللاھ بەيتۇل ھەرەم بولغان كەبىنى، ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ تۇتقۇسى قىلدى، بۇ ئۇنىڭغا بىنا قىلىنغان پۈتۈن ئالەمنىڭ تۇتقۇسىدۇر، ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى بىر يىلدا ھەجنى تەرك قىلىدىغان بولسا ئېدى، ئاسمانلار زېمىنغا كۆمتۈرۈلۈپ چۈشەتتى، قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمانى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ شۇنداق دېگەن: بەيتۇلھەرەم ئالەمنىڭ تۇتقۇسىدۇر، مۇشۇ ئۆي (يەنى كەبە) ھەج قىلغۇچىلار بىلەن ئاۋات بولۇپ تۇرغان مۇددەتكىچە تۇتقا بولۇپ تۇرىدۇ.
ھەج تەۋھىد ئەھلىنىڭ خۇسۇسىيتىدۇر، ھەج دېگەن ساپ تەۋھىد ۋە خالىس مۇھەببەتنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان". ["سائادەت دىيارىنىڭ ئاچقۇچى" 2-توم 869-بەت].
شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەجنىڭ ھەممە پائالىيتى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ دىنىدا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن ھەقىقەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
ھەجنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانى ئىنسانلارنى ئاللاھنى بىر بىلىشكە، ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىش قىلىشقا، ھەجدە ۋە باشقا پائالىيەتلەردە، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشتۇر.
تەلبىيە بولسا پائالىيەتنىڭ دەسلىۋېدە ھەج ۋە ئۆمرە قىلغۇچى تۇنجى قېتىم قىلىدىغان ئىشتۇر: «لەببەيكە، ئاللاھۇممە لەببەيكە، لەببەيكە لاشەرىكە لەكە لەببەيكە»، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن بولغان تەۋھىدى، ئىبادەتتىكى ئىخلاسى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھېچ شىرىكى يوق ئېكەنلىكىنى ئىلان قىلىدۇ، تاۋاپ جەريانىدىمۇ شۇنداق قىلىدۇ، ئاللاھنى زىكىر قىلىدۇ، ئۇلۇغلايدۇ، تاۋاپ قىلىش بىلەن يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدۇ، ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدۇ، باشقا مەبۇدلارنى تەرك قىلىدۇ، چاچنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىشتىمۇ شۇنداق بولىدۇ، شۇنىڭدەك قۇربانلىق قىلىش ئىشلىرىمۇ شۇنداقتۇر، قۇربانلىقنىڭ ھەممىسى يالغۇز بىر ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنىدۇ، ئەرەپاتتا، مۇزتەلىبىدە ۋە مىنادا دېيىلىدىغان زىكىرلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدۇ، زىكىرلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنى بىر بىلىش، ھەقكە دەۋەت قىلىش ۋە بەندىلەرنى توغرا يولغا باشلاش بولىدۇ، ئۇلارغا پەقەت يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئۇلار مۇشۇ ئىش ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىشىدۇ، بۇ ھەقتە بىر-بىرىگە تەۋسىيە قىلىدۇ". [ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 16-توم 186-187-بەتلەر].
ھەج ئاللاھنىڭ زىكرىنى تۇرغۇزۇشتۇر. ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ زىكرىنى بەرپا قىلىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ فِي أَيَّامٍ مَعْلُومَاتٍ تەرجىمىسى: «بەلگىلەنگەن كۈنلەردە (يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى (يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن» [سۈرە ھەج 28-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ثُمَّ أَفِيضُوا مِنْ حَيْثُ أَفَاضَ النَّاسُ وَاسْتَغْفِرُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ، فَإِذَا قَضَيْتُمْ مَنَاسِكَكُمْ فَاذْكُرُوا اللَّهَ كَذِكْرِكُمْ آبَاءَكُمْ أَوْ أَشَدَّ ذِكْرًا تەرجىمىسى: «ئاندىن كېيىن، سىلەر (ئەرەفاتتىن كىشىلەر قايتقان جاي بىلەن قايتىڭلار، ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇ، سىلەر ھەجگە ئائىت ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھنى ئاتا ـ بوۋاڭلارنى ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار» [سۈرە بەقەرە 200-199-ئايەتلەر].
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زىكىر دېگەن ھەجنىڭ جەۋھىرى ۋە روھى، مېغىزى، مەقسەت-غايىسىدۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەيتىللاھنى تاۋاپ قىلىش، ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش، شەيتانلارغا تاش ئېتىش ئاللاھنىڭ زىكرىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن قېلىندى». ["مەدارىجۇس سالىكىين" 4-توم 2537-بەت].
شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زىكىر بولسا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىدە زىكىر قىلىنغان مەنپەئەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر: ﴿لِيَشْهَدُوا مَنَافِعَ لَهُمْ وَيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ فِي أَيَّامٍ مَعْلُومَاتٍ﴾ تەرجىمىسى: «كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنىي ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە (يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى (يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن» [سۈرە ھەج 28-ئايەت]. زىكىرنى مەنپەئەتكە ئۇلاپ كەلتۈرۈش بولسا، خاسنى ئومۇمغا ئۇلاپ كەلتۈرۈش قائىدىسىندۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەيتىللاھنى تاۋاپ قىلىش، ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش، شەيتانلارغا تاش ئېتىش ئاللاھنىڭ زىكرىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن قېلىندى».
قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغاندەك، كىشىلەرگە مال بوغۇزلىغاندا، شەيتانلارغا تاش ئاتقاندا، ھەجنىڭ ھەممە پائالىيەتلىرىدە ئاللاھنى زىكىر قىلىش يولغا قويۇلدى، ھەج پائالىيتىنىڭ ھەممە تۈرى ۋە ئەمەللىرى ئاغزاكى ۋە ئەمەلى ھەرىكەت بىلەن ئاللاھنى زىكىر قىلىشتۇر". [ئىبنى باز پەتىۋالار ۋە ماقالىلەر مەجمۇئەسى" 16-توم 186-185-بەتلەر].
ھەج-ئۆمرە پائالىيەتلىرىدە ھەج ۋە ئۆمرە قىلىغۇچىلار ئۈچۈن، ھەرەم ئەھلى ۋە سىرتتىن كەلگەنلەر ۋە مۇقىم تۇرغۇچىلار ئۈچۈن دىنى ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتلەر ئەمەلىيلىشىدۇ. بۇ ھېكمەتكە ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى ئىشارەت قىلىدۇ: «كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنىي ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن».
شەيخ ئابدۇراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ بەيتىدە پەزىلەتلىك ئىبادەتلەرنى قىلىش ۋە پەقەت ئاللاھنىڭ بەيتىدىلا قىلىنغان ئىبادەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق دىنى مەنپەئەتلەرگە، تۈرلۈك كەسىپلەرنى قىلىش ۋە تىجارەتتە پايدا ئېلىش بىلەن دۇنيالىق مەنپەئەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر. مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بۇنى بىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېنىق كۆرۈنۈشتۇر". ["تەپسىر سەئدى" 536-بەت].
ھەجدىكى مەنپەئەتلەردىن: دۇنيانىڭ ھەممە تەرىپىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ بىر جايغا توپلىشىشى، ئۇلار بىر-بىرى بىلەن تونىشىدۇ، بىر-بىرىدىن ئىلىم-مەرىپەت، تىجارەت يوللىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پايدىلارغا ئېرىشىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇشۇ سەپەردىكى ئەھۋالى، كۆرۈنىشى، نىشانى بىر بولماقلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ بىرلىكى، ئىتتىپاقلىقى زىيادە بولىدۇ.
مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇنداق كۆرۈنۈشتە بىر ئورۇندا، بىر ۋاقىتتا، بىر ھەيئەتتە نامايەندە بولىشى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر ۋاقىتتا مۇقەددەس ئورۇنلاردا تۇرىشى، بىر خىل ئەمەلنى قىلىشى، ئېھرامدىن ئىبارەت بىر خىل ھەيئەتتە بولىشى، ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۆۋەنچىلىك بىلەن تۇرىشى ئۇنتۇلماس مەنزىرىدۇر.
ۋاجىپ بولغان ۋە مۇستەھەپ بولغان قۇربانلىق، ھەدىيلەرنى بوغۇزلاش، ئاللاھنىڭ مۇقەددىساتلىرىنى ئۇلۇغلاش، ئۇنى يېيىش، ھەدىيە قىلىش ۋە نامراتلارغا سەدىقە قىلىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدىغان مەنپەئەتنى ئىپادىلەش قېيىن بولىدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ پەتىۋا ۋە رىسالىلەر مەجمۇئەسى" 24-توم 241-بەتلەر].
ئىككىنچى: ھەج-ئۆمرە پائالىيەتلىرىنىڭ بۇ شەكىلدە تەرتىپلىنىشىدىكى ھېكمەتكە كەلسەك، بۇنىڭدى ھېكمەتلەر ئېنىقتۇر:
ھەجنىڭ باشلىنىشى ئېھرام ۋە تەلبىيە بىلەن بولىدۇ، بۇ ئىككىسى بىلەن مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ھەج ياكى ئۆمرە پائالىيتىگە كىرگەنلىكىنى، بۇنىڭ بارلىك ھۆكۈملىرىنى لازىم تۇتىدىغانلىقىنى ئىلان قىلىدۇ، مەككىگە يېتىپ كەلگەندە، ئىشنى كەبىنى تاۋاپ قىلىشتىن باشلايدۇ، چۈنكى كەبىنى تاۋاپ قىلىش دېگەن ھەرەمدىكى ئەڭ كاتتا ئىبادەتتۇر، شۇنداقلا تاۋاپ دېگەن ھەج-ئۆمرەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشنى تاۋاپتىن باشلاش بەك مۇناسىپتۇر. كەبىگە ئالاقىدار ئەمەللەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن باشقا بىر پائالىيەتكە يۆتكىلىش مۇناسىپ بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىشتۇر، چۈنكى ئۇ كەبىگە ئەڭ يېقىندۇر، ئاندىن مىنادا قونۇشقا يۆتكىلىدۇ، چۈنكى مىنادا قونۇش بولسا ھەجنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئاساسلىق پائالىيتىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈندۇر، ئۇ بولسىمۇ ئەرەپاتتا تۇرۇشتۇر، ئاندىن مۇزتەلىپىدە قۇنۇشتۇر، چۈنكى بۇ ئەرەپاتتىن قايتقاندىن كېيىنكى ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ بىرىدۇر، ھاجىلار قۇربان ھېيت كۈنىدىكى پائالىيەتلەرگە تەرييارلىق قىلىش ئۈچۈن بۇ يەردە ئارام ئېلىشى مۇناسىپ بولىدۇ، ئاندىن شەيتانلارغا تاش ئېتىش بولىدۇ، چۈنكۇ بۇ ئورۇن مۇزتەلىپىگە يانداشقان مىنادا بولىدۇ، مۇشۇ كۈندە قۇربانلىق قىلىش ۋە چاچنى ئالدۇرۇش مۇناسىپ بولىدۇ، چۈنكى بۇ ھېيت كۈنىدۇر، ئاندىن ھەج ئەمەللىرىنىڭ مۇھىملىرىنى تاماملىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن كەبىنى تاۋاپ قىلىدۇ، ئاندىن مىناغا قايتىش كېرەك بولىدۇ. مىنا دېگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەجدە قۇربانلىق ۋە ھەدىيىلىرىنى بوغۇزلىغان ئورۇندۇر. ھاجىلارنىڭ تەشرىق كۈنلىرىدە ئاللاھنى ياد ئېتىش، قۇربانلىقلىرىنى بوغۇزلاش، ئۇنى يېيىش ۋە تارقىتىش ئۈچۈن مىنادا تۇرىشى لازىم بولىدۇ.
نۇبەيشەتىل ھۈزەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تەشرىق كۈنلىرى يىمەك-ئېچمەك ۋە ئاللاھنى ياد قىلىش كۈنىدۇر» [مۇسلىم رىۋايىتى1141-ھەدىس].
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كۈنلەردە پەقەت تەمەتتۇ ھەجنىڭ ھەدىيسىنى تاپالمىغان كىشىلەر ئۈچۈن روزا تۇتۇش رۇخسەت بولىدۇ.
ئۇرۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە سالىمدىن، ئۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە ئۇ ئىككەيلەن مۇنداق دەيدۇ: «تەشرىق كۈنلىرىدە پەقەت تەمەتتۇ ھەجنىڭ ھەدىيسىنى تاپالمىغان كىشىلەر ئۈچۈنلا روزا تۇتۇش رۇخسەت قىلىنغان» [بۇخارى رىۋايىتى1997-ھەدىس].
ئاندىن ۋىدا تاۋاپى قىلىش ۋە مەككىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن مەككىگە قايتىدۇ.
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇشۇ ئىبادەتتىكى سىرلاردىن: ئېھرام كىيىش، ئۇنىڭدا چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇش، بېشىنى ئوچۇق قويۇش، ئادەتتە كېيىدىغان كىيىملىرىنى كەيمەسلىك، تاۋاپ قىلىش، ئەرەپاتتا تۇرۇش، شەيتانلارغا تاش ئېتىش ۋە ھەجنىڭ باشقا شۇئارلىرى، ساغلام ئەقىل ۋە توغرا پىكىر ئىگىلىرى بۇنىڭ گۈزەللىكىگە گۇۋاھلىق بەردى، مۇشۇ ئىبادەتنىڭ يولغا قويۇلىشىدا ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنىڭ ئۈستىدە بىر ھېكمەتنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدى". ["سائادەت دىيارىنىڭ ئاچقۇچى" 2-توم 869-بەت].
بەزى ئالىملار ھەج-ئۆمرە پائالىيتىنىڭ بەزى تەپسىلى ھېكمەتلىرىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلدى، ئۇلارنىڭ بۇ توغرىدا دېگەنلىرىدىن:
يېڭنىدە تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيمەسلىكتىكى ھېكمەت:
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن: "نېمە ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ھاجىلارنىڭ يېڭنىدە تىكىلگەن كىيىملەرنى كېيىشىنى چەكلىگەن، بۇنىڭدىكى ھېكمەت نېمە؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: بىرىنچى: ئاللاھ تائالا مۇكەللىپ بولغان، ھەممە تەرەپتىن ھەجگە كېلىشكە قادىر بولغان كىشىلەرگە ھاياتىدا بىر قېتىم ھەج قىلىشنى پەرز قىلدى. بۇنى ئىسلام ئاساسىدىن بىر ئاساس قىلدى، شۇنداقلا بۇ دىندىن بىلىش زۆرۈر بولغان ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. مۇسۇلمان كىشى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە پەرز قىلغان ئەمەلنى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ ۋە رازى بولۇپ، ساۋابىنى ئۈمىت قىلىپ، ئازابىدىن قورقۇپ ئادا قىلىشى، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئىبادەتنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى ھېكمەت بىلەن يولغا قويغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىش بىلەن، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرى بەك مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلىشى، ئاللاھ تائالانىڭ ھەر قانداق ئىشنى بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يولغا قويىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتىنىڭ بەندىلەرگە قايتىدىغانلىقىنى، رەببىمىز ئاللاھنىڭ ھەر ئىشنى ھېكمەت بىلەن يولغا قويىدىغانلىقى ۋە بىز بەندىلەرنىڭ بۇنىڭغا تولۇق بويسۇنىشىمىز لازىم بولىدۇ.
ئىككىنچى: ھەج-ئۆمرىدە يېڭنىدە تىكىلگەن كىيىملەرنى كەيمەسلىكنىڭ يولغا قويىلىشىدا نۇرغۇن ھېكمەتلەر بار، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: قىيامەتتە قەبىردىن قوزغىغان ۋاقىتتىكى ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئەسلەش، ئۇلار قىيامەت كۈنىدە خەتنىسى قىلىنمىغان، يالاق ئاياغ ۋە يالىڭاچ قوزغىلىدۇ ئاندى كىيىم كەيدۈرىلىدۇ، ئاخىرەتنىڭ ئەھۋالىنى ئەسلەشتە ۋەز-نەسىھەت ۋە ئىبرەتلەر بار، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: نەپسىنى بويسۇندۇرۇش، كەمتەرلىكنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ۋە نەپسىنى كىبىرلىكنىڭ كىرلىرىدىن پاكلاش قاتارلىقلاردۇر.
ئۇ ھېكمەتلەردىن: نەپسىگە يېقىنلىق، باراۋەرلىك ۋە تەڭلىك پىرىنسىپىنى ھېس قىلدۇرۇش، چوڭچىللىق ۋە باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىقتىن يىراق بولۇش، پەقىر-مىسكىنكلەرگە ياردەمدە بولۇش.. قاتارلىق ھەجنىڭ ئاللاھ تائالا يولغا قويغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن بايان قىلغان ئەھۋاللىرى بار".
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن: ئابدۇللاھ بىن قەئۇد، ئابدۇللاھ بىن غۇدەييان، ئابدۇرەززاق ئەپىيپى ۋە ئابدۇللاھ بىن ئابدۇل ئەزىز بىن باز قاتارلىقلار. ["دائىمى كومىتېت پەتىۋاسى"11-توم 179-180-بەتلەر].
تاۋاپ قىلىش ۋە ھەجەر ئەسۋەدنى سۆيۈشنىڭ ھېكمەتلىرىدىن:
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاۋاپتىن بولغان ھېكمەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىش، ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش، شەيتانلارغا تاش ئېتىش ئاللاھنىڭ زىكرىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن قېلىندى».
ئاللاھنىڭ بەيتىنى ئايلىنىپ تاۋاپ قىلغۇچى دىلى بىلەن ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاپ تۇرىدۇ، ئۇنى تىلى بىلەن ئاللاھنى ئەسلەيدىغان قىلىدۇ، ئۇنىڭ كەبىنىڭ ئەتراپىدا مېڭىش، ھەجەر ئەسۋەدنى سۆيۈش ۋە سىلاش، رۇكنۇن يەمانىنى سىلاش، ھەجەر ئەسۋەدكە ئىشارەت قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالاغا قىلىنىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئومۇمى مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنى زىكىر قىلىش ئۈچۈندۇر، ئەمما تىلى بىلەن ئادا قىلىۋاتقان تەكبىر، زىكىر ۋە دۇئالار بولسا ئاللاھنى زىكىر قىلغاننىڭ نامايەندىسىدۇر.
ھەجەر ئەسۋەدنى سۆيۈش ئىبادەتتۇر، ئىنسان پەقەت ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ۋە ئىبادەت قىلىش ۋە بۇ ئىشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ھېچ ئالاقىسى بولمىغان تاشنى سۆيىدۇ، خۇددى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەجەر ئەسۋەدنى سۆيىدىغان ۋاقىتتا دېگەندەك: «مەن سېنىڭ ھېچ بىر پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بىر تاش ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن، ئەگەر مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سېنى سۆيگەنلىكىنى كۆرمىگەن بولسام سېنى سۆيمەيتتىم».
بەزى نادان كىشىلەر ھەجەر ئەسۋەدنى سۆيۈشنى ئۇنىڭدىن بەرىكەت ھاسىل قىلىش دەپ چۈشىنىدۇ. بۇ دىندا ئاساسى يوق، باتىل چۈشەنچىدۇر". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋا ۋە رىسالىلىرى" 2-توم 318-319-بەتلەر].
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇھەللەپ مۇنداق دېگەن: "ھەقىقەتەن ھەجەر ئەسۋەدنى سۆيۈش ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىدىغان كىشىلەرنى ئوچۇق بىلىش ئۈچۈن سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان، بۇ ئىبلىسنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلغان ۋەقەلىكىگە ئوخشايدۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزىدە: دىنى ئىشلاردا شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە بويسۇنۇش، مەنىلىرى ئېچىلمىغان ئىشلاردا گۈزەل شەكىلدە ئەگىشىش ئىپادىلىنىدۇ.
بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغان ئىشلىرىدا گەرچە ئۇنىڭ ھېكمىتىنى بىلمىسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش كېرەكلىكى توغىرسىدىكى كاتتا قائىدەدۇر. ["پەتھۇلبارى" 3-توم 463-بەت].
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەجەر ئەسۋەد توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ھەجەر ئەسۋەد قىيامەت كۈنىدە كۆرىدىغان ئىككى كۆزى، سۆزلەيدىغان تىلى بولغان ھالەتتە كەلتۈرىلىدۇ، ئۆزىنى ھەق بىلەن سۆيگەن كىشىلەرگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ» [تىرمىزى رىۋايىتى961-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 1-توم 493-بەتتە كەلتۈرگەن].
ئەمما ساپا-مەرۋىنى سەئيى قىلىشتىكى ھېكمەت:
شەيخ مۇھەممەد ئەمىن شەنقىتى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سەئيى قىلىشتىكى ھېكمەت توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنغان، بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھەجەر ئانىمىز بىلەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى مەككىدە قويۇپ كەتكەن ۋەقەلىكتە، ئۇلار بىلەن بىرگە بىر تۇلۇم سۇ ۋە بىر تۇلۇم خورما قويۇپ كەتكەن. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: «ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئۇنى ئېمىتتى، تۇلۇمنىڭ سۈيىدىن ئېچتى، ھەتتا تۇلۇمدا سۇ تۈگىگەندە، ئۇسساپ كەتتى، ئوغلىمۇ ئۇسساپ كەتتى، سۇ ئىزدەپ ھەر تەرەپكە ئىگىلىپ قاراپ گاڭگىراپ قالدى، ئۇسساپ تولغۇنۇپ كەتكەن ئوغلىغا قاراشنى ياقتۇرمىدى، زېمىندا ساپا تېغىنى ئۆزىگە ئەڭ يېقىن تاغ دەپ قاراپ ئۇنىڭغا چېقتى، ئاندىن بىرەر ئىنساننى كۆرەمەنمىكى دەپ جىلغىغا يۈزلەندى، ھېچ كىشىنى كۆرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ساپادىن چۈشۈپ جىلغىغا كەلدى، ئۇ يەردىن كۆڭلىكىنىڭ بىر تەرىپىنى كۆتۈرۈپ چارچىغان ئىنسان يۈرگەندەك يۈرۈپ جىلغىدىن ئۆتۈپ كەتتى، ئاندىن مەرۋىگە كېلىپ ئۇ يەردە تۇردى، بىرەر ئىنساننى كۆرەمەنمىكىن دەپ ئەتراپقا قارىدى، ھېچ كىشىنى كۆرمىدى، بۇ ئىشنى يەتتە قېتىم قىلدى» ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنىڭ ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىشى بۇنىڭ ئۈچۈندۇر».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە: «كىشىلەرنىڭ ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىشى بۇنىڭ ئۈچۈندۇر» دېگەن سۆزىدە، ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىشنىڭ ھېكمىتىگە كۇپايە قىلغۇدەك ئىشارەت بار، چۈنكى ھەجەر بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا يۇقىرىدىكى سەئيىنى قىلغان، ئۇ ئەڭ قاتتىق ھاجەت ۋە رەببىگە بەك يالۋۇرۇش بىلەن بولغان، چۈنكى يۈرەك پارىسى، سۆيۈملۈك پەرزەنتى ئىسمائىل ئۇنى ھېچ قانداق بىر ئىنسان بولمىغان، سۇ بولمىغان بىر شەھەردە ئاچلىقتىن تولغۇنىپ كۈتۈپ تۇرىۋاتاتتى، ھەجەرمۇ بەك ئۇسسۇز ۋە ئاچ بولۇپ، ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھغا بەك يالۋۇرغان ئېدى، ئۇ قاتتىق قېيىنچىلىق ئېچىدە تاققا چىقتى، ھېچ نەرسىنى كۆرمىگەندە، يەنە بىر تەرەپكە يۇگۇردى، بىرەر ئىنساننى كۆرەرمەنمىكىن دەپ تاققا ئۆرلەپ چىقتى، ئىنسانلار ساپا-مەرۋەنىڭ ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسىغا، رىزىق بەرگۈچىسىگە بولغان ھاجىتى، ئېھتىياجىنى ھېس قىلىشى ئۈچۈن قانداقكى، ئاشۇ ئايالنىڭ شۇ قېيىنچىلىق، مۇشەققەتلىك ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ياراتقۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچىسىگە ئېھتىياجلىق بولغانلىقىنى ھېس قىلغاندەك ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغان كىشىلەرنىڭ زايە بولۇپ كەتمەيدىغانلىقى ۋە دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىدىغانلىقىنى ئەسلەش ئۈچۈندۇر. بۇ سەھىھ ھەدىس بىلدۈرگەن ناھايتى ئېنىق ھېكمەتتۇر". ["ئەزۋائۇل بايان" 5-توم 342-343-بەتلەر].
مىنادا تۇرۇشنىڭ ھېكمەتلىرىدىن: شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن باز رەھىمەھۇللاھدىن: ئۈچ كۈن مىنادا تۇرۇش ۋە شەيتانلارغا تاش ئېتىشتىن بولغان ھېكمەت نېمە؟ ئۆزلىرىدىن بۇ ھېكمەتلەرنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىت قىلىمىز، رەھمەت ئېيتىمىز؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: مۇسۇلماننىڭ ئىبادەت ئىشلىرىدا گەرچە ھېكمەتنى بىلمىسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشى ۋە شەرىئەتكە ئەگىشىش كېرەك بولىدۇ، ئاللاھ تائالا بىزنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن دىنغا ئەگىشىشكە، ئۆزىنىڭ كىتابىغا ئەگىشىشكە بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: اتَّبِعُوا مَا أُنْزِلَ إِلَيْكُمْ مِنْ رَبِّكُمْ تەرجىمىسى: «(ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار» [سۈرە ئەئراپ 3-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَهَذَا كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ مُبَارَكٌ فَاتَّبِعُوهُ تەرجىمىسى: «بۇ بىز نازىل قىلغان (قۇرئان) مۇبارەك كىتابتۇر، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغۇچىلاردىن بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، (ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار» [سۈرە ئەنئام 155-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ تەرجىمىسى: «ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رۇسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار» [سۈرە ساد 136-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا تەرجىمىسى: «پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار» [سۈرە ھەشىر 7-ئايەت].
ئەگەر بۇنىڭدىكى ھېكمەتنى بىلسىڭىز ئاللاھ تائالاغا ھەىمدە ئېيتىڭ، بىلمىسىڭىز بۇنىڭ سىزگە ھېچ زىيىنى بولمايدۇ.
ئاللاھ تائالا يولغا قويغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھېكمەت ئۈچۈندۇر، ئاللاھ تائالا چەكلىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھېكمەت ئۈچۈندۇر، بىز بۇنىڭدىكى ھېكمەتنى بىلەيلى ياكى بىلمەيلى بۇنىڭ ھېچ زىيىنى يوق.
شەيتانلارغا تاش ئېتىش: بۇنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش ۋە شەيتاننى خار قىلىش ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر.
مىنادا تۇرۇشنىڭ ھېكمىتىنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلگۈچىدۇر، مۇمكىن بۇنىڭدىكى ھېكمەت: مىنادا قونغانلارغا ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، تاش ئېتىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ ۋاقتى كەلگەندە تاش ئېتىشقا تەييار تۇرۇش، ئەگەر خالىسا ئۆزىگە مۇناسىپ كىشىلەر بىلەن تاش ئېتىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا شەيتانلارنىڭ يېنىغا مېڭىش، ئۇنداق بولمىغان تاش ئېتىشتىن كېچىكىپ قالىدۇ ياكى ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋېتىدۇ، ئەگەر مىنادا قونمىغاندا باشقا بىر ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ ھەممە ھېكمىتىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر". ["شەيخ بىن باز پەتىۋالىرى ۋە ماقالىلار توپلىمى" 380-382-بەتلەر].
مۇھەممەد ئەمىن شەنقىتى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭ بىلىشىمچە تاش ئېتىشتىكى ئومۇمى ھېكمەت: ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئىشتا ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلىغا ئاساسەن ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشنى زىكىر قىلدى.
ئەبۇ داۋۇد ئۆزىنىڭ سۈننەت كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: "بىزگە مۇسەددەد ھەدىس سۆزلەپ بەردى، بىزگە ئىسا ئىبنى يۇنۇس ھەدىس سۆزلەپ بەردى، بىزگە ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ زىياد قاسىمدىن، قاسىم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىش، ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش، شەيتانلارغا تاش ئېتىش ئاللاھنىڭ زىكرىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن قېلىندى».
راۋىلاردىن: ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ زىياد دېگەن ئۇ، قەداھ ئەبۇ ھۈسەين مەككىلىك، بىر تۈركۈم ئالىملارنى ئۇنى ئىشەنچىلىك دېگەن، يەنە بەزىلەر ئۇنى زەئىپ دېگەن، ئۇ بايان قىلغان بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى شەكسىز توغرا، بۇنىڭ مەنىسىنىڭ شەكسىز توغرا ئىكەنلىكىگە ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتى شاھىت بولىدۇ: «ساناقلىق كۈنلەردە ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىڭلار»، شەيتانغا تاش ئېتىشمۇ بۇيرۇلغان زىكىرنىڭ قاتارىغا كېرىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى بۇنى ئىسپاتلايدۇ: «كىمكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئالدىراپ تاشنى ئېتىپ قايتىپ كەتسە ئۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ». بۇ ھەدىسمۇ شەيتانغا تاش ئېتىشنىڭ ئاللاھنىڭ زىكرىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ.
لېكىن بۇلار ئومۇمى ھېكمەتلەر، بەيھەقى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ سۈننەت كىتابىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆتۈرۈپ بايان قىلغان ھەدىسدە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مىنادا جەمرە دېگەن جايغا كەلگەندە (ھازىرقى چوڭ شەيتاننىڭ ئورنى) ئۇنىڭغا غەيتان كۆرۈندى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام شەيتانغا يەتتە دانە تاشنى ئاتتى، ھەتتا شەيتان زېمىنغا سېڭىپ كەتتى، ئىككىنچى شەيتاننىڭ ئورنىغا كەلگەندە يەنە كۆرۈندى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا يەتتە دانە تاشنى ئاتتى، ھەتتا ئۇ، زېمىنغا سېڭىپ كەتتى، ئاندىن ئۈچىنچى شەيتاننىڭ ئورنىغا كەلگەندە يەنە كۆرۈندى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا يەنە يەتتە دانە تاشنى ئاتتى، ھەتتا ئۇ، زېمىنغا سېڭىپ كەتتى» ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "شەيتانغا تاش ئېتىلىدۇ، ئاتاڭلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەگىشىلىدۇ". [بەيھەقى سۈنەن ئەلكۇبرادا مۇشۇنداق كەلتۈرگەن].
بۇ ھەدىسنى ھاكىم مۇستەدرەكتە كەلتۈرۈپ بۇ ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھ ھەدىس بولسىمۇ ئۇ ئىككەيلەن كىتابىدا كەلتۈرمىگەن دەيدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن بەيھەقى بۇ ھەدىسنى بايان قىلغان، شەيتانغا تاش ئېتىشمۇ ئاللاھنىڭ زىكرىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلدى، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنمىغان، شەيتاننى دۈشمەن تۇتۇش ۋە ئۇنىڭغا تاش ئېتىشتا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قَدْ كَانَتْ لَكُمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ فِي إِبْرَاهِيمَ تەرجىمىسى: «ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان (مۆمىنلەر) سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوبدان نەمۇنىدۇر» [سۈرە مۇمتەھەنە 4-ئايەت].
گوياكى تاش ئېتىش بولسا ئاللاھ تائالا بىزنى دۈشمەن تۇتۇشقا بۇيرىغان شەيتاننى دۈشمەن تۇتۇشنى ئىشارەت قىلىدىغان رەمزىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ الشَّيْطَانَ لَكُمْ عَدُوٌّ فَاتَّخِذُوهُ عَدُوًّا تەرجىمىسى: «شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار» [سۈرە پاتىر سۈرىسى 6-ئايەت].
شەيتاننى دوست تۇتقان كىشىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: أَفَتَتَّخِذُونَهُ وَذُرِّيَّتَهُ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِي وَهُمْ لَكُمْ عَدُوٌّ تەرجىمىسى: «شۇڭا ئۇ (سەجدە قىلمىغانلىقتىن) پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى. مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى دوست قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئىبلىس زالىملار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان بەدەل! (يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا شەيتانغا چوقۇنۇش نېمىدېگەن يامان» [سۈرە كەھەپ 50-ئايەت].
"ئەزۋائۇل بايان" 5-توم 340-341-بەت.
بۇ بىز توختالغان ھېكمەتلەرنىڭ بەزىسى، بەزى ئالىملارنىڭ ھەجنىڭ ئەمىلى ۋە ھېكمىتى توغرىسىدا دېگەن سۆزلىرى، بۇنىڭ كۆپ قىسمى ئېجتىھادقا كۆرە دېيىلگەن سۆزلەر، بۇنىڭ كۆپ قىسمىدا مۇشۇ كاتتا ئىبادەتنىڭ تەپسىلاتلىرىنىڭ يولغا قويۇلىشىدىن مەقسەت قىلغان ھېكمەت دېگەنگە دەلىل يوق.
شۇنىڭ ئۈچۈن: بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە: ھەج ئەمەللىرى مەنىسى بىلىنمەيدىغان پىرىنسىپتۇر، بەندىلەرنىڭ ئۆز رەببىگە بولغان تائەت-ئىبادىتىنىڭ چېكى قانچىلىك شۇنى ئىمتىھان قىلىش ۋە سىناش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى خالىغان ئىشلار بىلەن سىنايدۇ ۋە ئىختىبار قىلىدۇ.
ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۇنى بىلىڭكى، ئىبادەتنىڭ ئەسلى بىلىنىدۇ، ئۇ بولسىمۇ بەندىنىڭ ئۆز ئىگىسىگە خار بولىدۇ، بويسۇنىشى ۋە ئىتائەت قىلىشىدۇر، نامازدا ئىبادەتتىن چۈشىنىلىدىغان رەببىگە خارلىق، تۆۋەنچىلىك بار.
زاكاتتا باشقىلار سۆيۈنۈش ۋە ياردەم بېرىشنىڭ مەنسى چۈشىنىلىدۇ.
روزىدا نەپسىنىڭ شەھۋىتىنى سۈندۈرۈپ ئۆزىنىڭ رەببىگە ئىتائەت قىلىشقا بويسۇندۇرۇش بار.
بەيتۇللاھنىڭ شەرەپ ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ شەكىلدە قويۇلىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى كاتتا ھۆرمەتلىك قىلىشى، كىشىلەرنىڭ ھەر تەرەپتىن چاڭ-توزانغا مېلىنىپ كېلىشى، قۇلنىڭ ئۆز خوجايىنىنىڭ يېنىغا خار بولۇپ، ئۈزۈرلۈك بولۇپ يۈزلىنىشىگە ئوخشايدۇ، بۇ چۈشىنىشلىك ئىش.
ئىنساننىڭ كۆڭلى دېگەن ئىبادەتتىن چۈشەنگەن نەرسىگە ئۇلپەت بولىدۇ، تەبىئىتىنىڭ ئۇنىڭغا مايىل بولىشى ئۇنى قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، قوزغايدۇ، ئۇنىڭغا ئادەت قىلىدۇ، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنى تامام قىلىش ئۈچۈن ۋەزىپىسىنى چۈشەنمەيدۇ، خۇددى سەئيى قىلغان ۋە تاش ئاتقانغا ئوخشاش، ھەقىقەتەن نەپسى ئۈچۈن بۇنى مۇلاھىزە قىلغاندا، تەبىئىتى بۇنىڭغا كۆنمەيدۇ، ئەقىل ئۇنى بىلىشكە يول تاپالمايدۇ، ئۇنىڭدىكى بۇيرۇققا قوزغاتقۇچى بولمايدۇ، بۇ يەردە پەقەت بۇيرۇق ۋە ئۇنىڭغا تولۇق بويسۇنۇش بولىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن ئېنىق بولمىغان ئىبادەتتىكى سىر-ئەسرارلارنى بىلىش روشەن بولىدۇ". ["ساكىن بولغۇچىنىڭ ئىرادىسىنى قوزغاش" 285-286-بەتلەر].
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! ھەج-ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا بەندە ئۈچۈن يولغا قويۇلغىنى: ھاجىلار ۋە ئۆمرە قىلغۇچىلارغا قىلىش يولغا قويۇلغان ئىشلارنى قىلىش، يولغا قويۇلمىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش، ھەج-ئۆمرە جەريانىدا ھەر بىر پائالىيەتنى قىلىدىغان ۋاقىتتا شەرىئەت رەتلىگەن زىكىرلەرنى تەپەككۇر قىلىشقا تېرىشچانلىق قىلىشنى ئەسلىتىش ئۈچۈندۇر. بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كاتتا ھەجنىڭ مەقسىدىدۇر. ھەج ۋە ئۆمرە قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ھەج-ئۆمرە زامانىدا ۋاقتىنى بىھۇدە ئىشلارغا سەرپ قىلماسلىقى كېرەك، بەلكى كۈچىنىڭ يېتىشچە ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىشقا تېرىشچانلىق قىلىشى، ئاللاھ تائالانىڭ شۇئارلىرىنى ھەقىقى ئۇلۇغلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ذَلِكَ وَمَنْ يُعَظِّمْ شَعَائِرَ اللَّهِ فَإِنَّهَا مِنْ تَقْوَى الْقُلُوبِ تەرجىمىسى: «ئىش مانا شۇنداق، كىمكى دىنىي ئىشلارنى (جۈملىدىن ھەجنىڭ ئەمەللىرىنى، قۇربانلىقلارنى) ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ، دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇ» [سۈرە ھەج 32-ئايەت].
ھەج-ئۆمرەنىڭ سۈپەتلىرى ۋە ئۇنىڭدا يولغا قويۇلغان زىكىرلەرنى تەپسىلى بىلىش ئۈچۈن (31822)، (31819)، (34744)، (47732)، (109246) بۇ نومۇرلاردىكى پەتىۋالارغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.