شەنبە 27 رەبىئۇسسانى 1448 - 10 ئۆكتەبىر 2026
Uygur

بەدەنگە چەكتۈرۈشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى

سۇئال

ئىسلامدا بەدەنگە بىر نەرسىلەرنى چەكتۈرۈشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بەدەنگە بىر نەرسە چەكتۈرۈش دېگەن: بەدەنگە يىڭنە سانجىپ تۆشۈك ۋە تۆشۈك ئەتراپلىرىغا سۈرمە ياكى رەڭ دېگەنگە ئوخشاش نەرسىلەرنى تۆكۈپ شۇ ئورۇندىكى تېرىنىڭ رەڭگىنى يېشىل ياكى كۆكۈش رەڭگە ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق قىلىش بارلىق ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن ھارامدۇر. "ئەلمۇغنى" 1-توم 84-بەت.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بەدىنىگە بىر نەرسە چەككۈچى، چەكتۈرگۈچى، قاشلىرىنى تەرگۈچى، تەردۈرگۈچى ۋە چىرايلىق بولىمەن دەپ چىشلىرىنىڭ ئارىسىنى كېڭەيتكۈچىلەرگە ئاللاھ تائالا لەنەت قىلدى». [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

« ئەللۇلۇ ۋەلمەرجان» ناملىق ئەسەر 2-توم 175-بەت.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى