-ئۆتۈك-مەيسىگە مەسىھ قىلىش.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە ئۆتۈككە مەسىھ قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى، كۆپچىلىك ئالىملار ئۆتۈككە مەسىھ قىلىشقا پايپاققا مەسىھ قىلىشنى قاتتى. پايپاق دېگەن: خەلىل پەراھىدىي ئېيتقاندەك: پۇتىنى ئورايدىغان نەرسىدۇر. [ "ئەلئەين" 6 -توم 113 -بەت. ]
"پايپاق دېگەن: چىگىدىن ۋە پاختىدىن ياكى باشقا نەرسىلەردىن ئۆتۈك-مەيسىنىڭ شەكىلدە توقۇلغان نەرسىدۇر". [ "مەۋاھىبۇل جەلىيل" 1 -توم 318 -بەت.]
پايپاق بىلەن ئۆتۈك-مەيسە ئارىسىدىكى پەرق: ئۆتۈك-مەيسە دېگەن تېرىدىن تىكىلىدۇ، پايپاق بولسا تېرىدىن تېكىلمەيدۇ، بەلكى يۇڭدىن، چېگىدىن، پاختىدىن ياكى باشقا نەرسىلەردىن توقۇلىدۇ.
بىزنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى پايپاقلار بولسا نىلۇندىن توقۇلىدۇ.
-پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ دۇرۇسلىقى توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنغانمۇ؟.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن پايپاققا مەسىھ قىلىش توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان. ئەمما مۇغىيرە ئىبنى شۆبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئېلىپ ئىككى پايپىقىغا ۋە ئايىغىغا مەسىھ قىلغان» [تىرمىزى رىۋايىتى 99-ھەدىس].
لېكىن يۇقىرىدىكى ھەدىس زەئىپ بولۇپ، باشقا سەھىھ بولغان ھەدىسكە زىتتۇر.
ئەبۇ داۋۇد مۇنداق دەيدۇ: "ئابدۇرەھمان ئىبنى مەھدى بۇ ھەدىسنى سۆزلىمەيتتى، چۈنكى مۇغىيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆتۈك-مەيسىگە مەسىھ قىلغان» دېگەن ھەدىس بولسا ھەممەيلەنگە تونۇشلۇقتۇر." ["ئەسسۈنەن" 159 -ھەدىس].
ئەلى ئىبنى مەدەنى مۇنداق دەيدۇ: "مۇغىرە ئىبنى شۆئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مەسىھ قىلىش توغرىسىدىكى ھەدىسنى ئۇ كىشىدىن مەدىنە ئەھلى، كۇپە ئەھلى، بەسىر ئەھلى رىۋايەت قىلغان، ھۈزەيل ئىبنى شۈرەھبىل بۇ ھەدىسنى مۇغىيرەدىن رىۋايەت قىلىپ ئاخىرىدا پايپاققا مەسىھ قىلدى دەپ باشقا راۋىلارغا زىت سۆزنى كەلتۈرگەن. [ بەيھەقىنىڭ " ئەسسۈنەن كۇبرا" 1 -توم 284 -بەت].
مۇپەززەل ئىبنى غەسسان مۇنداق دەيدۇ: مەن يەھيا ئىبنى مەئىيندىن بۇ ھەدىس توغرىسىدا سورىسام؟، ئۇ كىشى مۇنداق دېدى: " بۇ ھەدىسنى ئەبۇ قەيستىن باشقا بارلىق راۋىيلار ئۆتۈككە-مەيسىگە مەسىھ قىلغان دەپ بايان قىلغان. [ بەيھەقىنىڭ "ئەسسۈنەن كۇبرا" 1 -توم 284 -بەت].
بۇ ھەدىسنى: سۇپيان سەۋرى، ئىمام ئەھمەد، يەھيا ئىبنى مەئىين، ئىمام مۇسلىم، ئىمام نەسائى، ئۇقەيلى، دارى قۇتنى ۋە بەيھەقى قاتارلىق ئالىملار زەئىپ دېگەن.
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدىكى كىشىلەر ھەدىس ئىماملىرىنىڭ ئۆلگىلىرى بولۇپ، گەرچە بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى ھەسەن دېگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇلار تىرمىزىدىن مۇقەددەمدۇر، ئىلىم ئەھلىنىڭ بىرلىكى بىلەن بەلكى ئۇلارنىڭ ھەر بىرى يالغۇز بولغاندىمۇ تىرمىزىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ." ["ئەلمەجمۇئ شەرھىل مۇھەززەپ" 1 -توم 500 -بەت].
-پايپاققا مەسىھ قىلىش توغرىسىدا ساھابىلاردىن ئەسەر بايان قىلىنغانمۇ؟.
پايپاققا مەسىھ قىلىش توغرىسىدا ساھابىلاردىن سەھىھ ئەسەر بايان قىلىنغان، ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دەيدۇ: " پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلرىدىن توققۇز كىشىدىن پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەسەر بايان قىلىنغان. ئۇلار: ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ، ئەممار ئىبنى ياسىر، ئەبى مەسئۇد، ئەنەس ئىبنى مالىك، ئىبنى ئۆمەر، بەرا ئىبنى ئازىب، بىلال، ئەبى ئۇمامە ۋە سەھەل ئىبنى سەئىيد قاتارلىقلار (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن). ["ئەلئەۋسەت" 1 -توم 462 -بەت].
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئەبۇ داۋۇد: ئەبۇ ئۇمامە، ئەمىر ئىبنى ھۈرەيس، ئۆمەر ۋە ئىبنى ئابباس (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) قاتارلىقلارنى زىيادە قىلغان، شۇنىڭ بىلەن جەمئى ئون ئۈچ ساھابە بولغان.
بۇنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە تايىنىدىغان ئىش: ئەبى قەيسنىڭ ھەدىسى ئەمەس بەلكى ئاشۇ ئۈلگىلىك ساھابىلاردۇر.
ئىمام ئەھمەد پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە دەلىل كەلتۈرۈپ، ئەبى قەيسنىڭ ھەدىسىنىڭ ئىللىتىنى بايان قىلدى، بۇ ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھنىڭ ئىنساپلىق ئادىللىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئۇ كىشىنىڭ تايىنىدىغان دەلىلى ئاشۇ ساھابىلار ۋە ئوچۇق قىياستۇر، چۈنكى پايپاق بىلەن ئۆتۈكنىڭ ئارىسىدا ھەقىقى تەسىر كۆرسەتكۈدەك بىر پەرق نامايەندە بولمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتۈكنىڭ ھۆكمىنى پايپاققا بېرىش دۇرۇس بولىدۇ". ["تەھزىيب ئەسسۈنەن" 1 -توم 187 -بەت.]
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ساھابىلار - ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن-پايپاققا مەسىھ قىلغان، ئۇلارنىڭ دەۋرىدە ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىغا قارشى چىقىدىغانلار ئاشكارا بولمىغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ بىرلىككە كەلگەن دەلىل بولدى". [ "ئەلمۇغنى" 1 -توم 215 -بەت].
- بۇ يەردە ئۆتۈك-مەيسە بىلەن پايپاقنىڭ ئارىسىدا پەرق بارمۇ؟.
شۇنىڭدەك ئەقلى جەھەتتىنمۇ ئۆتۈك-مەيسە بىلەن پايپاقنىڭ ئارىسىدا پەرققە قارايدىغان بولساق: شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆتۈك-مەيسە بىلەن پايپاقنىڭ ئارىسىدىكى پەرق، پايپاق يۇڭدىن-چېگىدىن توقۇلىدۇ، ئۆتۈك تېرىدىن تىكىلىدۇ، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، بۇنىڭغا ئوخشىغان پەرقلەر شەرىئەتتە ھۆكۈمگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ تېرىدىن بولىشى ياكى پاختىدىن بولىشى ياكى چېگىدىن بولىشىنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق.
شۇنىڭدەك ئېھرامدا كىيىدىغان كىيىمنىڭ ئاق رەڭلىك بولىشى بىلەن قارا رەڭلىك بولىشىنىڭ ئارىسىدا پەرق بولمىغانغا ئوخشاشتۇر... بۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەقسىتى: تېرە يۇڭدىن بەكرەك چىدايدۇ، بۇنىڭ تەسىرى بولمايدۇ، خۇددى تېرىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىنىڭ تەسىرى بولمىغانغا ئوخشاشتۇر.
يەنە ھەممەيلەنگە مەلۇمكى: بۇنىڭغا مەسىھ قىلىشقا بولغان ھاجەتمۇ ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىشقا بولغان ھاجەتكە ئوخشاشتۇر، ھېكمەتتە ۋە ھاجەتتە باراۋەر بولماقلىق بىلەن ئۇ ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىش ئوخشاش ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىغانلىق بولىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن كىتاپ نازىل قىلغان، ئۇنىڭ سەۋەبىدىن ئەلچىلەر ئەۋەتكەن، قۇرئان-ھەدىستە كەلگەن، توغرا دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئادالەتنىڭ زىتتىدۇر. بەزىلەر: بۇنىڭدىن سۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ ۋە مانىڭدىن سۇ ئۆتۈپ كەتمەيدۇ دەپ ئايرىدۇ، ئۇلار ھېچ تەسىرى بولمىغان ئومۇمى پەرقنى زىكىر قىلدى". [ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 21 -توم 214 -بەت.]
-پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ شەرتلىرى.
پايپاققا مەسىھ قىلسا دۇرۇس بولىدۇ دەپ قارىغان ئالىملارنىڭ ھەممىسى: "ئۇ پايپاقنىڭ قېلىن بولىشى، ئۇنىڭ بىلەن يول مېڭىش مۇمكىن بولىشىنى شەرت قىلىدۇ". ["ئەلمەبسۇت" 1 -توم102 -بەت. "ئەلمەجمۇئ" 1 -توم 4823 -بەت. "ئەلئىنساپ" 1 -توم 170 -بەت].
چۈنكى پايپاقنىڭ ھۆكمى ئۆتۈكنىڭ ھۆكمىدۇر، ئۆتۈك دېگەن قېلىن بولىدۇ، پايپاقنى ئۆتۈكنىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ، پەقەت بىر-بىرىگە ئوخشاش بولسا بولىدۇ.
كاسانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر پايپاق نېپىز بولۇپ سۇ ئۆتۈپ كېتىدىغان بولسا بارلىق ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن بۇنىڭغا مەسىھ قىلىش توغرا بولمايدۇ". ["بەدائى ۋە سەنائىئ" 1 -توم 10 -بەت. ]
ئىبنى قەتتان پاسى مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار پايپاق قېلىن بولمىسا ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىش توغرا بولمايدۇ دېگەن قاراشقا بىرلىككە كەلگەن." ["ئەلئىقنا پى مەسائىلۇل ئىجما" 351 -مەسىلە].
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھدىن: پايپاققىمۇ ئۆتەككە ئوخشاش مەسىھ قىلىش توغرا بولامدۇ؟دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "شۇنداق، ئەگەر پايپاق بىلەن مېڭىش مۇمكىن بولسا، ئۇ پايپاققا تېرە قاپلانغان بولسۇن قاپلانمىغان بولسۇن ئوخشاشلا ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىش دۇرۇس بولىدۇ". [ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 21 -توم 213 -بەت. ]
يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر پايپاق نېپىز بولسا، ئۇنىڭغا مەسىھ قىلمايدۇ، چۈنكى ئادەتتە ئۇنىڭ ئوخشىشىدا يول ماڭغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىشقا ئېھتىياجلىقمۇ بولمايدۇ". [ "شەرھىل ئۇمدە" 1 -توم 251 -بەت].
دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 5 -توم 267 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "پايپاق قېلىن ۋە ئاستىدىكى تېرىنى سۈپەتلىمەيدىغان بولىشى كېرەك".
ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: " ئىككى پۇتىنى ياپىدىغان ۋە ئىككى پۇتىغا كىيىدىغان ئۆتۈك، پايپاق قاتارلىق ھەممە نەرسىلەرگە مەسىھ قىلىش دۇرۇس بولىدۇ". [ "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 4 -توم 101 -بەت. ]
شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم ئالى شەيخمۇ مۇشۇنداق دېگەن: "پايپاق دەپ ئاتىلىدىغان يۇڭدىن، تېرىدىن، چېگىدىن، چۇپۇردىن ياكى پاختا دېگەندەك نەرسىلەردىن توقۇلغان، قېلىن، تاھارەتتە يۇيۇش پەرز بولغان ئورۇننى ئورايدىغان ۋە تەلەپ قىلغان شەرتلەر تولۇق بولغان بولسا، ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىش دۇرۇس بولىدۇ". ["شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم پەتىۋا ۋە رىسالىلىرى" 2 -توم 66 -بەت].
يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئەمما پايپاق نېپىز، پۇتىنىڭ تېرىسىنى ئېنىق سۇپەتلەيدىغان بولسا، بۇنىڭغا مەسىھ قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ". ["شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم پەتىۋالىرى" 2 -توم 68 -بەت].
شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ شەرتلىرىدىن: پايپاق قېلىن بولۇش، يۇيۇش پەرز بولغان ئورۇننى تاپىدىغان بولۇش، ئەگەر نېپىز بولۇپ قالسا، ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى يۇقىردا بايان قىلىنغان ھالەتتە قەدەم ئوچۇقنىڭ ئورنىدا بولىدۇ". [ "شەيخ بىن باز پەتىۋالىرى" 10 -توم 110 -بەت.]
بەزى ئالىملار پايپاققا مەسىھ قىلىشنى مۇتلەق دۇرۇس دېگەن، ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ يارەنلىرىمىز: ئۆمەر ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىقلاردىن پايپاق نېپىز بولسىمۇ مەسىھ قىلىش دۇرۇس بولىدۇ دېگەن قاراشنى بايان قىلغان، شۇنداقلا قازى ئەبۇ يۈسۈپ، مۇھەممەد ھەسەن شەيبانى، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ ۋە داۋۇد زاھىرى قاتارلىقلاردىنمۇ پايپاققا مەسىھ قىلسا دۇرۇس بولىدۇ دېگەن قاراش بايان قىلىنغان". ["ئەلمەجمۇ شەرھى مۇھەززەپ" 1 -توم 500 -بەت. ]
بۇ قاراشنى شەيخ ئەلبانى ۋە شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ كۈچلاندۇرغان. لېكىن ئىلگىرى بايان قىلغان كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى كۈچلۈكتۇر، چۈنكى بۇنىڭ دۇرۇسلىقىدىكى ئاساس: ئۇنى ئۆتۈككە قىياس قىلىش، نېپىز پايپاق ئۆتۈككە ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇنىڭغا قىياس قىلغىلى بولمايدۇ.
ساھابىلار مەسىھ قىلغان پايپاقلار بولسا قېلىن ئېدى، چۈنكى نېپىز پايپاقلار دېگەن يېقىنقى دەۋرىدە تونۇلدى.
ئىمام ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ : "پايپاق قېلىن بولمىسا ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئىلگىرىكىلەرنىڭ مەسىھ قىلغان پايپىقى ئۆتۈكنىڭ ئورنىدا بولۇپ، ئۇلار ئۇ پايپاق بىلەن نامازغا ياكى بازارغا بېرىپ كېلەتتى. ["ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئەلمۇغنى " 1 -توم 216 -بەت].
نېمە ئۈچۈن ئالىملار پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ دۇرۇس بولىشى ئۈچۈن بۇ شەرتلەرنى بېكىتتى؟.
مۇبارەك پورى مۇنداق دەيدۇ: "ئەسلىدە قۇرئان كەرىمدىكى ئايەتنىڭ كۆرۈنىشى بويۇنچە ئىككى پۇتنى يۇيۇش كېرەك بولىدۇ، ئۇنىڭدىن چەتنەپ كېتىش توغرا بولمايدۇ، لېكىن ھەدىس ئىماملىرى سەھىھ ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن "ئۆتۈككە مەسىھ قىلىش ھەدىسىگە ئوخشاش ھەدىسلەر بولسا ھېچ ئىختىلاپسىز ئىككى پۇتىنى يۇيۇشتىن چەتنەپ مەسىھ قىلسا دۇرۇس بولىدۇ دېگەن.
ئەمما پايپاققا مەسىھ قىلىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھەدىس ئالىملىرىنىڭ پىكىر-قاراشلىرى بار، ئىككى پۇتنى يۇيۇشنىڭ ئورنىغا مۇتلەقلا پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ دۇرۇسلىقىغا ئۆتىۋالسا قانداق دۇرۇس بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار، پايپاقنىڭ ئۆتۈكنىڭ مەنىسىدە بولىشى ئۈچۈن، پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ دۇرۇسلىقى ئۈچۈن بەزى چەكلىمىلەرنى بېكىتتى ۋە بۇنىمۇ ئىككى ئۆتۈككە مەسىھ قىلىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ قاتارىغا كىرگۈزدى.
پايپاق قېلىن بولسا چەگمىسىمۇ پۇتىدا چىڭ تۇرسا، مېڭىش مۇمكىن بولسا، بۇنداق سۈپەتتىكى پايپاق بىلەن ئۆتۈكنىڭ ئارىسىدا تەسىر كۆرسەتكۈدەك ئالاھىدە پەرق يوق، چۈنكى بۇ پايپاق ئۆتۈكنىڭ مەنىسىدە بولىدۇ.
ئەمما پايپاق نېپىز بولۇپ چەكمىسە پۇتىدا تۇرمىسا، ئۇنىڭ بىلەن مېڭىش مۇمكىن بولمىسا، بۇ پايپاق ئۆتۈكنىڭ مەنىسىدە بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ پايپاق بىلەن ئۆتۈكنىڭ ئارىسىدا شەكسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان پەرق بولىدۇ. قارىمامسىز! ئۆتۈك دېگەن ئاياغ بولمىغاندا ئاياغنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قانداق خالىسا شۇ شەكلىدە بارىدىغان يېرىگە بېرىپ كېلىدۇ، ئۆتۈكنى كىيگەندە مېڭىش كېرەك بولسا ئۇنى سېلىۋېتىشكە ئېھتىياجلىق بولمايدۇ، ئۇنى بىر كېچە-كۈندۈز ياكى بىر قانچە كۈن سىلىۋەتمىسىمۇ بولىدۇ، بۇنى ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا سېلىۋېتىپ ئېلىش قىيىن بولىدۇ.
نېپىز پايپاقنى كىيىش بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، بۇنى كەيكەن كىشى ھەر قېتىم ماڭماڭچى بولسا سېلىۋېتىشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بىر كېچە-كۈندۈزدە نەچچە قېتىم سېلىۋېتىشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇنى ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا سېلىۋېتىش قىيىن بولمايدۇ، بۇ پەرقلەر ئۆتۈك كىيگۈچىنىڭ مەسىھ قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ، نېپىز پايپاق كەيگۈچىلەرنىڭ مەسىھ قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ، ئۇنى بۇنىڭغا قىياس قىلىش بولسا بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان نەرسىنى قىياس قىلىشتۇر". [ "تۆھپەتۇل ئەھۋەزى" 1 -توم 295 -بەت.]
سۆزنىڭ خۇلاسىسى : بارلىق ئۆلىمالار نېپىز پايپاققا مەسىھ قىلىشنى چەكلىدى، ئەگەر ئۇنى قېلىن پايپاق بىلەن بىرگە كەيكەن بولسا دۇرۇس بولىدۇ دېدى.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.