ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ۋە خەتلىك ئوقۇلۇشى قاچىلانغان تىلىپۇن بىلەن ھاجەتخانىغا كېرىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

17-10-2025

سۇئال 21792

كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىلىكتىرۇنلۇق ئۈسكۈنىلەر كەڭ تارقالدى، ھەر تۈرلۈك ئىلغار تىلىپۇنلارغا قۇرئان كەرىمنىڭ تولۇق ئاۋازلىق ئوقۇلۇشى قاچىلىنىدىغان بولدى، بۇنداق تىلىپۇنلارنى ھاجەتخانىلارغا ئېلىپ كېرىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بۇنداق تىلىپۇنلارنى ھاجەتخانىلارغا ئېلىپ كېرىش ھارام بولمايدۇ-چەكلەنمەيدۇ، گەرچە ئۇنىڭ ئېچىگە قۇرئان كەرىم قاچىلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكمى بېرىلمەيدۇ، چۈنكى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازى ۋە ھەتتا يېزىلغان خەتلىك نۇسخىسىمۇ ئاشكارا ئەمەس بەلكى ئەپ دىتالنىڭ ئېچىدىدۇر. (يەنى قۇرئان كەرىم قاچىلانغان تىلىپۇن قۇرئاننىڭ ھۆكمىدە ئەمەستۇر).

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مۇسھەپ ھەققىدىكى بەلگىلىمە-ئەھكاملار
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش