شەنبە 27 رەبىئۇسسانى 1448 - 10 ئۆكتەبىر 2026
Uygur

خانىم-قىزلارنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرىسىدا

سۇئال

خانىم-قىزلارنىڭ بىر كېچە-كۈندۈز مۇساپىدىكى سەپەرگە مەھرەمسىز چىقىشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئايالنى بىر مەھرىمى ئايدۇرۇمغا ئاپىرىپ يولغا سېلىپ قويسا، ئايروپىلان ئون سائەت ئەتراپىدا ئۆچۈپ مەقسەت قىلغان جايغا بارغاندىن كېيىن يەنە بىر مەھرىمى ئالدىغا چېقىپ ئايدۇرۇمدا كۈتۈۋالسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ :«ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن ئايالنىڭ مەھرەمسىز سەپەرگە چېقىشى ھالال بولمايدۇ» دېگەن سۆزىگە كۆرە، ئايالنىڭ مەھرەمسىز سەپەرگە چېقىشى توغرا بولمايدۇ.

چۈنكى مەھرەمنىڭ بىرگە بولىشىدىكى مەقسەت: ئايالنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئابرۇيىنى ساقلاش، ئىشلىرىغا ئىگە بولۇشتۇر، بولۇپمۇ يالغۇز سەپەر قىلغاندا ئويلىمىغان ئىشلارغا ئۇچراپ قالىدۇ، سەپەر ئۇزۇن بولسۇن ياكى قىسقا بولسۇن كىشىلەر سەپەر دەپ ئاتايدىكەن، بۇنداق ئەھۋالدا سەپەرنىڭ ھۆكمى ئەمەلىيلەشتۈرىلىدۇ.

مەھرەمگە ئالاقىدار ئەھكاملار توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 5538 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى