ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئىسلام قاچان باشلانغان؟

01-07-2026

سۇئال 1985

ئىسلام قاچان باشلانغان؟، ئىسا ئەلەيھىسسالام بىلەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارىسىدا نەچچە يۈز يىل ئۆتكەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئىسلام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىپ، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن ئەرەب يېرىم ئارىلىغا، مەككە مۇكەررىمەگە ۋەھىيىنى  ئىلىپ چۈشۈش بىلەن باشلانغان، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىرىق ياشقا كىرگەن، مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن ئون ئۈچ يىلى بۇرۇنقى رامىزان ئىيىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېدى. (ھىجرەت قىلىنغان ۋاقىت بولسا ھىجىرىيە تارىخىنىڭ باشلىنىش ۋاقتىدۇر). مىلادىيە تارىخىغا كۆرە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشى مىلادىيە تارىخىغا كۆرە، مىلادىيە 608- ياكى 609-يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ.

بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن سالمان پارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر بېرىپ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارىلىقىدا ئالتە يۈز يىل ئۆتكەن دەيدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تارىخ ۋە تەرجىمىھال
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش