شەنبە 27 رەبىئۇسسانى 1448 - 10 ئۆكتەبىر 2026
Uygur

كاپىرنىڭ يېقىن تۇغقىنى ئۆلۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرۈش توغرىسىدا

سۇئال

كاپىرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى يېقىن تۇغقانلىرىدىن بىرى ئۆلۈپ كەتسە، يېقىن ئەتراپتىكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرۈشى توغرىمۇ؟، ناۋادا مۇسۇلمان تەزىيەگە بارمىسا ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ئەزىيەت يېتىشتىن ئەنسىرىسە ياكى تەزىيەگە بارماسلىق  ئۇ كاپىرنىڭ ئىسلامدىن تىخىمۇ يىراقلىشىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولسا تەزىيەگە بارسا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن، مۇسۇلماننىڭ كاپىرنىڭ ئۆيىگە تەزىيىگە بېرىشتىكى مەقسىتى ئۇنى ئىسلامغا قىزىقتۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش بولسا بۇ توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئىسلامنىڭ مەقسىدىمۇ كىشىلەرنى دىنغا رىغبەتلەندۈرۇشتۇر، شۇنىڭدەك، كاپىرنىڭ ئۆزىگە ياكى ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەپ بارسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئىسلامنىڭ ئومۇمى مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ قىلىنغان ئازغىنە زىيانلىق ئىش ئەپۇ قېلىنىدۇ.  ئاللاھ تائالا مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن".

شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن باز...  شەيخ ئابدۇراززاق ئەپىپىي... شەيخ ئابدۇللاھ بىن غۇدەييان... شەيخ ئابدۇللاھ بىن قەئۇد قاتارلىقلار.  "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"  9 -توم 132 -بەت.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى