شەنبە 27 رەبىئۇسسانى 1448 - 10 ئۆكتەبىر 2026
Uygur

ئالتۇن سائەت ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سائەت تاقاشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   ئالتۇن سائەت ياكى رەڭگى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان  سېرىق رەڭلىك سائەت تاقاش توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بۇنداق تۈردىكى سائەتلەرنى ئاياللار تاقىسا توغرا بولىدۇ، ساپ ئالتۇندىن بولسۇن ياكى ئالتۇن سۈيى يالىتىلغان بولسۇن بۇنداق سائەتلەرنى ئەرلەرنىڭ تاقىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالتۇن ۋە يىپەك كىيىملەر ئۈممىتىمنىڭ ئاياللىرى ئۈچۈن ھالال قىلىندى، ئەرلىرىگە ھارام قىلىندى».

ئالتۇن سائەت بولمىسىمۇ لېكىن ئالتۇن سائەتكە ئوخشاپ قالىدىغان بولسا ئەڭ ياخشىسى ئەرلەرنىڭ ئىسلام شەرىئىتىگە خىلاپلىق قىلدى دەيدىغان خاتا قاراشقا ئۇچراپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇنى تاقىماسلىقى ياخشى بولىدۇ.   (ئەگەر سائەتتە ئالتۇن نىسبىتى بولسمىسا رەڭگىنىڭ ئالتۇن رەڭگى بولۇشى تاقاشقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. م).

مەنبە: شەيخ ئەللامە ئابدۇل ئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋالار ۋە ماقالىلار توپلىمى 8/ 99