ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ سوئال، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلماننىڭ تاھارەت ئېلىشى، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەتكە ئالاقىدار بولۇپ، مەن خۇپتەندىن كېيىن تاھارىتىمنى ساقلايمەن، مەن خۇپتەنگە ئالغان شۇ تاھارىتىىم بىلەن ئۇخلىسام بولامدۇ ياكى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يېڭىدىن تاھارەت ئالىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ئۇخلاشتىن ئىلگىرى تاھارەت ئىلىش بولسا، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى قىلىش مۇستەھەپ بولغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇخلايدىغان جايىڭغا كەلگەندە نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالغىن». [بۇخارى رىۋايىتى 247-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2710 -ھەدىس].
ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ھەدىسنىڭ كۆرۈنۈشىدىن ئۇخلىماقچى بولغان ھەرقانداق كىشىنىڭ گەرچە تاھارىتى بولسىمۇ، تاھارەت يېڭىلاشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكى نامايەندە بولىدۇ، شۇنداقلا پەقەت تاھارىتى بولمىغان كىشىنىڭ تاھارەت ئىلىپ ئۇخلىشىغا خاس ئىكەنلىكىمۇ بىلىنىدۇ.
ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر تاھارىتى بولغان كىشىگە شۇ تاھارىتى كۇپايە قىلىدۇ، چۈنكى تاھارەت بىلەن ئۇخلاشتىن بولغان مەقسەت، شۇ كېچىدە ۋاپات بولۇپ كېتىپ قالسا، تاھارەت بىلەن كېتىش، چۈش كۆرۈپ قالسا چۈشىنىڭ راست بولىشى، ئۇيقۇدا شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن خالى بولىشى ۋە شەيتاننىڭ قورقۇتىشىدىن ساقلىنىشى قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈندۇر".