ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئالتۇن سائەت ياكى رەڭگى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سېرىق رەڭلىك سائەت تاقاش توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
بۇنداق تۈردىكى سائەتلەرنى ئاياللار تاقىسا توغرا بولىدۇ، ساپ ئالتۇندىن بولسۇن ياكى ئالتۇن سۈيى يالىتىلغان بولسۇن بۇنداق سائەتلەرنى ئەرلەرنىڭ تاقىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالتۇن ۋە يىپەك كىيىملەر ئۈممىتىمنىڭ ئاياللىرى ئۈچۈن ھالال قىلىندى، ئەرلىرىگە ھارام قىلىندى».
ئالتۇن سائەت بولمىسىمۇ لېكىن ئالتۇن سائەتكە ئوخشاپ قالىدىغان بولسا ئەڭ ياخشىسى ئەرلەرنىڭ ئىسلام شەرىئىتىگە خىلاپلىق قىلدى دەيدىغان خاتا قاراشقا ئۇچراپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇنى تاقىماسلىقى ياخشى بولىدۇ. (ئەگەر سائەتتە ئالتۇن نىسبىتى بولسمىسا رەڭگىنىڭ ئالتۇن رەڭگى بولۇشى تاقاشقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. م).