شەنبە 27 رەبىئۇسسانى 1448 - 10 ئۆكتەبىر 2026
Uygur

ئۆزى بىلەن سۇنىڭ ئارىلىقى ئون مىنۇتلۇق يىراقلىقتا بولسا تەيەممۇم قىلسا بولامدۇ؟

149922

تارقاتقان ۋاقىت : 05-08-2026

كۆرگۈچىلەر : 20

سۇئال

خىزمەت ياكى سەپەر جەريانىدا ناماز ۋاقتى بولسا، سۇ ئون -ئونبەش مىنۇتلۇق ئارىلىقتا بولسا، تەيەممۇم قىلىشىم دۇرۇس بولامدۇ ياكى سۇ بار جايغا بېرىپ  تاھارەت ئىلىپ ناماز ئوقۇيمەنمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بۇ مۇساپە شەرىئەتكە چۈشمەيدۇ بەلكى ئۆرپ-ئادەتتۇر، توغرىسى سۇ بار جايغا بېرىپ شۇ سۇدا تاھارەت ئېلىشى ياكى غۇسۇل قىلىش كېرەك بولسا غۇسۇل قىلىشى كېرەك بولىدۇ، بۇنداق ھالەتتە تەيەممۇم قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئون -ئونبەش مىنۇتلۇق ئارىلىق يېقىن ئارىلىق بولۇپ، ئادەتتە يىراق دېيىلمەيدۇ، سۇ بار ئارىلىق يىراق بولمىغاندىن كېيىن تاھارەت ئالماسلىق توغرا بولمايدۇ، مەيلى خىزمەتتە بولۇڭ ياكى سەپەردە بولۇڭ سۇ بار جايغا بېرىپ شەرىئەت كۆرسەتمىسى بويۇنچە تاھارەت ئىلىشىڭىز، ئەگەر جۇنۇپ بولسىڭىز غۇسۇل قىلىشىڭىز ئاندىن نامازنى ئادا قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. ئۆرپ- ئادەتتە يېقىن دەپ قارىلىدىغان ئارىلىق تاھارەت ئالماسلىققا بانا بولۇپ يىراق دەپ تەيەممۇم قىلىشقا ئۈزۈر بولالمايدۇ."

شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى 2 -توم 653 -بەت.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى