ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئىسلام دىنىغا ھەقىقى كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر كىشى ئۈچۈن، بۇ يەردە مۇھىم بولغان بىر نۇقتىنى بىلىشنى مەقسەت قىلىمەن، چۈنكى مەن بۇ توغرىدا كىشىلەردىن ئوخشىمىغان تۈرلۈك جاۋاپلارغا ئېرىشتىم؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
شۇنداق، بۇ يەردە بەك مۇھىم بولغان باشلىنىش نۇقتىسى بار، ئۇ بولسىمۇ: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر» دەپ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېلان قىلىشتۇر. بۇ يۇقىرىدا سورىغان سوئالنىڭ بىردىن- بىر جاۋابىدۇر. ئەگەر بۇنىڭدىنمۇ زىيادە مەلۇماتقا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز، تور بەتتىكى:" ئىسلامغا كېرىش" ناملىق تېمىغا مۇراجىئەت قىلسىڭىز ۋە بولۇپمۇ (378) بۇ نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراپ چىقىشىڭىز ئۈمىت قىلىنىدۇ.
سىزنىڭ بۇ دىننى چۈشەنگەنلىكىڭىز ۋە بۇ دىنغا كېرىشكە يۈزلەنگەنلىكىڭىزدىن ئىبارەت شانلىق قەدىمىڭىزنى تەبرىكلەيمىز، خوش كەپسىز، ئاللاھ تائالا سىزنى بارلىق يامانلىقلاردىن ساقلىسۇن. ئامىن.