ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلاشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

01-09-2026

سۇئال 30784

جىنسى مۇناسىۋەتتىن كېيىن يۇيۇنماستىن شۇ ھالەتتە ئۇخلاپ، بامدات ۋاقتىدا ئويغىنىپ يۇيۇنسام توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ:

شۇنداق، جىنسى مۇناسىۋەتتىن كېيىن يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى ئۇخلاپ، بامدات ۋاقتىدىن ئىلگىرى يۇيۇنۇش ئۈچۈن ئويغانسا بولىدۇ، لېكىن ئۇخلاشتىن بۇرۇن تاھارەت ئېلىۋەتسە ، ئەگەر مۇمكىن بولسا يۇيۇنىۋەتسە ياخشى بولىدۇ.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

شۇنداق، جىنسى مۇناسىۋەتتىن كېيىن يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى ئۇخلاپ، بامدات ۋاقتىدىن ئىلگىرى يۇيۇنۇش ئۈچۈن ئويغانسا بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىنسى مۇناسىۋەتتىن كېيىن يۇيۇنماستىن ۋە تاھارەتمۇ ئالماستىن ئۇخلايتتى». [تىرمىزى رىۋايىتى 110-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 103 -نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

لېكىن ئۇخلاشتىن بۇرۇن تاھارەت ئىلىپ يېتىش ياخشىدۇر، ئەگەر مۇمكىن بولسا يۇيۇنىۋەتسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىنسى مۇناسىۋەتتىن كېيىن  نېمە ئىش قىلاتتى؟، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇپ ئۇخلامتى ياكى ئۇخلاپ بولۇپ يۇيۇنامتى؟ دەپ سورالغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:  «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلاتتى، بەزى ۋاقىتتا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۇيۇناتتى، بەزى ۋاقىتتا تاھارەت ئىلىپ ئۇخلايتتى دەپ جاۋاپ بەرگەن». [مۇسلىم رىۋايىتى 465-ھەدىس].

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن:  بىزدىن بەزىلەر جىنسى مۇناسىۋەتتىن كېيىنلا يۇيۇنماي ئۇخلىسا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، بولىدۇ، ئەگەر تاھارەت ئىلىپ ئۇخلىسا ياخشى» دېگەن.  [بۇخارى رىۋايىتى 280 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 462 -ھەدىس].

بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن  97437-  43307-  181351- 14225 ۋە 10319 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئۇخلاشتىكى ئەدەپ-قائىدىلەر
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش