ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەن يېقىندا مۇسۇلمان بولدۇم، پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا بېرىشنى مەقسەت قىلىۋاتىمەن، ئاڭلىشىمچە ؛ مەن ئۆزۈمنىڭ ئىلگىرىكى خرىستىئانچە ئىسمىمنى ئىسلامى بىر ئىسىمغا ئۆزگەرتمىسەم ھەج ئىبادىتىمنى ئادا قىلالمايدىكەنمەن، بۇ توغرىمۇ؟، مەن كىملىك، نۇپۇس دەپتىرى ۋە پاسپۇرتتىن تارتىپ بارلىق بەلگىلىرىمدىن ئىسمىمنى ئۆزگەرتىشىم كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
شەرئى تەرەپتىن: ئىسىمدە شەرئى چەكلىمە بولمايدىكەن ھەج-ئۆمرىنىڭ توغرا بولىشىنىڭ ئىسىم بىلەن ئالاقىسى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز كىملىك، نۇپۇس دەپتىرى ۋە پاسپورت قاتارلىق رەسمى بەلگىلەردە ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلى ئىسمىنى ئىشلىتىپ، ئۆزىڭىزگە مەنىسى گۈزەل بولغان چىرايلىق بىر ئىسىم قويىۋالسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق قىلىش ياخشىدۇر.
رەسمىيەت تەرەپتىن: سىز ھەجگە بېرىش ئۈچۈن ۋېزا قويدۇرغىلى ئەرەبىستان باش ئەلچىلىككە بارىدىغاندا، سىز تۇرىۋاتقان يېرىڭىزدىكى ئىسلام مەركىزىگە بېرىپ ئۆزىڭىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھلىق قەغىزى ئېلىۋالسىڭىز، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھەجگە بېرىش يولىدا ھېچقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىمايسىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىرەر مۇسۇلمان بىلەن بىرلىكتە ھەج-ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشچانلىق قىلىڭ.
ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.