بىرىنچى: ئايال بىلەن ئېرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئارىسىدا يۈز بېرىدىغان كېلىشەلمەسلىك مەسىلىلىرى بەك كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن قايسى بىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كېلىشەلمەسلىكنىڭ سەۋەبىگە قاراش تەلەپ قىلىنىدۇ:
1-بۇ سەۋەپ ئەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەبىئىتىگە قاراپ بېقىش كېرەك، چۈنكى يامانلىق بەزى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە سېڭىپ كەتكەن، ئۇلار كېچىككىنە ئىشلارنى چوڭايتىدۇ، ئېتىبارسىز ئىشلارنى كۆپتۈرىدۇ، بۇ ئىشلار ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ پەرزەنتى بىلەن ئايالى ئارىسىدىكى مەسىلە ئەمەس بەلكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان ئومۇمى مەسىلىدۇر، بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا توغرىدىن خاتانى، ياماندىن ياخشىنى بىلدۈرۈش، ھەقىقى ئىمان ۋە تەقۋادارلىقتا تەربىيىلەش قاتارلىق تەرەپلەردىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك بولىدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئەر ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەبىئىتىنى بىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئايالى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماسلىقى، ئۇنى ئېتىبارغا ئالماسلىقى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇلارنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىشى، ئايالىغا بولسا، ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن ناھەقچىلىق يۈز بېرىپ قالسا بۇنى كۆڭلىگە ئالماسلىق توغرىسىدا تەسەللى قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ.
2-بەزى ۋاقىتتا كېلىشەلمەسلىك سەۋەبى ھەر ئىككى تەرەپتە بولىدۇ: ئەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئوغلىنىڭ ئايالى بىلەن بەك ياخشى ئۆتكەنلىكى، بىر-بىرىگە ئامراق بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە بۇنىڭغا ئېچى تارلىقى تۇتۇپ كۈنلەپ قالىدۇ، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يولى: ئەر ئائىلىسىدىكىلەرگىمۇ بەزى ھەدىيە-سوغاتلارنى تەقدىم قىلىشى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشى، ئايالىغا بولغان مېھرى-مۇھەببىتىنى ئائىلىسىدىكىلەر ئالدىدا بەك نامايەندە قىلماسلىقى ۋە ئۇلارنىمۇ كۆزدە تۇتۇشى شۇنداقلا ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ ئۇلارنىڭ دىلىدىن كۈندەشلىك ۋە يامان كۆرۈشنى يوق قىلىۋېتىشنى تىلەپ دۇئا قىلىشى كېرەك.
3-بەزى ۋاقىتتا بۇ كېلىشەلمەسلىكنىڭ سەۋەبى: ئەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كېلىننىڭ ئوغلىنىڭ خىزمىتىنى تولۇق ئادا قىلمىغانلىقىنى، پەرزەنتلىرىگە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى، ئۆي تۇتۇشىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقىنى كۆرىدۇ ياكى كېلىن ئېرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېھتىرام قىلماستىن ئۇلارغا ناچار مۇئامىلىدە بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ بۇ توقۇلما بولماستىن رېئاللىقتا نۇرغۇن كېلىنلەردە تېپىلىدىغان ئىشتۇر. بۇ ئۇلار ئارىسىدىكى كېلىشەلمەسلىكنىڭ ئىجابىي تەرىپىدۇر!، چۈنكى كېلىن ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى ۋە چەكتىن ئاشۇرۋەتكەنلىكىنى تونۇسا، خاتالىقىنى تۈزەتسە، بوشلۇقنى تولدۇرسا، ئىشلىرىنى تولۇق ئادا قىلسا بولىدۇ، كېلىننىڭ ھەممە ئىشلىرى مۇكەممەل ۋە ئەخلاقى بەك گۈزەل بولىشىنى تەلەپ قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ، بۇ ئۇلار ئارىسىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاسان يولىدۇر، چۈنكى كېلىنگە نىسبەتەن بۇنى تۈزىتىش ئوڭاي ۋە ئاسان بولىدۇ، ئۆزىنى تۈزەتسە، ئېرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئارىسىنى ئىسلاھ قىلسا، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولسا، ھۆرمەت-ئېھتىرامدىن ھەر كىشىگە تىگىشلىك ھەققىنى بەرسە، بۇنىڭ بىلەن بۇزۇلغان ئىشلار تۈزىلىدۇ ۋە يەنە بىر تەرەپتىن ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىدۇ.
ئىككىنچى: بىزنىڭ قارىشىمىزچە: ئەر ئايالىغا ئۇنىڭ بىلەن ئائىلىسىدىكىلەر ئارىسىدا بولغان كۆڭۈلسزلىكلەرنى باشقا بىر كىشىگە ئاڭلاتماسلىقىنى بۇيرىغان بولسا، ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىپ بۇنى باشقىلارغا ئاڭلاتماسلىقى زۆرۈر بولىدۇ، ئەرنىڭ بۇ قارارىدا ئايالنىڭ راھەتلىنىشىدىنمۇ يۇقىرى بولغان زور بىر مەنپەئەت بار، بۇنداق ئىشلار ئاشكارا بولسا، ئەتراپقا تارالسا، ئاڭلىغان ھەر بىر كىشى ئۆز قارىشىنى بىلدۈرىدۇ، بەزىلەر ھىيلە-مىكىر قىلىشى مۇمكىن، بەزىلەر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن توغرا بولمىغان پىكىرلەرنى بېرىشى مۇمكىن، بۇنداق ئىشلار ئۇلار ئارىسىدىكى يىرىكلىشىشنى كېڭەيتىدۇ، قىيىنچىلىقنى كۆپەيتىدۇ، ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى زىيادە قىلىدۇ، ئۇنداق بولغاندا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش قىيىن بولىدۇ ياكى تەس بولىدۇ.
ئايالنىڭ ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ بىرىگە ئەھۋالنى بايان قىلىشى توغرا بولىدۇ، بۇ ھارام بولغان غەيۋەتنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ. بۇ توغرىدا7660 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن. شۇنداقتىمۇ ئەر ئايالىنىڭ بۇ دۇرۇس بولغان ئىشىنى توسۇشنى شەرئى تەرەپتىن پايدىلىق دەپ قارىسا، ئايالىنى بۇنىڭدىن چەكلىشى توغرا بولىدۇ.
بىزنىڭ قارىشىمىزدا: سىز ئېرىڭىزنىڭ سۆزىگە خىلاپلىق قىلىپ سىز بىلەن ئېرىڭىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئارىسىدا بولغان ئىشنى ھەمشىرىڭىز ۋە ئاكىڭىزنىڭ ئايالىغا ئېيتىپ خاتا قىلدىڭىز، بۇنى تۈزىتىشنىڭ يولى: سىز ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىش توغرىسىدا ئۇلار بىلەن سۆزلەشمەسلىكىڭىز، ئۇلار بۇرۇن سىز دېگەن سۆزلەرنى ھېچ كىشىگە دېمەسلىكنى ئۆتىنىشىڭىز لازىم، بۇ ئىشىڭىزنى ئېرىڭىزگە دېيىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى بۇ ئىشنى ئېرىڭىزگە دېسىڭىز پايدا بولماستىن بەلكى ئاراڭلاردا كۆڭۈلسىزلىك كېلىپ چېقىشى مۇمكىن. ئېرىڭىز سىزنى ۋە قىلغان ئېشىڭىزنى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن، سىزنى ھەمشىرىڭىز ۋە ئاكىڭىزنىڭ ئايالى بىلەن پاراڭلىشىشتىن چەكلەپ قويۇشى مۇمكىن، بۇنداق ۋاقىتلاردا شەيتان ۋەسۋەسە قىلىپ، ئىشنى چوڭايتىپ شۇ سەۋەپتىن ئېرىڭىز بىلەن سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكەر ئارىسىغا ئاداۋەت سىلىشى مۇمكىن.
ئۈچىنچى: سىز ئېرىڭىز ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھېكمەت بىلەن، گۈزەل شەكىلدە مۇئامىلە قىلىشىڭىز كېرەك سىز ئۇنى قىلالايسىز، چۈنكى بىزگە سىزنىڭ شۇنداق قىلالايدىغانلىقىڭىز سوئالدا بايان قىلغان مۇنۇ سۆزىڭىزدىن ئېنىق بولدى: " چۈنكى مەن ۋە ھەمشىرەلىرىم بىزگە ناچارلىق قىلغانلارغا رەددىيە بەرمەسلىك ئاساسىدا تەربىيىلەنگەن، ھەتتا گۈزەل شەكىلدە رەددىيە بېرىشىمىزمۇ يوق دىيەرلىك، ئۇنىڭدىن كېيىن كۆڭلۈمدە ئازابلىنىمەن"، يەنە سىزنىڭ كىيىنكى: " چۈنكى مەن ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارغاندا كۆڭلۈمنىڭ قانچىلىك بىئارام بولىدىغانلىقى ئېچىمنىڭ سىقىلىدىغانلىقىنى ئۆزۈم بىلىمەن، ئۇلارغا بىلدۈرمەيمەن، بۇنداق قىلىش ئادەت بولۇپ قاپتۇ، لېكىن ئېچىم ئاچچىققا توشۇپ كەتتى"، بۇنداق ئىشلارنى ئۆزىنى كونترول قىلالايدىغان ۋە ئەقىللىق تەمكىن كىشىلەرلا قىلالايدۇ.
سىزدىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلار:
1-ئېرىڭىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئاڭلىغان سۆزلەرنى بىلمەسكە سىلىڭ، چۈنكى ئۇلارنىڭ سىزنى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئېنىق بۆھتان ئىكەنلىكىنى بىلىسىز.
2-ئۆزىڭىزنى تۈزەشتۈرۈڭ، ئۆينى چىرايلىق، پاكىز تۇتۇڭ، بالىلىرىڭىزغا ئەھمىيەت بېرىڭ، ئەگەر ئۇلاردىن ئاڭلىغان ئىشلاردىن سىزدە بولۇپ قالسا، بۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى تۈزىتىۋالىسىز، خىزمەتلىرىڭىزنى تولۇق ئادا قىلالايسىز.
3-سىز گۈزەل ئۇسلۇب، چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئېرىڭىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا ئۇرۇنۇپ بېقىڭ، پات-پات ئۇلارنى يوقلاپ تۇرۇڭ، ئۇلارغا لايىق شەكىلدە ھەدىيە-سوغاتلارنى تەقدىم قىلىڭ، ئايرىم تاماق قىلىپ بېرىڭ، تاتلىق-تۈرۈملەرنى ئېلىپ بېرىڭ، ھەدىيە-سوغاتنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ دىلىنى يېقىنلاشتۇرۇش، دوستلۇقىنى زىيادە قىلىش ۋە مۇھەببەتنى كۈچەيتىشتە ئالاھىدە رولى بارلىقىنى ھەممە بىلىدۇ.
4-ئۆزىڭىز بىلەن ئېرىڭىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ھېچ بىر كىشىگە سۆزلىمەسلىك بىلەن ئېرىڭىزغا ياخشىلىق قىلىڭ، ئۇنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىڭ، ئۇنى سىزدىن ياقتۇرمايدىغان سۆزنى ئاڭلىمايدىغان ۋە ئىشلارنى كۆرمەيدىغان قىلىڭ.
5-شۇنىڭ بىلەن بىرگە: بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ سىزگە قىلغان، قاراتقان قۇرۇق-سۆز، تۆھمەتلىرىگە پۈتۈنلەي سۈكۈت قىلىڭ دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ، لېكىن بىزنىڭ سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: سىز بۇ ئىشنى ئېرىڭىزگە بايان قىلىڭ، بۇ ئىشلارنى تۈزۈتۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۇنىڭ ئۇستىگە يۈكلەڭ، ھەر كىشىگە ئۆزىنىڭ ھەققىنى بېرىڭ، ئۇنىڭغا سىزگە ۋە ئائىلىدىكىلەرگە گۈزەل شەكىلدە تەربىيە قىلىشى كېرەكلىكىنى نامايەندە قىلىڭ.
6-ئاخىردا: ئېرىڭىزگە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېنىدىن يۆتكىلىپ يىراقراق ئولتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر بەرسىڭىز بولىدۇ، ئېرىڭىزنىڭ بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىشى زۆرۈر ئەمەس، سىزنىڭ ئايرىم، مۇستەقىل ئۆيدە ئولتۇرۇش ۋە بۇنىڭ بىلەن كۆڭۈللۈك ياشاش ھەققىڭىز بار، لېكىن ھېكمەتلىك ۋە پايدىلىق بولغىنى، ئەر ئايالى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن چىقىشالمىغانلىقىنى بىلگەن ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەردىن يىراقراق ئولتۇرۇشىدۇر، بۇنداق قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارىسىدىكى تۇغقانلىق ئالاقىسىنى كۈچەيتكىلى ۋە قەلىپتىكى ئۆچ كۆرۈش ۋە ياقتۇرماسلىق كېسەللىرىنى چېقىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ.
ئۆزىڭىزگە يۈكلەنگەن تائەت-ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىش بىلەن بىرگە رەببىڭىزگە دۇئا قىلىپ ياردەم سوراڭ، ئاللاھ تائالادىن سىلەرنى ئۆزى رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى ۋە ھەممىڭلارنى ياخشىلىققا جەم قىلىشىنى سورايمىز.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.