ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

قۇرئان كەرىمنى چېرايلىق ئاۋازدا ئوقۇش، تولۇق ياد ئوقۇش مۇسابىقىلىرى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان مۇكاپاتلار توغرىسىدا

15-10-2025

سۇئال 5526

پەرزەنتلەرنىڭ قۇرئان كەرىمگە بولغان رىغبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى چېرايلىق ئاۋازدا ئوقۇش، تولۇق ياد ئوقۇش مۇسابىقىلىرىنى ئىلىپ بېرىش ۋە مۇكاپات تارقىتىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن

جاۋاپنىڭ تىكىستى

پەرزەنتلەرنى كېچىكىدىن قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىشقا قىزىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان بۇ شەكىلدىكى مۇسابىقە، پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ناھايىتى ياخشى بىر ئىش، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ماددى مۇكاپاتلارنى بەرسە بولىدۇ، بۇ مۇسابىقىنى ئورۇنلاشتۇرغانلار ئۈچۈنمۇ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كاتتا ئەجىر-ساۋاپلار بېرىلىدۇ، چۈنكى بۇ ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَىٰ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار» [سۈرە مائىدە 2-ئايەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مۇسابىقىلەر ۋە ئويۇنلار
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش