شەنبە 23 مۇھەررەم 1447 - 19 ئىيۇل 2025
Uygur

رۇخسەت قىلىنغان رەسىملەر ۋە يۇمۇرلۇق سۆزلەر ۋە توقۇلما چاقچاقلارنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

217461

تارقاتقان ۋاقىت : 23-07-2025

كۆرگۈچىلەر : 1

سۇئال

مەن سىلەرنىڭ پەتىۋايىڭلاردا: ھەق بولغان چاقچاق دۇرۇس بولىدۇ دېگەننى ئوقۇدۇم، بۇ سۆزنى مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىش مۇمكىن بولامدۇ؟، خۇددى بىر كىشىگە دېگەن سۆزنىڭ قارشىسىنى مەقسەت قىلىپ ئاۋاز تاۋۇشلىرى ئارقىلىق ئىشارەت قىلىپ مەسخىرە سۆزلەر بىلەن چاقچاق قىلىش دۇرۇس بولامدۇ؟، ئۆز خىيالىغا تايىنىپ چاقچاقلارنى قىلسا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە يالغاننىڭ ھەممىسى ھارامدۇر، بەلكى يالغانچىلىقنىڭ ئەڭ قەبىھ، ھارام ئىش ئىكەنلىكىگە بارلىق دىنلاردا ئىتتىپاققا كەلگەندۇر. قايسى مىللەتتىن بولسۇن بۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ساغلام تەبىئەتتە قارار ئالغاندۇر.

مۇسۇلمانغا بارلىق ئەھۋاللاردا سۆزىدە راستچىل بولۇش زۈرۈر بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَكُونُوا مَعَ الصَّادِقِين تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار» [سۈرە تەۋبە 119-ئايەت].

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن راستچىللىق ياخشىلىققا، ياخشىلىق جەننەتكە يېتەكلەيدۇ، ئىنسان دائىم راستچىل بولسا ئاللاھنىڭ نەزىرىدە راستچىللار دەپ يېزىلىدۇ، ھەقىقەتەن يالغانچىلىق پىسقى-پۇجۇرغا، پىسقى-پۇجۇر دوزاخقا يېتەكلەيدۇ، ئىنسان دائىم يالغان سۆزلەيدىكەن، ئۇ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە يالغانچى دەپ يېزىلىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى 6094-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2607-ھەدىس ].

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تۆت تۈرلۈك ئىش ھەرقانداق كىشىدە بولىدىكەن، ئۇ كىشى خالىس مۇناپىق بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭدىن بىرى بولسا ئۇنى تەرك قىلمىغۇچە مۇناپىقلىقتىن بىر خىسلەت بولغان بولىدۇ: ئامانەت قويسا خىيانەت قىلىدۇ، سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ، دەتالاش بولسا بەك ناچار سۆز قىلىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى 34-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 58-ھەدىس].

ئىككىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدىمۇ چاقچاق قىلىپ بولسىمۇ يالغان سۆز قىلىشتىن چەكلىگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: بەھز ئىبنى ھەكىم مۇنداق دەيدۇ: ماڭا ئاتام ئاتىسىدىن ھەدىس بايان قىلىپ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ: «كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغاننى توقۇغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى4990- ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 4990- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

شۇنىڭدەك چاقچاق قىلىپ بولسىمۇ يالغاننى تەرك قىلىش توغرىسىدا ھەدىسلەر بايان قىلىنغان: ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقلىق بولغان جىدەلنى تەرك قىلغان كىشىگە جەننەتنىڭ باغچىسىدىن بىر ئۆي بېرىلىشكە كاپالەتلىك قىلىمەن، چاقچاق بولسىمۇ يالغاننى تەرك قىلغان كىشىگە جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر ئۆي بېرىلىشكە كاپالەتلىك قىلىمەن، ئەخلاقى گۈزەل بولغان كىشىگە جەننەتنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن بىر ئۆي بېرىلىشكە كاپالەتلىك قىلىمەن» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى4800-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"273-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «جىدەلدىمۇ ۋە چاقچاقتىمۇ يالغان سۆز قىلىش توغرا بولمايدۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسىغا بىر نەرسە بېرىشنى ۋەدە قىلىپ ئۇنى ئىجرا قىلماسلىقى توغرا بولمايدۇ» [بۇخارىنىڭ "ئەدابۇل مۇپرەد" نرملىق ئەسىرى387-ھەدىس].

ئۈچىنچى: راستچىللىق ۋە يالغانچىلىق تەرەپتىن بولغان چاقچاق بىر قانچە شەكىلدە بولىدۇ:

بىرىنچى شەكلى: يالغان بولمىغان راست چاقچاق: ئۇ ئەسلىدە دۇرۇس بولىدۇ، مۇناسىپ ۋاقىتتا بولىدۇ، چاقچاق دائىملىق ئادىتى بولۇپ قالماسلىق ياكى كۈچلۈك ھالەتتىكى بۇزۇقچىلىققا ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك.

ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۆلىمالار مۇنداق دېگەن: چەكلەنگەن چاقچاق دېگەن: چاقچاقتا ھەددىدىن ئېشىش، ئۇنى دائىملىق ئادىتى قىلىۋېلىش، بۇ قەلىپنىڭ قاساۋەتلىشىشى ۋە ئورۇنسىز كۈلكىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاللاھنىڭ زىكرىدىن، دىندا مۇھىم بولغان ئىشلار توغرىسىدا پىكىر قىلىشتىن  مەشغۇل قىلىپ قويىدۇ، كۆپ ۋاقتىنى باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش، ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلىش، ئابرۇيىنى چۈشۈرۈش ۋە تەمكىنلىكىنى يوقىتىشقا سەرپ قىلىدۇ. ئەمما بۇ ئىشلاردىن سالامەت بولغاندا دۇرۇس بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ دۇرۇس بولغان شەكىلدە چاقچاق قىلىپ قوياتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەلۇم مەنپەئەت ھاسىل بولىدىغان، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرىدىغان، كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان چاقچاقلارنى قىلىپ قوياتتى، بۇمۇ بەك ئاز ئېدى، ئەگەر چاقچاق بۇ سۈپەتتە بولغاندا، ئۇ ياخشى كۆرۈلىدىغان سۈننەت بولىدۇ". ["ئەلئەزكار"377 -بەت].

ئىككىنچى شەكلى: چاقچاق يالغان بولسا، بۇ شەكىلدىكى چاقچاقنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەلىل يۇقىرىدا بەھز ئىبنى ھەكىيمنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىندى.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھدىن: كىشىلەر ئارىسىدا توقۇلما ھىكايە، سۆزلەرنى قىلسا ئۇنىڭ ھەممىسى يالغان بولسا، بۇنداق قىلىش توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن توقۇلما سۆزلەرنى قىلغان ياكى باشقا غەرەزلەر بىلەن قىلغان كىشى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ. بۇ توغرىدا بەھز ئىبنى ھەكىم: ئاتىسىدىن ۋە ئاتىسى چوڭ ئاتىسىدىن بايان قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغاننى توقۇغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4990- ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 4990-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «جىدەلدىمۇ ۋە چاقچاقتىمۇ يالغان سۆز قىلىش توغرا بولمايدۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسىغا بىر نەرسە بېرىشنى ۋەدە قىلىپ ئۇنى ئىجرا قىلماسلىقى توغرا بولمايدۇ».

ئەگەر چاقچاق مۇسۇلمانغا ئەزىيەت بېرىدىغان ۋە دىنغا دۈشمەنلىك قىلىدىغان شەكىلدە بولسا بۇنىڭ ھاراملىقى بەك كۈچلۈك بولىدۇ، ھەرقانداق ھالەتتە بۇ ئىشنى قىلغۇچى ئۇنى بۇ قىلمىشىدىن قايتۇرىدىغان شەرىئەتنىڭ جازاسىغا ھەقلىق بولىدۇ". ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 32-توم 255-256-بەتلەر].

سەئۇدى ئەرەبىستان دىنى تەشۋىقات، ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېتى ئەزالىرىدىن: يۇمۇرلۇق چاقچاق تەرىقىسىدە يالغان سۆزلەپ قالساق ھارام بولامدۇ ياكى توغرا بولامدۇ؟ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "شۇنداق ھارام بولىدۇ، بەلكى ئۇ چاقچاق بولسىمۇ چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرىدۇر". دىنى تەشۋىقات، ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرى. پەتىۋادا: ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، ئابدۇراززاق ئەپىپى ۋە ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز قاتارلىقلار".(26/52).

ئۈچىنچى شەكلى: راست ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمايدىغان، يۈز بېرىشى مۇمكىن بولىدىغان ۋەقەلىكنى سۆزلەش ئارقىلىق چاقچاق قىلىش، ئالىملارنىڭ بۇ شەكىلنى دۇرۇس دېگەنلىكى ئېنىق، بەزى ئۆلىمالارنىڭ كىتابلىرىدا ئىلگىركى زامانلاردا ئۆتكەن بەزى كىشىلەرگە نىسبەت بېرىلگەن، ئۇنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلىش ئۈزۈرلۈك بولغان، يالغانغا تايانمىغان، ئۆزى نەقىل قىلمىغان، ئۇنى نەقىل قىلغۇچىلار ئۇنىڭ توغرا ۋە راست ئىكەنلىكىنى تاللاشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن كۈلكىلىك ۋەقەلەرنىڭ زىكىر قىلىنغانلىقىنى كۆرۈمىز.

شەيخ ئابدۇل مۇھسىن زامىل مۇنداق دەيدۇ: يۇمۇرلۇق سۆز ۋە چاقچاقلار ئۈچۈن ئۈچ تۈرلۈك ھالەت بولىدۇ:

بىرىنچى ھالەت: بۇنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھالەتتە، بۇنىڭدا ھېچ ئىش بولمايدۇ، لېكىن بۇنىڭ شەرتى: ھىكايە قىلىنغۇچى ئىش ھارام ياكى مەسخىرە ياكى غەيۋەت قاتارلىق ئىشلاردىن سالامەت بولىشى كېرەك، ئەگەر ھىكايە مۇباھ بولسا بۇنىڭدىن چەكلەنمەيدۇ، ئۇ ئەمەلنى ۋەقەلىك ياكى كۈچلۈك قاراشتا يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن بولسا، بۇنىڭدا ھېچ گەپ يوق.

ئىككىنچى ھالەت: بۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ۋە ئەمەلى ۋەقە ئەمەسلىكى بىلىنسە بۇنى ھىكايە قىلىش توغرا بولمايدۇ.

ئۈچىنچى ھالەت: بۇنىڭ راست-يالغان ئىكەنلىكىنى بىلمىسە، بۇنىڭدا ھېچ ئىش بولمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەنى ئىسرائىل ۋەقەلىكىدىن سۆزلەپ بەرسەڭلارمۇ ھېچ ئىش بولمايدۇ» ھەدىستە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئاجايىپ-غارايىپلارنى سۆزلەپ بېرىشكە بۇيرىغان، ئۇلار توغرىسىدا ھىكايە قىلىنغان ئىشلاردا ئاجايىپ ئىشلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر بەرگەن.

ئەبۇ داۋۇد ياخشى ئىسناد بىلەن بايان قىلغان ھەدىستە: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ۋاقىتتا خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ساھابىلارغا بەنى ئىسرائىل توغرىسىدىكى ۋەقەلىكلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى، ياشىنىپ قالغان ياكى باشقا ناماز ئوقۇيدىغانلاردىن باشقىلار ئولتۇرۇپ تىڭشايتتى".

بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى كۈنلىرى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئۇلارغا ئۇزۇن ھىكايە سۆزلەپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇنداق ئەسلى بىلىنمىگەن ھېكايىلەردە يالغانچىلىق بىلىنمىسە يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بۇنى سۆزلىسە بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئىبنى كەسىر ۋە باشقا بىر قىسىم ئالىملار ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

تۆتىنچى شەكلى: خىيالى يۇمۇرلار، ئاڭلىغۇچىلار ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە يۈز بەرمىگەن خىيالى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

ئەگەر بۇنى تەلىم-تەربىيە ۋاستىسى قىلىپ سۆزلەش ئارقىلىق بىرەر مەنپەئەتنى ھاسىل قىلىش ئۈمىد قىلىنسا ياكى بىرەر يېڭىلىق  پەيدا بولغان بولسا، بۇنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە نۇرغۇن ئالىملار پەتىۋا بەرگەن.

شەيخ مۇھەممەد رەشىد رىزا رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئۆلىمالىرىمىز يازغان دىنى ۋە باشقا مەكتەپلەردە دەرىسلىك قىلىنىدىغان مۇشۇ بايان ھېكايىلىرى ۋە ئەدەبىياتلارنى (ماقاماتۇل بەدىي ۋە ماقاماتۇل ھەرىيرى دېگەندەك)، شۇنىڭغا ئوخشاش "كەلىيلە دەمىينە" دېگەندەك ھايۋاناتلار توغرىسىدا ۋەقەلەر سۆزلەنگەن قىسسە كىتاپلىرىنى بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە ھېچ بىر ئالىمنىڭ ھارام دەپ پەتىۋا بەرگەنلىكىنى بىلمەيمىز، چۈنكى بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: ۋەز-نەسىھەت ۋە باشقا پايدىلارنى بايان قىلىش ۋە ئۇنىڭ پارچىلىرىدىن مەقسەت قىلىنمىغان خەۋەرنى سۈرەتلەپ بېرىشتۇر، بىز ھېچ بىر ئۆلىمانىڭ بۇ ماقاماتلارنى ئوقۇشنى ھارام دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىدۇق". ["ئىمام مۇھەممەد رەشىد رىزا پەتىۋالىرى"  3 -توم 1091 -1092-بەت.]

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىنسان مەسەل بايان قىلسا، مەن سىلەرگە مۇنداق بىر ئادەمنىڭ مىسالىنى ياكى قىلغان بىر ئىشىنىڭ مىسالىنى بايان قىلىپ بېرەي، ئۇ ئىش يۈز بەرگەن، ئۇنىڭ نەتىجىسى مۇنداق بولغان دېسە، بۇنىڭدا ھېچ ئىش بولمايدۇ، ھەتتا بەزى ئالىملار قۇرئان كەرىمدىكى: وَاضْرِبْ لَهُم مَّثَلًا رَّجُلَيْنِ جَعَلْنَا لِأَحَدِهِمَا جَنَّتَيْنِ مِنْ أَعْنَابٍ وَحَفَفْنَاهُمَا بِنَخْلٍ وَجَعَلْنَا بَيْنَهُمَا زَرْعًا تەرجىمىسى: ئۇلارغا مۇنداق بىرى مۆمىن، بىرى كاپىر بولغان ئىككى ئادەمنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن: ئۇلارنىڭ بىرىگە (يەنى كاپىرغا) بىز ئەتراپى خورمىزارلىق، (ئىككى باغنىڭ) ئوتتۇرىسى ئېكىنزارلىق بولغان تاللىق ئىككى باغ ئاتا قىلدۇق». [كەھەپ سۈرىسى 32-ئايەت.]

بۇ ۋەقەلىكنىمۇ ھەقىقى بولغان ۋەقەلىك ئەمەس دەيدۇ.  يەنە قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا رَّجُلًا فِيهِ شُرَكَاءُ مُتَشَاكِسُونَ وَرَجُلًا سَلَمًا لِّرَجُلٍ هَلْ يَسْتَوِيَانِ مَثَلًا الْحَمْدُ لِلَّهِ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: «ئاللاھ (سىلەرگە مۇنداق) بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ:  بىر قۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا (ئىشقا سېلىشنى) تالىشىدىغان نۇرغۇن خوجايىنلار ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ بىرسى بۇ ئىشقا، بىرسى ئۇ ئىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇ كىمنى رازى قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ، يەنە بىر قۇل بولۇپ، ئۇ بىر ئادەمگىلا خاستۇر، بۇ ئىككى قۇل (يەنى ئۇنىڭ ئەھۋالى) باراۋەرمۇ؟ جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! بەلكى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى بىلمەيدۇ». [سۈرە زۇمەر 29 -ئايەت].

ئىنسان مۇئەييەن بىر كىشىگە نىسبەت بېرىلمىگەن ۋەقەلىكنى خۇددى ئۇنى بولغان ۋەقەلىكتەك سۆزلىسە، بۇنىڭ ئاقىۋىتى مۇنداق، مۇنداق بولغان دېسە، بۇنىڭدا ھېچ گەپ يوق.

يالغان بىر ئىشنى بىر شەخسكە نىسبەت بېرىپ سۆزلىگەن بولسا، بۇ ھارام ۋە يالغانچىلىق بولىدۇ، شۇنىڭدەك بۇنداق ئىشلارنى باشقىلارنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن سۆزلىسىمۇ ھارام بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغاننى توقۇغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي». ["ئۆچۇق سۆھبەت "(77/23)].

شەيخ ئىبنى جىبرىين رەھىمەھۇللاھدىن:  ھازىر قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا باشقىلارنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان بولغان يۇمۇرلارنى سۆزلەيدىغان ئىشلار كەڭ تارقالدى، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىنغاندا، ئۇلار: گەرچە ئۇنىڭ راست ئىكەنلىكى بىلىنمىسىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان يۇمۇرلۇق سۆزلەرنى قالسا بولىدۇ دەيدۇ، بۇ توغرىمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "يۇمۇر-چاقچاق دېگەن غەلىتە ھىكايىلەرگىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭدىن ئەمەلنى بولغانلىرى بولىدۇ، مىسال بايان قىلىشنى مەقسەت قىلىپ خىيالى بولغانلىرى بولىدۇ، قانداقكى، ھەرىيرى ئۆزىنىڭ ماقاماتىدا ۋە باشقا ئالىملارمۇ ئۆز كىتابلىرىدا مۇشۇ يۇمۇر-چاقچاقلارنى يازغاندەك.

لېكىن كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان يۇمۇرلارنى سۆزلەش چەكلەنگەن. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغاننى توقۇغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي».

ئەمما سورۇنغا ھازىر بولغانلار بۇنىڭ ئەمەلى ۋاقىئە ئەمەس، خىيالى ئىكەنلىكىنى لېكىن يۈز بېرىشىنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلسە، ئۇنىڭدا مۇشۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىپ قىلىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بولسا، ياكى مۇشۇنداق ۋەقەنىڭ ئوخشىشىغا تەييارلىق قىلىش بولسا، بۇ دۇرۇسلۇق يولىغا ئاساسەن بولىدۇ.

ئىبنى ئۇسەيمىن ۋە ئىبنى جىبرىين -ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن-بۇ ئىككى شەيخنىڭ پەتىۋاسىدىن بولغان چۈشەنچە:  بۇنىڭ دۇرۇس بولىشى بۇ ۋەقەلىكنىڭ ئىبرەت ئېلىش ۋە پايدىلىنىش ئۈچۈن توقۇلغان بولىشى، مۇئەييەن بىر كىشىگە نىسبەت بېرىلمىگەن بولىشى كېرەك، ئەمما مۇئەييەن بىر كىشىگە نىسبەت بىرىلگەن ياكى باشقىلارنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن توقۇلغان بولسا دۇرۇس بولمايدۇ.

ئىلگىرىكى ئالىملاردىن شافىئى مەزھىپىدىكى ئىبنى ھەجەر ھەيتەمى رەھىمەھۇللاھمۇ مۇشۇنداق تەپسىلات بىلەن پەتىۋا بەرگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن: «بەنى ئىسرائىل ۋەقەلىكىدىن سۆزلەپ بەرسەڭلارمۇ ھېچ ئىش بولمايدۇ» دېگەن ھەدىس ۋە يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاجايىپ-غارايىپلار ئىشلار بولغان» دېگەن ھەدىس توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: "بۇ ئاجايىپ ئىشلارنى دەلىل-ھۆججەت ئۈچۈن ئەمەس بەلكى يول تېپىش ئۈچۈن ئاڭلىسا بولىدۇ، بۇنىڭدىن ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلارنى، يالغان ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلمايدىغان ھەر قانداق سۆزنى، يول تېپىش مەقسىتىدە بەلكى ئۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلسىمۇ لېكىن ئۇنى مىسال بايان قىلىش، ۋەز-نەسىھەت قىلىش، تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى، ئادەملەر تېلىدىكى ۋە ھايۋاناتلار ئارىسىدىكى باتۇرلۇقنى بىلىش مەقسىتىدە ئاڭلاشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى ئېلىنىدۇ.  "[تۆھپەتۇل مۇھتاج بىشەرھىىل مىنھاج"  9 -توم 398 -بەت].

بەشىنچى شەكلى: سوئالدا زىكىر قىلىنغان: خۇددى بىر كىشىگە دېگەن سۆزىنىڭ قارشىسىنى مەقسەت قىلىپ ئاۋاز تاۋۇشلىرى ئارقىلىق ئىشارەت قىلىپ مەسخىرە سۆزلەر بىلەن چاقچاق قىلىش دۇرۇس بولامدۇ؟، ئۆز خىيالىغا تايىنىپ چاقچاقلارنى قىلسا بولامدۇ؟. بىزنىڭ بۇ شەكىللەردىن چۈشەنگىنىمىز، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ دوستىدىن:  سېنىڭ يېنىڭدا مۇنداق نەرسە بارمۇ؟ دەپ سورىسا، دوستى ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ: يوق دەپ ئاۋاز تاۋۇشلىرى ئارقىلىق ئىشارەت قىلىپ سوئال سورىغۇچى چۈشىنىدىغان مەنادا چاقچاق قىلىپ ھەئە دېگەن مەنىنى ئىپادىلىگەننىڭ مىسالىدۇر.  بۇ شەكىلگە كەلىمە تەرەپتىن قارىساق، بۇنىڭدا يالغانچىلىق بار، چۈنكى "ياق" ۋە ئۇنىڭ ئەكسى بولغان "ھەئە" دېگەن سۆز.

لېكىن بۇنىڭغا ئاڭلىغۇچىنىڭ چۈشەنچىسى تەرەپتىن قارىساق يالغان بولمايدۇ، چۈنكى ئاڭلىغۇچى راست مەنىگە يەتتى، چۈنكى سۆزلۈك تىلدا ئۇنى سۆزلىگەن يول ۋە دېيىلگەن ھالەتكە قاراش بىلەن باشقا بىر مەنىنى بىلدۈرىدۇ، مەسىلەن:  بۇ نېمە؟ دېگەن سۆز، سوئال مەنىسىدە بولۇپ، بەزى ۋاقىتتا ئىنسان بۇ سۆزنى مۇئەييەن ئاۋاز تاۋۇشى ئارقىلىق سۆزلەيدۇ، بۇنىڭدىن ئەجەپلىنىش ياكى ئىنكار ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان مەنىلەر چۈشىنىلىدۇ.

ئىمام شاپىئىيدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ۋەقەلىكمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ:  مۇشەۋۋىش بىر ئادەم يولدا ئايالى بىلەن بىرگە كېتىۋاتقان ھەدىس ئالىمى شەئبى بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىپ: ئىككىڭلارنىڭ قايسىسى شەئبى؟دەپتىكەن، شەئبى:  ماۋۇ دەپ ئايالىنى كۆرسىتىپتۇ، ئىلىم ئەھلىلىرى بۇ ۋەقەلىكنى زىكىر قىلىدۇ، ئىمام زەھەبى رەھىمەھۇللاھمۇ "سىيەر ئەئلامۇن نۇبەلادا" 4-توم 311-بەتتە كەلتۈرۈپ ئۇنىڭغا ھېچ قانداق بىر ئىلاۋە بەرمىگەن.

بۇ گۇمانلىق شەكىل بولۇپ ئىلىم ئەھلىنىڭ بۇ توغرىدىكى تېكىستلىرىدە توختالمايمىز، بۇنىڭدىكى ئەمەلنى ۋەقەلىك، مەقسەتنى بايان قىلىشنىڭ ئېنىقلىقى بۇنىڭ رۇخسەت ۋە دۇرۇسلۇققا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، گۇماندىن خالى بولۇش ئۈچۈن بۇنداق ۋەقەنى سۆزلىمەسلىك ياخشى بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇن گۇمانلىق ئىشلار بار، بۇنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، گۇمانلىق ئىشلاردىن ساقلانغان كىشى ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە ئابرۇيىنى ساقلاپ قالىدۇ، گۇمانلىق ئىشقا چۈشۈپ قالغان كىشى چېگرا ئەتراپىدا قوي بېقىپ، قويى چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىدىغان كىشىگە ئوخشايدۇ». [بۇخارى رىۋايتىى52-ھەدىس].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى