ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھەيزگە ئالاقىدار ھۆكۈملەر توغرىسىدا

27-07-2025

سۇئال 70438

ئاياللار ئادەت كۆرۈپ قالغاندا ئۇنىڭغا ئالاقىدار بولىدىغان ھۆكۈملەر قايسىلار؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ھەيزگە ئالاقىدار بولغان ھۆكۈم يىگىرمىدىن ئارتۇق بولۇپ، بىز بۇنىڭدىن ئېھتىياج كۆپ بولىدىغانلىرىنى بايان قىلىمىز، ئۇنىڭ بىرىنچىسى: نامازدىن ئىبارەتتۇر.

ھەيزدار ئايالغا پەرز- نەپلە قاتارلىق ھەر قانداق نامازنى ئادا قىلىشى چەكلىنىدۇ، ئەگەر ئادا قىلىپ قالسا توغرا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، ھەيزدىن پاك بولغاندا ھەيز ھالىتىدىكى نامازلارنى ئوقۇش ۋاجىپ بولمايدۇ لېكىن ھەيزدىن پاك بولغاندا شۇ ۋاقىتتىكى نامازدىن بىر رەكەت ئوقۇغۇدەك ۋاقىت بولسا (يەنى شۇ نامازنىڭ ۋاقتى چىكىتىشتىن ئىلگىرى) شۇ ۋاقىتتىكى نامازنى ئوقۇش ۋاجىپ بولىدۇ، ئۇ نامازنىڭ ئەۋۋەلقى ۋاختىنى تاپسۇن ياكى ئاخىرقى ۋاختىنى تاپسۇن ئوخشاشتۇر.

نامازنىڭ ئەۋۋەلقى ۋاقتىنى تاپقاننىڭ مىسالى: ئايال كۈن ئولتۇرۇپ بىر رەكەت ناماز ئادا قىلغۇدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئادەت كۆرۈپ قالغان بولسا، ئۇ ئايال ھەيزدىن پاك بولغاندا شۇ ۋاقىتتىكى شام نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئايال ئادەت كۆرۈشتىن ئىلگىرى ئۇ نامازدىن بىر رەكەت ئوقۇغىدەك ۋاقىت بار ئىدى.

نامازنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىنى تاپقاننىڭ مىسالى: ئايال ھەيزدىن كۈن چېقىشتىن ئىلگىرى بىر رەكەت ناماز ئادا قىلغۇدەك ۋاقىت قالغاندا پاك بولسا، بامدات نامىزىنى ئوقۇش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئايال بامدات نامىزىدىن بىر رەكەت ئادا قىلغىلى بولىدىغان ۋاقىت ئىچىدە پاكلانغانلىقى ئۈچۈندۇر.

ئەمما ھەيزدار ناماز ۋاقتىدىن تولۇق بىر رەكەت ئادا قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ۋاقىتنى تاپقان بولسا، مەسىلەن كۈن ئولتۇرۇشقا يۈزلەنگەندە ئادەت كۆرگەن ياكى كۈن چېقىشقا يۈزلەنگەندە پاك بولغان بولسا، ئۇ ۋاقىتنىڭ نامىزىنى ئوقۇش ۋاجىپ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ناماز ۋاقتىدىن بىر رەكەت ۋاقىتنى تاپسا شۇ نامازنى تاپقان بولدى يەنى قازا قىلغان بولمايدۇ» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

بۇ ھەدىستىن بىر رەكەتتىن ئاز ۋاقىتنى تاپسا ئۇ نامازنى تاپقان بولمايدۇ دېگەنلىك چۈشىنىلىدۇ.

ئەمما زىكىر، تەكبىر، تەسبىھ، تەھمىد، يىمەك يېگەن ۋە باشقا ئىشلاردا بىسمىللاھ دېيىش، ھەدىس، پىقھى، دۇئا كىتاپلىرىنى ئوقۇش، دۇئاغا ئامىن دېيىش، قۇرئان تىلاۋېتى تىڭشاش قاتارلىق ئىشلار ھارام بولمايدۇ. بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئادەت كۆرۈپ قالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قۇچىقىغا يۆلىنىپ قۇرئان ئوقۇياتتى.

بۇخارى ۋە مۇسلىمدا ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: ئۇ كشى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «چوڭ-كېچىك ھەممە ئاياللار ۋە ئادەت كۆرۈپ قالغان ئاياللارمۇ ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان مەيدانغا چىقسۇن، ياخشىلىق سورۇنىغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ دۇئاسىغا ئېشتىراك قىلسۇن، ئادەت كۆرۈپ قالغانلار ناماز ئادا قىلىدىغان جايدىن يىراقراق تۇرسۇن».

ھەيزدارنىڭ ئۆزىنىڭ قۇرئان ئوقۇش مەسىلىسى: ئەگەر تىلى بىلەن ئەمەس بەلكى كۆزى بىلەن قاراپ، دىلى بىلەن تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇسا بولىدۇ، يەنى قۇرئاننى ياكى قۇرئان بار نەرسىنى ئالدىغا قويۇپ ئايەتلەرگە قاراپ دىلىدا ئوقۇسا بولىدۇ. ئىمام نەۋەۋىي "شەرھىل مۇھەززەپتە" بۇنداق ئوقۇش ھېچ ئىختىلاپسىز دۇرۇس بولىدۇ، دېگەن.

ئەمما قۇرئانغا قاراپ تىلى بىلەن قىرائەت قىلىپ ئوقۇشنى كۆپچىلىك ئالىملار دۇرۇس بولمايدۇ، يەنى چەكلىنىدۇ دەيدۇ.

ئىمام بۇخارى، ئىبنى جەرىيرى تەبەرى ۋە ئىبنى مۇنزىر قاتارلىق ئالىملار دۇرۇس بولىدۇ دېگەن.

ئىمام مالىكتىن ۋە ئىمام شاپىئىنىڭ ئىلگىرىكى سۆزىدىن دۇرۇس بولىدۇ دېگەننى "پەتھۇل بارىدا زىكىر قىلغان. ئىمام بۇخارى ئىبراھىم نەخەئىينىڭ: ئايەتلەرنىمۇ ئوقۇسا بولىدۇ دېگەن سۆزىنى ئىلاۋە قىلغان.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسىدە" مۇنداق دەيدۇ: "ھەيزدار ئايالنى قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن چەكلەشنىڭ سۈننەتتىن ئەسلى يوق، «ھەيزدار ۋە جۇنۇپ قۇرئاندىن بىر نەرسە ئوقۇمىسۇن» دېگەن ھەدىس بولسا ھەدىسچى ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن زەئىپتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىمۇ ئاياللار ئادەت كۆرۈپ قالاتتى، ئەگەر ئۇلارغىمۇ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ناماز ئوقۇغانغا ئوخشاش ھارام بولغان بولسا، ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئۈممىتىگە بايان قىلىپ بەرگەن بولاتتى، مۆمىنلەرنىڭ ئانى بولغان ئاياللىرىغا بىلدۈرەتتى، بۇ مەسىلە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىنسانلارغا نەقىل قىلىنغان بولاتتى، ھېچ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنىڭدىن چەكلىگەنلىكىنى ئۇنى ھارام دەپ دۇرۇس قىلمىغانلىقى نەقىل قىلىنمىدى. يەنى بۇنىڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنىڭدىن چەكلىمگەنلىكى بىلىندى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئادەت كۆرىدىغان ئاياللار كۆپ تۇرۇقلۇق چەكلىمىگەنلىكى بولسا بۇنىڭ ھارام ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ".

بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئالىملار ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى بىلگەندىن كېيىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىش: ھەيزدار زۆرۈر ئېھتىياج بولمىسا قۇرئان كەرىمنى تىلى بىلەن تىلاۋەت قىلماسلىق كېرەك، ئەگەر قىزلارغا قۇرئان تەلىم بېرىدىغان ئۇستاز بولسا ياكى ئىمتىھانغا كېرىدىغان ياكى باشقا ئېھتىياج بىلەن قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغان ئاياللارغا رۇخسەت بولىدۇ.

ھەيزنىڭ ئىككىنچى ھۆكمى: روزا.

ھەيزدارنىڭ پەرز، نەپلە قاتارلىق ھەرقانداق تۈردىكى روزىنى تۇتىشى ھارام بولىدۇ، ئەگەر تۇتقان بولسا توغرا بولمايدۇ، لېكىن پەرز روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىزلەردىن بىرىمىز ئادەت كۆرۈپ قالساق، نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇلمايتتۇق ئەمما روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىلاتتۇق». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئەگەر ئايال روزىدار ھالەتتە ئادەت كۆرۈپ قالسا، گەرچە كۈن ئولتۇرۇشقا بىر مىنۇت قالغان تەقدىردىمۇ تۇتقان روزىسى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئەگەر پەرز روزا بولسا، شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

ئەمما كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ھەيزنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، لېكىن كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن بىر نەرسە كەلگەن بولسا، بۇ ھالەتتە تۇتقان روزىسى تولۇق بولىدۇ، توغرا قاراشتا بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ، چۈنكى قان ئېچىدە بولسا بۇنىڭغا ھۆكۈم بېرىلمەيدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئايالمۇ چۈشىدە ئەرلەر كۆرگەندەك ئىشلارنى كۆرسە يۇيۇنۇش كېرەك بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شۇنداق ئەگەر ئايالمۇ ھۆللۈكنى كۆرسە يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ» دېگەن. ھۆكۈمنى يۆتكۈلۈشكە ئەمەس بەلكى مەنىينى كۆرۈشكە ئالاقىدار قىلدى، شۇنىڭدەك ھەيزنىڭ ھۆكمىمۇ يۆتكۈلۈش بىلەن ئەمەس بەلكى سېرتقا چىققان قاننى كۆرۈش بىلەن بېكىتىلنىدۇ.

ئايال ئادەت كۆرگەن ھالەتتە تاڭ يورىغان بولسا، شۇنىڭدەك تاڭ يورۇپ بىر مىنۇتتىن كېيىن پاك بولغان بولسا، بۈ كۈننىڭ روزىسى توغرا بولمايدۇ.

ئايال تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرىلا پاك بولغان بولسا، روزا تۇتسا روزىسى توغرا بولىدۇ، گەرچە ئۇ ۋاقىتتا يۇيۇنماي تاڭ يورىغاندىن كېيىن يۇيۇنسىمۇ بولىدۇ، جۇنۇپ ئادەممۇ يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى روزىنى نىيەت قىلىپ تاڭ يورىغاندىن كېيىن يۇيۇنسا تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېھتىلام بولماستىن ئاياللىرى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ تاڭ ئاتقۇزاتتى، ئاندىن رامىزان روزىنى تۇتىۋېرەتتى». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئۈچىنچى ھۆكۈم: كەبىنى تاۋاپ قىلىش:

ھەيزدارنىڭ كەبىنى تاۋاپ قىلىشى ھارام بولىدۇ. پەرز تاۋاپ بولسۇن ياكى نەپلە تاۋاپ بولسۇن ھۆكۈم ئوخشاشتۇر. ئەگەر تاۋاپ قىلىپ قالسا، توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەيز كۆرۈپ قالغاندا، ئۇنىڭغا: «سىز تاۋاپنى پاك بولغاندا قىلىڭ، ئۇنىڭدىن باشقا ھاجىلار ئادا قىلىدىغان بارلىق پائالىيەتلەرنى ئادا قىلسىڭىز بولىدۇ» دېگەن.

ئەمما سەپا-مەرۋە قىلىش، ئەرەپاتتا تۇرۇش، مۇزتەلىپىدە قونۇش، شەيتانلارغا تاش ئېتىش قاتارلىق ھەج-ئۆمرەنىڭ باشقا پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىش چەكلەنمەيدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن: ئەگەر ئايال پاك ھالەتتە تاۋاپنى باشلاپ تاۋاپ ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا ھەيز كەلگەن بولسا، گەرچە ئىككى رەكەت تاۋاپ نامىزىنى ئوقۇمىغان بولسىمۇ، ياكى ساپا-مەرۋە ئارىسىدا ھەيز كەلگەن بولسا، بۇنىڭدا ھېچ گەپ يوق.

تۆتىنچى ھۆكۈم: ھەيزداردىن ۋېدالىشىش تاۋاپى ساقىت بولىدۇ.

ئايال ھەج-ئۆمرە پائالىيەتلىرىنى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆز يۇرتىغا قايتىشتىن ئىلگىرى ئادەت كۆرۈپ، سەپەرگە چېقىدىغان ۋاقىتتىمۇ ھەيز داۋاملاشقان بولسا، بۇ ئايال ۋېدالىشىش تاۋاپىنى قىلماي مەككىدىن چېقىپ كەتسە بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلارنىڭ مەككىدىن چېقىدىغاندا قىلىدىغان ئاخىرىقى ئىشى كەبىنى تاۋاپ قىلىشقا بۇيرۇلغان، لېكىن بۇ تاۋاپ ھەيزداردىن يەڭگىللىتىلگەن» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئەمما ھەج-ئۆمرەنىڭ پەرز تاۋاپلىرى چۈشۈپ كەتمەيدۇ، ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن يۇيۇنۇپ قىلىدۇ.

بەشىنچى ھۆكۈم: ھەيدارنىڭ مەسچىتتە تۇرۇش مەسىلىسى:

ھەيزدارنىڭ ھەيز ھالىتىدە مەسچىتتە تۇرىشى ھارام بولىدۇ، ھەتتا ھېيت كۈنى ھېيت نامىزى ئادا قىلىدىغان ئورۇندا تۇرسىمۇ بولمايدۇ، ئۇ يەردىن بىر ئاز يىراقتا تۇرىدۇ، بۇ توغرىدا ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: ئۇ مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «چوڭ-كېچىك ھەممە ئاياللار ۋە ئادەت كۆرۈپ قالغان ئاياللارمۇ ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان مەيدانغا چىقسۇن، ياخشىلىق سورۇنىغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ دۇئاسىغا ئېشتىراك قىلسۇن، ئادەت كۆرۈپ قالغانلار ناماز ئادا قىلىدىغان جايدىن يىراقراق تۇرسۇن». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئالتىنچى ھۆكۈم: ئەر كىشىنىڭ ھەيزدار ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشى توغرا ئەمەستۇر:

ئەرنىڭ ھەيزدار ئايالى بىلەن  جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشى ھارام بولىدۇ، ئايالنىڭ بۇنىڭغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشىمۇ ھارام بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَيَسْأَلونَكَ عَنِ الْمَحِيضِ قُلْ هُوَ أَذىً فَاعْتَزِلُوا النِّسَاءَ فِي الْمَحِيضِ وَلا تَقْرَبُوهُنَّ حَتَّى يَطْهُرْنَ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق (يەنى ھەيزدار ئايال بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى توغرۇلۇق) سورايدۇ. ئېيتقىنكى، «ھەيز زىيانلىقتۇر (يەنى ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە قىلىش ئەر ـ خوتۇن ھەر ئىككىسىگە زىيانلىقتۇر). شۇڭا ھەيز مەزگىلىدە ئاياللىرىڭلاردىن نېرى تۇرۇڭلار، (ھەيزدىن) پاك بولغىچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، پاك بولغاندا، ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرۇغان جايدىن يېقىنچىلىق قىلىڭلار» [سۈرە بەقەرە 222-ئايەت].

ھەيزدىن ھەيز كۆرگەن ۋاقىتنىڭ ھەممىسى مەقسەت قىلىنىدۇ، ئورۇندىن ھەيز كەلگەن ئورۇن مەقسەت قىلىنىدۇ.

بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەيداز ئايالىڭلار بىلەن نىكاھتىن باشقا يەنى جىمادىن باشقا ھەممە ئىشلارنى قىلساڭلار بولىدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى].

چۈنكى بارلىق مۇسۇلمانلار ھەيزدارنىڭ جىنسى يولىغا مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن.

ئاللاھ تائالا ئەر كىشىگە جىما قىلماستىن ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنى قىلىش بىلەن شەھۋىتنى سۇندۇرۇشنى دۇرۇس قىلدى، سۆيۈش، قۇچاقلاش، جىنسى ئەزاسىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنىگە يېقىنلىشىش دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن ئېھتىيات يۈزىسىدىن كىندىكى بىلەن تىزىنىڭ ئارىسىدىكى ئورۇنغا يېقىن كەلمەسلىك ياخشىدۇر، ئەگەر كىيىم بولسا مەيلى. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئادەت كۆرۈپ قالغان ۋاقىتلاردا، (ياتقاندا) پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىشتان كېيۋېلىشقا بۇيرىتتى ۋە مېنى قاچاقلايتتى». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

يەتتىنچى ھۆكۈم: ئايالنى ھەيزدار ھالەتتە تالاق قىلماسلىق توغرىسىدىكى مەسىلىلەر:

ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى ھەيزدار ھالىتىدە تالاق قىلىشى توغرا بولمايدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَطَلِّقُوهُنَّ لِعِدَّتِهِنَّ تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! (ئۈممىتىڭگە ئېيتقىنكى) سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە (لايىق پەيتتە يەنى پاكلىق ھالىتىدە) تالاق قىلىڭلار. ئىددەتنى ساناڭلار» [سۈرە تالاق 1-ئايەت].

يەنى: تالاق قىلغان ۋاقىتتا مەلۇم بولىدىغان ئىددەت ۋاقتىغا يۈزلەنگەندە تالاق قىلىڭلار، بۇ ئايالىنى ھامىلدار ھالەتتە ياكى ھەيزدىن پاك بولۇپ جىنسى مۇناسىۋەت قىلمىغان ھالەتتە بولىدۇ، چۈنكى ھەيزدار ھالىتىدە تالاق قىلىۋەتسە، ئىددەتكە يۈزلەنمىگەن ۋاقتى بولىدۇ، تالاق قىلىنغان ۋاقىتتىكى ھەيز ئىددەتتىن ھېساپلانمايدۇ، جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندىن كېيىن تالاق قىلسا، يۈزلىنىدىغان ئىددىتى مەلۇم بولمايدۇ، چۈنكى ئايالنىڭ بۇ قېتىملىق جىنسى مۇناسىۋەتتە ھامىلدار بولۇپ قالدىمۇ بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ، ھامىلدارلىق ئىددىتىنى تۇتامدۇ ياكى ھامىلدار ئەمەس ھەيزنىڭ ئىددىتىنى تۇتامدۇ ئېنىق بولمايدۇ، ئىددەتنىڭ تۈرىدىن ئىشەنچ ھاسىل بولمايدىكەن، ئىش ئېنىق بولغانغا قەدەر تالاق قىلىۋېتىش ھارام بولىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەتنىڭ ھۆكمى بويىنچە ھەيزدار ئايالنى ھەيز ھالىتىدە تالاق قىلىۋېتىش ھارام بولىدۇ، بۇ توغرىدا بۇخارى ۋە مۇسلىمدىمۇ سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنغان، بىر ھەدىستە: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالىنى ھەيزدار ھالىتىدە تالاق قىلىۋەتكەن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئىشقا ئاچچىغى كېلىپ مۇنداق دېگەن: «ئىبنى ئۆمەرنى بۇيرىغىن، ئايالىغا يېنىشىۋالسۇن، ئاندىن ئۇ ئايالنى ھەيزدىن پاك بولغىچە نىكاھىدا ساقلىسۇن، ئاندىن ھەيز كۆرسۈن، ئاندىن پاك بولسۇن، ئاندىن ئۇنىڭدىن كېيىن خالىسا ئەمرىدە ساقلىسۇن، ئەگەر خالىسا جىنسى مۇناسىۋەت قىلماستىن تالاق قىلسۇن، ئاشۇ ئاللاھ تائالا ئاياللارنى تالاق قىلىشىقا بۇيرىغان ئىددەتتۇر».

بىر كىشى ئايالىنى ھەيزدار ھالىتىدە تالاق قىلسا گۇناھكار بولىدۇ، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشى كېرەك بولىدۇ، ئايالىنى شەرئى كۆرسەتمە بويۇنچە ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرىقىغا مۇۋاپىق ھالەتتە تالاق قىلىش ئۈچۈن نىكاھىغا قايتۇرىۋالسۇن، ئۇ ئايالنى تالاق قىلغان ھەيزدىن پاك بولغىچە ئەمرىدە ساقلىسۇن، ئاندىن ئۇنىڭدىن پاك بولسۇن، ئۇ ۋاقىتتا جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشتىن ئىلگىرى خالىسا تالاق قىلسۇن، خالىسا نىكاھىدا ساقلاپ قالسۇن.

ئايالنى ھەيز ھالىتىدە تالاق قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىدىن ئۈن تۈرلۈك مەسىلە ئايرىۋېلىنىدۇ: بىرىنچى: ئەگەر ئۇ ئايال بىلەن توي قىلىپ خالى جايدا بولۇش ياكى يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ئايال ئادەت كۆرۈپ قالغان بولسا ، بۇنداق ھالەتتە تالاق قىلسا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا بىرگە بولمىغاندىن كېيىن ئىددەت بولمايدۇ، بۇ شەكىلدىكى تالاق بۇ ئايەتكە زىت بولمايدۇ: «سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە (لايىق پەيتتە يەنى پاكلىق ھالىتىدە) تالاق قىلىڭلار».

ئىككىنچى: ئەگەر ھامىلدارلىق ھالىتىدە ھەيزدار بولۇپ قالغان بولسا بۇ ھالەتتە تالاق قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.

ئۈچىنچى: ئەگەر مالغا دېيىشىپ تالاق قىلىدىغان بولسا، ھەيزلىك ھالىتىدە تالاق قىلسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدىكى ئەسلى ھالاللىقتۇر، بۇنىڭدىن چەكلەشنىڭ دەلىلى يوقتۇر. ئايال ھەيداز ھالەتتە ئەر ئۆزىگە ئىگە بولالىسا ۋە ئايالىغا يېقىنلىق قىلماسلىققا ئىشەنچ قىلسا ئايالىنىڭ يېنىغا كىرسە بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالمىسا، چەكلەنگەن ئىشقا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەيزدىن پاك بولغانغا قەدەر ئۇنىڭ يېنىغا كىرمەيدۇ.

سەككىزىنچى ھۆكۈم: ھەيزنى تالاقنىڭ ئىددىتى دەپ ئېتىبارغا ئېلىش توغرىسىدا:

ئەگەر نىكاھدىن كېيىن ئايالى بىلەن خالى بولۇپ ياكى يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن تالاق قىلغان بولسا، ئايال ھەيز كۆرىدىغان ئاياللاردىن بولسا، ھامىلدار بولمىسا ئايالنىڭ تولۇق ئۈچ ھەيز ئىددەت تۇتىشى ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَالْمُطَلَّقَاتُ يَتَرَبَّصْنَ بِأَنْفُسِهِنَّ ثَلاثَةَ قُرُوء تەرجىمىسى: «تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە ئىددەت تۇتىدۇ» [سۈرە بەقەرە 228-ئايەت].

ئەگەر ئايال ھامىلدار بولسا، ئۇنىڭ ئىددىتى ھامىلەنى تۇغقانغا قەدەر بولىدۇ، بۇ ئىددەت قىسقا بولسۇن ياكى ئۇزۇن بولسۇن ئوخشاشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَأُولاتُ الْأَحْمَالِ أَجَلُهُنَّ أَنْ يَضَعْنَ حَمْلَهُنَّ تەرجىمىسى: «ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىددىتى (مەيلى ئايرىلىپ كەتكەن بولسۇن، مەيلى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسۇن) يەڭگىش بىلەنلا تۈگەيدۇ» [سۈرە تالاق 4-ئايەت].

ئەگەر ياشىنىپ قالغانلىق، ياكى ئوپىراتسىيە قىلىنىپ بالىياتقۇسى ئېلىۋېتىلگەن ياكى باشقا سەۋەپلەردىن ھەيز كۆرۈلمەيدىغان ئاياللارنىڭ ئىددىتى بولسا ئۈچ ئاي بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَاللَّائِي يَئِسْنَ مِنَ الْمَحِيضِ مِنْ نِسَائِكُمْ إِنِ ارْتَبْتُمْ فَعِدَّتُهُنَّ ثَلاثَةُ أَشْهُرٍ وَاللَّائِي لَمْ يَحِضْنَ تەرجىمىسى: «ئاياللىرىڭلارنىڭ ئىچىدىكى ھەيزدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلەردىن (يەنى يېشى چوڭ بولغانلىقتىن ھەيز كۆرمەيدىغانلارنىڭ ئىددىتىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىدىن) شۈبھىدە بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئايدۇر. ھەيز كۆرمىگەنلەرنىڭ ئىددىتى ھەم ئۈچ ئايدۇر» [سۈرە تالاق 4-ئايەت].

ئەسلىدە ھەيز كۆرىدىغان لېكىن بالا ئېمىتىش ياكى باشقا بىر كېسەللىك تەرەپتىن ھەيز كۆرمەيدىغان ئاياللارنىڭ ئىددىتى ئۇلار ھەيز كۆرگەنگە قەدەر ئىددەت ئېچىدە قالىدۇ، بۇنىڭ ۋاقتى قانچىلىك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە مەيلى، ئەگەر سەۋەپ ئاخىرلىشىپ، يەنە ھەيز كۆرمىسە، كېسەللىكتىن ساقىيىپتۇ، بالا ئېمىشتىن توختاپتۇ، ھەيز كەلمەپتۇ، بۇ ئايال شەرئى قائىدىلەر تەتبىقلىنىدىغان توغرا قاراشقا كۆرە، تولۇق بىر يىل ئىددەت تۇتىدۇ، چۈنكى سەۋەپ يوق بولۇپ يەنىلا ھەيز كەلمىسە، ئۇ مەلۇم بولمىغان سەۋەپلەر بىلەن ھەيز كەلمىگەن ئايالغا ئايلىنىدۇ، مەلۇم بولمىغان سەۋەپلەر بىلەن ھەيز كەلمىسە، ئۇ ۋاقىتتا تولۇق بىر يىل ئىددەت تۇتىدۇ، توققۇز ئاي ئېھتىيات يۈزىسىدىن ھامىلدارلىقنىڭ ئىددىتىنى، ئۈچ ئاي ھەيزنىڭ ئىددىتىنى تۇتىدۇ.

ئەگەر نىكاھ قىلىنىپ، بىرگە بولۇشتىن ئىلگىرى ياكى خالى جايدا بولۇشتىن ئىلگىرى تالاق قىلىنغان ئايالغا ھەيز ياكى باشقا ئىشلار ئۈچۈنمۇ مۇتلەق ئىددەت كەتمەيدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نَكَحْتُمُ الْمُؤْمِنَاتِ ثُمَّ طَلَّقْتُمُوهُنَّ مِنْ قَبْلِ أَنْ تَمَسُّوهُنَّ فَمَا لَكُمْ عَلَيْهِنَّ مِنْ عِدَّةٍ تَعْتَدُّونَهَا تەرجىمىسى: « ئى مۆمىنلەر! سىلەر مۆمىن ئاياللارنى ئالساڭلار، ئاندىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى قويۇۋەتسەڭلار، بۇ چاغدا ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ئىددەت تۈتماسلىقى كېرەك» [سۈرە ئەھزاپ 49-ئايەت].

تۇققۇزىنچى ھۆكۈم: رەھمىنىڭ پاك ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش توغرىسىدا:

يەنى بالىياتقۇنىڭ تۆرەلمىدىن خالى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش، ھەر قېتىم بالىياتقۇنىڭ تۆرەلمىدىن خالى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولغاندا، بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قانچە مەسىلىنى بايان قىلىش كېرەك بولىدۇ:

ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: بىر كىشى تۆرەلمىسى مىراس ئالىدىغان بىر ئايالنى قالدۇرۇپ ۋاپات بولغان، ئۇ ئايالنىڭ ئېرى بار، ئۇ ئايالنىڭ ئېرى ئۇ ئايال ھەيز كۆرگىچە ياكى ھامىلدارلىقى ئېنىق بولغىچە بىرگە بولماپتۇ، ئەگەر ھامىلدارلىقى ئېنىق بولسا، ئۇنى مىراس ئالىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىمىز، بۇنداق ھۆكۈم قىلىشىمىز مىراس قويغۇچى ۋاپات بولغاندا ۋارىسى مەۋجۇت بولغان دېگەنلىك ئۈچۈندۇر، ئەگەر ھەيز كۆرسە، ئۇنىڭ مىراس ئالمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىمىز، بۇنداق ھۆكۈم قىلىشىمىز، ھەيز كۆرۈش بىلەن بالىياتقۇنىڭ تۆرەلمىدىن خالى ئىكەنلىكى ئېنىق بولىدۇ.

ئونىنچى ھۆكۈم: ھەيزدىن پاك بولغاندا يۇيۇنۇشنىڭ ۋاجىپ بولىدىغانلىقى:

ھەيزدار ھەيزدىن پاك بولغاندا پۈتۈن بەدىنىنى يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پاتىمە بىنتى ئەبى ھۇبەيشكە مۇنداق دېگەن: «ھەيز كۈنىڭىز كەلگەندە نامازنى تەرك قىلىڭ، ھەيز كۈنىڭىز ئاخىرلاشقاندا يۇيۇنۇپ نامازنى داۋام قىلىڭ» [بۇخارى رىۋايىتى].

يۇيۇنۇشتا ئەڭ ئاددى ۋاجىپ چاچنىڭ تېگىدىن تارتىپ پۈتۈن بەدىنىنى يۇيۇشتۇر. ئەڭ ياخشىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە كەلگەن بويىنچە بولىدۇ، ئەسما بىنتى شەكىل ھەيزدىن يۇيۇنۇش توغرىسىدا سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار خۇشبۇي ئارىلاشتۇرۇلغان سۇنى ئېلىپ پاكىزلانسۇن، گۈزەل ھالەتتە پاكىزلانسۇن، ئاندىن بېشىغا سۇ تۆكسۇن، بېشىنى بەك ئۇۋلىسۇن، سۇنى بېشىنىڭ ئاستىغا يەتكۈزسۇن، ئاندىن بېشىغا سۇ قۇيسۇن، ئاندىن ئىپار ياكى مىسىك سۈركەلگەن پاختىنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن پاكىزلىسۇن دېدى»، ئەسما: ئۇنى قانداق پاكىزلايدۇ؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ پاكتۇر! پاكىزلاڭ» دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا: قاننىڭ ئىزلىرىنى پاكىزە سۈرتۇڭ دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى].

چېچى ئۆرەلگەن ئايالنىڭ چېچىنىڭ ئۆرىمىسىنى بۇزىشى كېرەك بولمايدۇ، لېكىن بەك چېڭ ئۆرەلگەن بولسا، چاچنىڭ تېگىگە سۇ يەتمەيدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا چاچنى چۇۋۇش كېرەك، بۇ توغرىدا "سەھىھ مۇسلىمدا" ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاندىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ ئانىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: مېنىڭ چېچىم بەك چېڭ ئۆرەلگەن، جۇنابەتتىن يۇيۇنۇش ئۈچۈن چېچىمنى چۇۋۇيمەنمۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق، سىز بېشىڭىزغا يەنى چېچىڭىزغا ئۈچ ئۇۋۇچ سۇنى قويۇپ ئۇنىڭ بىلەن پاك بولسىڭىز بولىدۇ» دېگەن.

ھەيزدار ناماز ۋاقتى ئارىسىدا پاك بولسا، شۇ ۋاقىتتىكى نامازنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئالدىراپ يۇيۇنىشى كېرەك، ئەگەر سەپەردە بولۇپ يېنىدا سۇ بولمىسا، ياكى سۇ بولسىمۇ سۇ ئىشلەتسە زەرەر بولىدىغان ئەھۋال بولسا ياكى كېسەللىك بولسا، سۇ ئىشلىتىشتىن چەكلەپ قويىدىغان چەكلىمە يوقالغانغا قەدەر تەيەممۇم قىلىپ، كېيىن يۇيىنىدۇ.

بەزى ئاياللار ناماز ۋاقتى ئارىسىدا پاك بولسىمۇ يۇيۇنۇشنى ئاخىرقى ۋاقىتا كېچىكتۈرىدۇ ۋە بۇ ۋاقىتتا تولۇق يۇيۇنغىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، لېكىن بۇ سۆز ئۈزۈر ۋە دەلىل بولالمايدۇ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ھېچ بولمىغاندا يۇيۇنۇشنىڭ ۋاجىپلىرىنى بولسىمۇ ئادا قىلغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلالايدۇ، ئەگەر يەنە ۋاقىت بولسا مۇكەممەل تاھارەت ئالىدۇ".

بۇ ئايال ھەيزدار بولغاندا تەرتىپلىنىدىغان ھۆكۈملەرنىڭ مۇھىملىرىدۇر. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ: ئايالدا بولغان تەبىئى قان توغرىسىدىكى رىسالىدىن ئېلىندى".

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ھەيز ۋە نىپاس
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش