شەنبە 27 رەبىئۇسسانى 1448 - 10 ئۆكتەبىر 2026
Uygur

ئىككى پايپاققا مەسىھ قىلىش ئۈچۈن پايپاقنى چوقۇم كامىل تاھارەت ئالغاندىن كېيىن كىيگەن بولىشى كېرەك

سۇئال

بىر كىشى ئوڭ پۇتىنى يۇيۇپ بولۇپ، سول پۇتىنى يۇيۇشتىن ئىلگىرى ئوڭ پۇتىغا پايپاقنى كېيىۋېتىپ، ئاندىن سول پۇتىنى يۇيۇپ، سول پايپىقىنى كىيگەن بولسا، كېيىن بۇ بىر جۇپ پايپاققا مەسىھ قىلىش توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بۇنداق ھالەتتە بۇ بىر جۇپ پايپاققا مەسىھ قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى بىر پۇتىنىڭ پايپىقىنى تاھارەتنى كامىل ئىلىشتىن بۇرۇن كىيگەن.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 5-توم 247-بەت