ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

نىجاسەت ۋە ئۇنىڭدىن پاكىزلىنىش توغرىسىدىكى سوئاللار توغرىسىدا

25-07-2025

سۇئال 262300

نىجاسەتنى توغرا شەكىلدە يۇيۇش قانداق بولىدۇ؟ تۆۋەندىكى ھالەتلەرنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟.

1-سىلىق، پارقىراق نەرسىلەردىكى ۋە ئېغىر يۈزى سېلىق نەرسىلەردىكى نىجاسەتنى تازىلاش ئۈچۈن سۇ بىلەن نەچچە قېتىم يۇسا بولىدۇ؟، (سىلىق نەرسىلەرنى تازىلاشتا سۇ كېرەك بولمايدۇ دەپ ئاڭلىدىم).

2- ياتاق، ياستۇق ۋە باشقا بارلىق قېلىن نەرسىلەرنى پاكىزلاش قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟.

3-سۈيدۈك ۋە باشقا كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان نىجاسەتلەرنى كىيىم-كىچەكلەردىن نەچچە قېتىم يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ؟، يۇغان نەرسىلەرنى سىقىش كېرەكمۇ ياكى مەلۇم مىقداردىكى سۇدا يۇساق كۇپايە قىلامدۇ؟.

4-سۈيدۈك چاچرىغان ئىچ كىيىملەرنى سۈيدۈكنىڭ ھەجىمىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ بولغان سۇغا چۆكتۈرسە پاكىز بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز سۈيدۈكنى 100مىللى دېسەك، بىر قاچىغا ئۈچ يۈز مىللى سۇ تولدۇرۇپ كىيىمنى شۇنىڭغا چۆكتۈرۈپ سىقمىساقمۇ نىجاسەتتىن پاكىزلىنىشى ئۈچۈن كۇپايە قىلامدۇ؟، كۆرۈش مۇمكىن بولمايدىغان نىجاسەتنى قانداق قىلىمىز؟.

5-كىر يۇيۇش ماشىنىسى ئۈچ باسقۇچلۇق بولمىسىمۇ ئۇنىڭ كىيىملەر نىجاسەتنىڭ ئەسىرى يوق بولسا ،بۇ پاكىز بولغان بولامدۇ؟.

6-سوپۇن قاتارلىق پاكىزلاش ماددىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشتا ئىشلىتىلگەن بەزى نەرسىلەرنىڭ ھارام ھايۋانلارنىڭ ماددىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن ئۇ ماددىلارنى ئىشلەتسەك بولامدۇ؟، بۇ ھەممە كىيىملەرنى نىجىس قىلىۋاتامدۇ؟، بولۇپمۇ پاكىزلاش ماددىلىرىغا ھايۋانلاردىن ئېلىنغان نەرسىلەر ئىشلىتىلگەندە شۇنداق بولامدۇ؟، ياكى پاكىزلاش ماددىلىرى ھايۋانلاردىن ئېلىنغان فېيىزىكىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ھەممىسى ھالال بولامدۇ؟.

سوئال كۆپ بولۇپ كەتتى كەچۈرۈڭلار!. مەن كۆپ ئىزدەندىم، بۇنىڭغا جاۋاپ تاپالمىدىم، ئاللاھ كۆپ ئەجىر بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بىرىنچى:  سىلىق، پارقىراق نەرسىلەرنى پاكىزلاش، كۈچلۈك قاراشتا ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئۇستىنى سۈرتۈۋېتىش بىلەن بولىدۇ، بۇ ئىمام مالىك ۋە ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدۇر، چۈنكى ئىبرەت نىجاسەتنى يوق قىلىش بىلەن بولىدۇ.

كاسانى رەھىمەھۇللاھ "بەدائى ئەسسەنائى"  1 -توم 85 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " قىلىچ، ئەينەك دېگەندەك قاتتىق، پارقىراق نەرسىلەرگە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا، نىجاسەت يول بولسۇن ياكى قۇرۇق بولسۇن ئۇنى سۈرتۈۋېتىش بىلەن پاكىز بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ جۇزئىلىرىگە نىجاسەت ئارىلاشمىغان، ئۇنىڭ كۆرۈنىشى نىجاسەتنى سۈرتۈۋېتىش بىلەن پاكىز بولىدۇ".

مالىكى ئالىم دۇسۇقى ئۆزىنىڭ "شەرھىل كەبىرگە يازغان ھاشىيىسى" 1 -توم 77-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " سۆزنىڭ خۇلاسىسى:  قىلىچ، ئەينەك دېگەندەك، ھەر قانداق قاتتىق ۋە سىلىق بولغان نەرسىلەرگە نىجاسەت يۇقۇپ قالغان بولسا، يۇيۇش بىلەن ئۇ نەرسىلەرنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئەنسىرىسە، يۇماستىن سۈرتۈش ئارقىلىق پاكىزلىسا بولىدۇ. ئۇنىڭغا يەتكەن مۇباھ قان بولسا ئەپۇ قىلىنىدۇ يۇيۇش كېرەك بولمايدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەجمۇ"  2 -توم 599 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " قىلىچ، پىچاق ۋە ئەينەك دېگەندەك سىلىق نەرسىلەرگە نىجاسەت يۇقۇپ قالغان بولسا، ئۇ نەرسىلەرنى باشقا نەرسىلەردىكى نىجاسەتنى يۇغاندەك، يۇمىسا ئۈستىدىكى نىجاسەتنى سۈرتۈۋېتىش بىلەن پاكىز بولمايدۇ، بۇ، ئىمام ئەھمەد ۋە داۋۇد زاھىرىينىڭ قارىشىدۇر.  ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئىمام مالىك:  سۈرتۈۋېتىش بىلەن پاكىز بولىدۇ دەيدۇ".

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نىجاسەت ئەينەك، قىلىچقا ئوخشاش سىلىق، پارقىراق ۋە نىجاسەتنى سۈمىرىۋالمايدىغان نەرسىلەرگە يۇققان بولسا، توغرا قاراشتا ئۇ نەرسىلەر ئۈستىدىكى نىجاسەتنى سۈرتۈۋېتىش بىلەن پاكىز بولىدۇ، ئەگەر ئەينەككە نىجاسەت يۇقۇپ، ئۈستىنى سۈرتۈۋېتىش بىلەن كىرلار يوق بولۇپ پارقىرىغان بولسا ، بۇ ئۇنىڭ بىلەن پاكىز بولىدۇ". [ "شەرھىل مۇمتى"  1 -توم 426 -بەت].

ئىككىنچى: چوڭ يوتقان، كۆرپە، گىلەم، كارۋات بۇلۇتلىرى دېگەندەك چوڭ نەرسىلەرگە نىجاسەت يۇقۇپ قالغان بولسا، ئۇنى پاكىزلاش ئۈچۈن نىجاسەت يۇققان ئورۇنغا سۇ نىجاسەتكە يەتتى دەپ قارىغانغا قەدەر سۇ قۇيىدۇ، ئاندىن نىجىس بولغان سۇنى قۇرۇق نەرسە ياكى بۇلۇت دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن سۈمۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر نىجاسەت شۇنىڭ بىلەن يوق بولۇپ، ئۇنىڭ ھېچ ئەسىرى قالمىسا بۇنىڭ بىلەن پاكىز بولىدۇ، تەلەپ قىلىنغان ئىش بۇدۇر. ئەگەر بۇنىڭ بىلەن نىجاسەت يوق بولمىسا ئىككى قېتىم، ئۈچ قېتىم ھەتتا نىجاسەت يوق بولدى دەپ قارىغانغا قەدەر يۇيىدۇ، بۇ يەردە سۇ نىجاسەتنىڭ مىقدارىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ بولسۇن دەيدىغان قائىدە يوق، نىجاسەت يوقالغان بولسا ئۇنى سىقىش ياكى سۈرتۈش كېرەك بولمايدۇ.

ئۈچىنچى: شەرىئەتتە نىجاسەتنى يۇيۇشتا ساننى ئېتىبارغا ئىلىش توغرىسىدا دەلىل كەلمىدى، پەقەت ئىتنىڭ نىجاسىتىنى پاكىزلاشتا يەتتە قېتىم يۇيۇلىدۇ، تۈنجى قېتىم توپا بىلەن بولىدۇ دەپ سان بېكىتىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا نىجاسەتلەرنى پاكىزلاشتا سان شەرت قىلىنمايدۇ، ھەتتا نىجاسەتتىن پاك بولغىچە يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ، بىر قېتىم يۇيۇش بىلەن پاكىز بولسىمۇ بولىدۇ.

تۆتىنچى: نىجاسەتنى پاكىزلايدىغان سۇنىڭ كۆپ بولىشى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نىجاسەت يوق بولۇپ، ئۇنىڭ پۇرىقى ۋە رەڭگىدىن ھېچ ئىز قالمايدىغان دەرىجىدە سۇ بولىشى كېرەك بولىدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ"ئەلمۇغنى"  1 -توم 75 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئىت ياكى توڭگۇزدىن باشقا نەرسىلەرنىڭ نىجاسىتىنى پاكىزلاشتا مۇئەييەن بىر سان بىلەن يۇيۇش ۋاجىپ بولامدۇ؟، بۇنىڭدا ئىمام ئەھمەدتىن ئىككى رىۋايەت بار، بىرىدە: ئىتنىڭ نىجاسىتىگە قىياس قىلىپ مەلۇم ساننى بېكىتىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئىككىنچىسىدە: مەلۇم سان ۋاجىپ بولمايدۇ، بەلكى نىجاسەتنى يوق قىلىدىغان مىقداردا يۇغىلى بولىدىغان سۇ بولسا بولىدۇ دېگەن، بۇ ئىمام شاپىئىنىڭمۇ قارىشىدۇر".

بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدەنگەندىن كېيىن:  نىجاسەتنى پاكىزلايدىغان سۇنىڭ مىقدارىنى سۈيدۈكنىڭ مىقدارىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ بولىشى كېرەك دېگەن سۆزى توغرىسىدا توختالمايمىز، بەلكى كۆرۈنۈشتە بۇ مىقداردىكى سۇ كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى بۇ مىقداردىكى سۇ نىجاسەتكە تەسىر كۆرسىتىپ نىجاسەتنى باشقا بىر نەرسىگە ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن.

بىزنىڭ توختىلىدىغان مەسىلىمىز: بەزى ئۆلىمالار زېمىننى نىجاسەتتىن پاكىزلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سۇ پاكىزلايدىغان نىجاسەتنىڭ مىقدارىدىن يەتتە ھەسسە كۆپ بولىشىنى شەرت قىلىدۇ.

بۇ ئىلگىرىكى سۆزگە يېقىن سۆز بولۇپ، بۇ سۆز ئاجىز بولغاندىمۇ بۇنىڭ سەھىھ بولغان دەلىلىنى بىلمەيمىز.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " زېمىنغا سىڭىپ كەتكەن نىجاسەتنى پاكىزلاش ئۈچۈن سۇنىڭ شۇ يەرنى پاكىزلاشقا يەتكۈدەك دەرىجىدە كۆپ بولىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

بۇ توغرىدا يەنە:  تازىلاش ئۈچۈن تۆككەن سۇ، سۈيدۈكنىڭ يەتتە باراۋېرىدە بولىشى شەرت قىلىنىدۇ دېگەن قاراش بولۇپ، بۇ ئاجىز قاراشتۇر. مەزھەپتە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان قاراش بولسا سۇ، نىجاسەتنى يوق قىلغۇدەك بولىشىدۇر". ["ئەلمەجمۇ"  2 -توم 611 -بەت].

بۇنىڭغا كۆرە: سۇنىڭ مىقدارى بېكىتىلمەستىن، نىجاسەتنى يوق قىلغۇدەك مىقداردا كۆپ بولىشى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.

بەشىنچى: ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشى: سۇغا نىجاسەت چۈشۈپ كەتسە، سۇدا ئۆزگىرىش بولمىسا سۇ نىجىس بولمايدۇ، يەنى رەڭگى ۋە پۇرىقى ئۆزگەرمىگەندەك.

بۇ مالىكى مەزھەپ قارىشى، ئىمام ئەھمەدتىنمۇ بىر رىۋايەت بار. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ۋە شاگىرتى ئىبنى قەييىممۇ بۇ قاراشنى كۈچلاندۇرغان.

زامانداش ئالىملاردىن:  شەيخ ئىبنى باز، ئىبنى ئۇسەيمىن، سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 224923 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

بۇنىڭغا كۆرە:  يۇيۇنۇش كۆلچىكىگە (ياكى دۆشكە) نىجىس كىيىملەر قويۇلسا، ئۇنىڭدىكى سۇدا ئۆزگىرىش بولمىسا، سۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى پاكىزلىق ھالىتىدە قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نىجىس بولمايدۇ. ئەمما نىجاسەت سەۋەبلىك سۇنىڭ رەڭگى ۋە پۇرىقى ئۆزگەرسە، بۇ سۇ نىجىس بولىدۇ.

لېكىن ھەرقانداق ھالەتتە: نىجىس كىيىم مۇمكىن بولسا سۇ كۆلچىكىدە قويماسلىق كېرەك، بەلكى ۋەسۋەسىنى يوق قىلىش ۋە بۇنىڭ بىلەن سۇ نىجىس بولىدۇ دېگەن ئۆلىمالارنىڭ سۆزىدىن چىقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىكى نىجاسەتنى يۇيۇۋېتىپ ياكى ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ قۇيۇۋېتىپ قويۇش كېرەك.

ئالتىنچى: نىجاسەت يۇقۇپ قالغان كېيىم كىر يۇيۇش ماشىنىسىدا يۇيۇلسا ئۇنىڭدىن نىجاسەتنىڭ تەسىرى يوقالسا بۇنىڭ بىلەن پاكىز بولىدۇ.

يەتتىنچى: پاكىزلىق ماددىلىرىدىن سوراپتۇ، ئەگەر ئۇ ماددىلار ئەسلى نىجىس بولغان ھايۋاندىن چىقىرىلغان ماددىلاردىن بولسا بۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق:

مۇشۇ پاكىزلىق ماددىلارنىڭ ئەسلى نىجىس ھايۋاندىن بولغان بولسا، لېكىن ئۇنى باشقا ماددىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، دەسلەپتە چىقىرىلغان نىجىس نەرسىگە خۇسۇسىيەت ۋە سۈپەت جەھەتتە ئوخشىمايدىغان بىر ماددىغا ئۆزگەرگەن بولسا، بۇنى ئىشلىتىش ۋە بۇنىڭ بىلەن تازىلاش دۇرۇس بولىدۇ.

ئەمما تۈنجى چىقىرىلغان نىجىس نەرسىنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرى ۋە سۈپەتلىرى ئەسلى بويۇنچە قالغان بولۇپ باشقا ماددىغا تولۇق ئۆزگەرمىگەن بولسا، ئۇنى ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ نىجىس نەرسىنىڭ ئۆزىنىڭ پىر پارچىسىدۇر.

مۇشۇ نىجاسەتنىڭ بار ئىكەنلىكىگە تەكىت قىلالمايدىغان مۇددەتتە، ئىشلەپ چىقىرىلغان بۇ نەرسىلەر ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالال، پاك ھالىتىدە قالىدۇ، ئارتۇقچە ئاۋارە بولۇپ ۋەسۋەسە ۋە شەك-شۈبھى  قىلىش كېرەك بولمايدۇ.

كۆپىنچە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ياكى ھالال بولمايدىغان ھايۋاندىن چىقىرىلغان ماددە، ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىدىن ئۆزگەرگەن بولسا، بۇ ئۆزگىرىش بىلەن ئۇ نەرسە پاك بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ نەرسىلەرنى باشقا تەرەپلەرگە قارىماستىن ئىشلىتىمىز.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

نىجاسەتنى يوق قىلىش
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش