ئۆتۈك-مەيسە-پايپاقلارغا مەسىھ قىلىشنىڭ دۇرۇس بولىشى ئۈچۈن ئۇنى نىيەت قىلىش شەرت ئەمەس، ئەگەر ئۇ ئاياغلارنى تاھارەت ئالغاندىن كېيىن كىيگەن بولسا، ئەگەر ئۇ كىشى مۇقىم بولسا بۇنىڭغا بىر كېچە-كۈندۈز مەسىھ قىلىدۇ، مۇبادا مۇساپىر بولسا ئۈچ كېچە-كۈندۈز مەسىھ قىلىدۇ.
ئۆتۈك-مەيسە-پايپاقلارغا مەسىھ قىلىشنىڭ شەرتلىرىنى بىلىش ئۈچۈن 9640 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئىككى ئاياغقا مەسىھ قىلىشنىڭ دۇرۇس بولىشى ئۈچۈن مەسىھ قىلغاندا بۇنى نىيەت قىلىش شەرت قىلىنامدۇ؟، شۇنىڭدەك مەسىھ قىلىدىغان مۇددەتنىمۇ نىيەت قىلامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " بۇيەردە نىيەت قىلىش ۋاجىپ ئەمەس، چۈنكى بۇ ھۆكۈم شۇ ئىشنىڭ تىپىلىشىغا ئالاقىدار بولغان ئىشتۇر، بۇنىڭ نىيەتكە ئېھتىياجى بولمايدۇ، قانداقكى، ئىنسان كىيىم كىيسە بۇنىڭ بىلەن نامازدا شۇنىڭدەك ئەۋرىتىنى يىپىشنى نىيەت قىلىش شەرت قىلىنمىغاندەك، ئۆتۈك-مەيسە-پايپاقلارنى كىيگەندىمۇ ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىشنى ۋە مەسىھ قىلىش مۇددىتىنى نىيەت قىلىش شەرت قىلىنمايدۇ، بەلكى، مۇساپىر بولسا نىيەت قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن ئۈچ كېچە-كۈندۈز مەسىھ قىلىدۇ، مۇقىم بولسا نىيەت قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن بىر كېچە-كۈندۈز مەسىھ قىلىدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى: 11 -توم 117 -بەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.