بىرىنچى: خىزمەتچىلەر بولسۇن ياكى باشقا كىشىلەر بولسۇن ھەممەيلەنگە نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىش ۋاجىب بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَوْقُوتًا تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن (پەرز) پەرز قىلىندى» [سۈرە نىسا 103-ئايەت].
ئاللاھ تائالا دۇنيا ئىشلىرى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن مەشغۇل قىلىپ قويمىغان مۇئمىنلەرنى ماختاپ مۇنداق دېدى: رِجَالٌ لا تُلْهِيهِمْ تِجَارَةٌ وَلا بَيْعٌ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَإِقَامِ الصَّلاةِ وَإِيتَاءِ الزَّكَاةِ يَخَافُونَ يَوْماً تَتَقَلَّبُ فِيهِ الْقُلُوبُ وَالأَبْصَارُ * لِيَجْزِيَهُمُ اللَّهُ أَحْسَنَ مَا عَمِلُوا وَيَزِيدَهُمْ مِنْ فَضْلِهِ وَاللَّهُ يَرْزُقُ مَنْ يَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ تەرجىمىسى: « ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا ـ سېتىق ئۇلارنى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن، ناماز ئۆتەشتىن، زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ، ئۇلار دىللار ۋە كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن قورقىدۇ، ئاللاھنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە مۇكاپات بەرسۇن ۋە ئۆزىنىڭ پەزلىدىن ئاشۇرۇپ بەرسۇن دەپ (ئۇلار شۇنداق ئىبادەتلەرنى قىلىدۇ). ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ» [سۈرە نۇر 37-38-ئايەتلەر].
سىزنىڭ ناماز ۋاقتىدا ئويغىنىشىڭىز ۋاجىپ بولىدۇ، شۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان سەۋەبلەرنى قىلىڭ، سىز نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىمەن دەپ ۋاقتىدا ئويغىنىشقا تېرىشىپ ۋە مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەرنى قىلىپ، بەزى ۋاقىتتا ئويغىنالمىسىڭىز، سىزگە گۇناھ بولمايدۇ.
ئىككىنچى: ئەگەر سىز باشقا يۇرتقا سەپەر قىلىپ، ئۇ يەردە تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى مەقسەت قىلسىڭىز، مۇقىمنىڭ ھۆكمىدە بولىسىز، ئۇ ۋاقىتتا نامازنى تولۇق ئادا قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. سەپەر ئۈچۈن ئىككى نامازنىڭ ئارىسىنى جۇغلاش توغرا بولمايدۇ، لېكىن نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش سەپەرگە خاس بولمايدۇ، بەلكى كېسەل، يامغۇر، قىيىنچىلىق دېگەندەك ئۈزۈرلەر بىلەنمۇ دۇرۇس بولىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلاتى مەلۇمات ئۈچۈن 38079- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
مۇشۇنىڭغا ئاساسەن: سىزدە ئۇخلىسام پېشىن نامىزىغا ھەرگىز ئويغۇنالمايمەن دەيدىغان گۇمان كۈچلۈك بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئويغىنىش بەك قېيىن بولسا، پېشىننى كېچىكتۈرۈپ ئەسىر نامىزى بىلەن بىرگە جۇغلاپ جەمئى تەخىر قىلىپ ئوقۇسىڭىز بولىدۇ، بۇ پەقەت مۇشەققەت ھاسىل بولغاندا بولىدۇ، مۇشەققەت بولسۇن ياكى بولمىسۇن بۇنى دائىملىق ئادەت قىلىۋالسىڭىز دۇرۇس بولمايدۇ".
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلىدۇ.