ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەن ئىراقلىق، تاغامنىڭ ئوغلى تاجاۋۇزچى گۇرۇھلارنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلدى، ئۇلارنىڭ ئۇنى بۇلاپ كېتىپ ئاندىن بېشىنى كېسىپ، ئىككى قولىنى دولىسىدىن كېسىپ بىر يەرگە ئۈچ كۈن تاشلاپ قويغان، بىز بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ۋاقتىدا بېرىپ جەسەتنى ئېلىپ كېتىشكە قادىر بولالمىدۇق، ھاۋا بەك ئىسسىق، شۇ ئارىدا يولدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەردىن بىرى توپا بىلەن كۆمۈپ قويۇپتۇ، كېيىن بىز ئۇ يەرگە باردۇق، جەسەت سېسىپ كېتىپتۇ، مەن ئۆز تېرىشچانلىقىم بىلەن ئۇنى يۇماستىن دەپنە قىلىۋەتتىم، چۈنكى بىز جەسەتنى يۇيۇشقا قادىر بولالمايمىز، مەن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ھېچ بولمىغاندا جەسەتكە سۇ بولسىمۇ چېچىۋەتكەن بولساق دېگەننى ئويلاپ قالدىم، بىز بۇنىڭدا گۇناھكار بولىمىزمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
بىز ئاللاھ تائالادىن تاغاڭلارنىڭ ئوغلىنى ئەپۇ قىلىشنى، خاتالىقلىرىنى مەغپىرەت قىلىشنى ۋە ئۆز رەھمىتى بىلەن جەننەتكە كىرگۈزۈشنى سورايمىز.
بارلىق ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن مېيىتنى يۇيۇش پەرز كۇپايىدۇر. بۇنداق قىلىش مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدىكى ھەققىدۇر.
ئەلائىددىن سەمەرقەندى: "تۆھپەتۇل پۇقەھائۇ" ناملىق ئەسىرى 1 -توم 239 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " ئىسلام ئۇممىتىنىڭ بىرلىكى بىلەن مېيىتنى يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ" . مۇسۇلمانلار ۋاپات بولغانلارنى يۇيۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولسا ئۇنى يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ، ئاندىن كېپەنلەپ، نامىزىنى ئوقۇپ دەپنە قىلىدۇ.
ئەگەر مېيىتنى يۇيۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىسا، چۈنكى يۇغاندا ئەزالار ئۈزۈلۈپ كېتىدىغان ھالەتتە بولسا، يۇماي ئۈستىگە سۇ قۇيىدۇ، بۇنداق قىلىشمۇ مۇمكىن بولمىغاندا، ئۇنى پاك تۇپراق بىلەن تەيەممۇم قىلدۇرىدۇ، بەزى ئەزالىرىنى يۇيۇش، بەزى ئەزالىرىغا سۈ تۆكۈش مۇمكىن بولسا، يۇيۇش مۇمكىن بولغاننى يۇيىدۇ، سۇ تۆكۈش مۇمكىن بولغانغا سۈ تۆكىدۇ، ئاندىن قالغان ئەزالىرىغا تەيەممۇم قىلدۇ.
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 2 -توم 402 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەزالىرى پارچىلىنىپ كەتكەن، كۆيۈپ كەتكەن، سۇغا غەرق بولۇپ كەتكەن كىشىلەرنى يۇيۇش ئىمكانىيىتى بولسا يۇيۇلىدۇ، ئەگەر يۇيۇش بىلەن ئەزالىرىنىڭ ئۈزۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە ئۈستىگە سۇ قۇيىدۇ، قولى بىلەن سىلىمايدۇ، ئەگەر سۇ تۆكسىمۇ ئەزالىرى ئۈزۈلۈپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە، مۇمكىن بولسا تەيەممۇم قىلىدۇ، بۇ خۇددى سۇ زەرەر بېرىدىغان ھايات ئادەمگە ئوخشاش ۋە سۇ بولمىغانلىقى ئۈچۈن مېيىتنى يۇيۇش ئۈزۈرلۈك بولۇپ قالسا تەيەممۇم قىلغانغا ئوخشاشتۇر.
بەزى ئەزالىرىنى يۇيۇش، بەزى ئەزالىرىغا سۈ تۆكۈش مۇمكىن بولسا، يۇيۇش مۇمكىن بولغاننى يۇيىدۇ، سۇ تۆكۈش مۇمكىن بولغانغا سۈ تۆكىدۇ، خۇددى ئۈزۈرلۈك بولغان ھايات ئادەمگە ئوخشاش. 154635-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان مېيىتنى يۇيۇش ياكى تەيەممۇم قىلدۇرۇشنىڭ ھازىر ئورنى يوق، سىز ئۇ ئىس توغرىسىدىكى شەرئى ھۆكۈمنى بىلمەي قىلغان بولسىڭىز، سىز پەقەت ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن سورىمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاللاھدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن بىلمەيدىغان ئىشلارغا دۈچكەلسىڭىز ئۇنىڭ شەرئى ھۆكمىنى بىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىڭ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: «ئەگەر بۇنى بىلمىسەڭلار، ئەھلى ئىلىمدىن سوراڭلار» [سۈرە ئەنبىيا 7 -ئايەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.