شەنبە 27 رەبىئۇسسانى 1448 - 10 ئۆكتەبىر 2026
Uygur

مۇئەززىن ئىمام بولسا توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

مۇئەززىن نامازغا تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن جامائەتكە ئىمام بولسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ھەئە، توغرا بولىدۇ، ئەزان ۋە ئىماملىقنى بىر كىشى ئادا قىلسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى مۇئەززىن دېگەن جامائەت ئارىسىدا ئىمام بولمىغاندا ئىماملىققا ئەڭ لايىقتۇر، رەسمى ئىمام بولمىغاندا مۇئەززىن ئىماملىق قىلىدۇ، شۇنىڭدەك رەسمى ئىمام بىر يەرگە بارىدىغاندا مۇئەززىننى ئىمام قىلىپ بېكىتىپ قويسىمۇ بولىدۇ. پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇللاھ بىن جىبرىين.

["ئىسلام پەتىۋالىرى" 1-توم 252-بەت].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى