ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھەجنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

09-11-2025

سۇئال 34972

ھەجنىڭ ھۆكمى قانداق؟، ھەجنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ:

ھەج بولسا ئىسلام ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر، ئۇنىىڭ پەرز ئىكەنلىكى بايان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنى ئىنكار قىلغان ياكى ئۇنى ئۆچ كۆرگەن كىشى شەكسىز كاپىر بولىدۇ، تەۋبە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەگەر تەۋبە قىلمىسا، ئۆلتۈرىلىدۇ، ھەج قىلىشقا ھەممە تەرەپتىن قادىر بولغان كىشىنىڭ، پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىرىشى  ۋاجىپ بولىدۇ

جاۋاپنىڭ تىكىستى

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "ھەج بولسا ئىسلام ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر، ئۇنىڭ پەرز ئىكەنلىكى بايان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنى ئىنكار قىلغان ياكى ئۇنى ئۆچ كۆرگەن كىشى شەكسىز كاپىر بولىدۇ، تەۋبە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەگەر تەۋبە قىلمىسا، ئۆلتۈرىلىدۇ، ھەج قىلىشقا ھەممە تەرەپتىن قادىر بولغان كىشىنىڭ، پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىرىشى  ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلِلَّهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا ۚ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ تەرجىمىسى: «قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن (يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر» [سۈرە ئال ئىمران 97-ئايەت].

ھەج توغرىسىدا ئومۇمى يۈزلۈك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئوقۇش ئۈمىت قېلىنىدۇ:

1- ھەج دېگەن نېمە؟.

2- ھەج قىلىشقا قادىر بولۇش دېگەن نېمە؟.

3- ھەجنىڭ سۈپەتلىرى؟.

4- ھەجنىڭ پەزىلىتى-ئارتۇقچىلىقى.

5- ھەجنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك پايدىلىرى.

6- ھەجنىڭ ۋاجىپ بولىشىنىڭ شەرتلىرى.

7- ھەجنىڭ پەرىزلىرى، ۋاجىپلىرى ۋە سۈننەتلىرى قايسىلار؟.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ھەج-ئۆمرەنىڭ سۈپەتلىرى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش