ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
تېزلىكتە ياكى ئادەتتە كىچىك تەرەت قىلغاندا ئاستىدىكى ئىشتان ياكى كۇسارغا سۈيدۈك تامچىلىرى چاچراپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
1-ئىنسان ئۆزىنى پاكلاش ئۈچۈن يۇيۇنۇش كېرەك بولامدۇ؟.
2-بۇنداق ئىش يۈز بەرگەندە ئىنسان ئىچ كىيىمىنى ئالماشتۇرامدۇ ياكى سۈيدۈك چاچرىغان يەرنى يۇيىۋىتەمدۇ ياكى ئاستى تەرەپنى تولۇق يۇيامدۇ؟.
3-ئىچ كىيىمىگە سۈيدۈك چاچراپ كەتكەن مۇسۇلمان قانداق ناماز ئوقۇيدۇ؟، شۇ ھالەتتە ناماز ئوقۇغان بولسا ئوقۇغان نامىزى قوبۇل بولامدۇ؟.
4-مۇسۇلمان كىشى كىيىمىنىڭ سۇيدۇك چاچراپ كەتكەن ئورۇننى يۇغان ياكى يۇمىغانلىقى توغرىسىدا شەكلىنىپ قالسا قانداق قىلىدۇ؟. بۇنىڭ نامازنىڭ توغرا بولىشى ۋە تاھارەتنىڭ مۇكەممەل بولىشىغا تەسىرى بولامدۇ؟.
5-كىيىمىنىڭ سۇيدۇك چاچراپ كەتكەن ئورۇننى يۇغان ياكى يۇمىغانلىقى توغرىسىدا شەكلەنگەن ھالەتتە ناماز ئوقۇغان كىشى نامازنى قايتىدىن ئوقۇيامدۇ؟، ئۇ كىشىنىڭ مۇشۇنداق ھالەتتە قۇرئان كەرىمنى تۇتۇشى ۋە تىلاۋەت قىلىشى دۇرۇس بولامدۇ؟.
6-مۇشۇنداق ھالەتتە ئۇ كىشىنىڭ قىلىشى چەكلىنىدىغان ئىشلار قايسى؟ مېنىڭ شەكلىرىمنى يوق قىلىپ، بۇ ھەقتە ئوچۇق پەتىۋا بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟.
1-مۇسۇلماننىڭ نىجاسەتلەردىن يىراق بولۇپ، كۈچىنىڭ يېتىشچە نىجاسەتتىن ساقلىنىشقا ئۇرۇنۇشى ۋاجىپ بولىدۇ.
2-ئىنساننىڭ كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننىڭ يۇيۇنىشى كېرەك بولمايدۇ.
3-نىجاسەتنى يوق قىلىش دېگەن نىجاسەت يۇقۇپ قالغان ئورۇننى نىجاسەتنىڭ ئەسىرى يوقالغانغا قەدەر يۇيۇش بىلەن بولىدۇ.
4-نامازنىڭ سەھىھ بولىشى ئۈچۈن نىجاسەتتىن پاك بولۇش شەرتتۇر. ئەگەر نىجاسەتتىن پاك بولمىسا ئۇ كىشىنىڭ نامىزى باتىل بولىدۇ.
5-ئىنساننىڭ كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ، سۈيدۈك تېمىپ كەتكەن بولسا، نىجاسەت يۇقۇپ قالغان ئورۇننى نىجاسەت يوقالغانغا قەدەر يۇيۇش كېرەك، يۇيۇلماي قالغانلىرى بولسا ئەپۇ قىلىنىدىغان ئاز نىجاسەتنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.
6-ئىنسان نىجاسەتنى تازىلىدىمۇ ياكى تازىلىمىدىمۇ بۇنىڭدا شەكلىنىپ قالسا، ھۆكۈم ئىشەنچىگە ئاساسەن بولىدۇ، نىجاسەت بار دېگەن ئىشەنچىسى كۈچلۈك بولسا نىجاسەت بولىدۇ، پاكىزلىدىم دېگەنگە ئىشەنچىسى كۈچلۈك بولسا پاكىزلىغان بولىدۇ، ئۆزىنىڭ پاك ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلىپ، ئاندىن كىيىمگە نىجاسەت يۇقۇپ قالغاندىمۇ دەپ شەكلىنىپ قالسا، ئۇ كىشىگە دېيىلىدۇكى: پاكلىق ئەسلى بولغاندىكىن پاكلىق ئىشەنچلىك بولىدۇ.
7-ئىنسان كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالغانلىقىنى نامازدىن بىكار بولغاندىن كېيىن بىلگەن بولسا، ئوقۇغان نامىزى توغرا بولىدۇ.
8-كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالغان كىشىنىڭ ناماز ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ، ئەمما قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلسا بولىدۇ.
جدول المحتويات
مۇسۇلماننىڭ نىجاسەتلەردىن يىراق بولۇپ، كۈچىنىڭ يېتىشچە نىجاسەتتىن ساقلىنىشقا ئۇرۇنۇشى ۋاجىپ بولىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى قەبرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى قەبىردىكى كىشى ئەلۋەتتە ئازابلىنىۋاتىدۇ، بۇلار كۆرۈنۈشتە چوڭ بولغان بىر ئىشتا ئازابلانماۋاتىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرى كېچىك تاھارەتتىن پاكلانمايتتى(سۈيدۈكتىن تولۇق ساقلانمايتتى) يەنە بىرى: كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇپ سۇخەنچىلىك قىلاتتى». [مۇسلىم رىۋايىتى تاھارەت بابى 439 -ھەدىس].
كېچىك تاھارەتتىن پاكلانمايتتى دېگەنلىك: سۈيدۈكتىن يىراق بولمايتتى ۋە تولۇق ساقلانمايتتى دېمەكتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن كىيىمگە ۋە بەدىنىگە سۈيدۈك چاچراپ كەتمەيدىغان ھالەتتە بولسا ئۆرە تۇرۇپ سىيسە دۇرۇس بولىدۇ.
دېگەن سوئالغا كەلسەك:
1-كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالغان كىشىنىڭ يۇيۇنىشى كېرەك بولامدۇ؟. ئىنساننىڭ كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننىڭ يۇيۇنىشى كېرەك بولمايدۇ. چۈنكى نىجاسەت دېگەن تاھارەتنى بۇزىدىغان ياكى يۇيۇنۇشنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئىشلاردىن ئەمەس، جۇنابەت قاتارلىق ئىشلاردىن چوڭ تاھارەت ئېلىش كېرەك بولىدۇ، چوڭ-كىچىك تەرەت ۋە يەلدىن كىچىك تاھارەت ئىلىش كېرەك بولىدۇ، نىجاسەت تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىلدىن ئەمەس، ئىنسان پاك بولۇپ كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا، ئىنسان تاھارىتى بۇزۇلغان بولمايدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئۇ كىشىگە نىجاسەتنى يوق قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ: وثيابك فطهِّر تەرجىمىسى: «كىيىمىڭنى پاكلا» دېگەن ئايىتى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىمىگە ھەيزنىڭ قېنى يۇقۇپ قالغان ئايالغا: «قاننى تاتىلاپ ياكى ئۇلاپ چىقىرىۋېتىپ، سۇ بىلەن يۇيۇپ سىقىۋېتىپ ئاندىن ئۇنىڭدا ناماز ئوقۇڭ» ، (بۇخارى رىۋايىتى ھەيز بۆلىمى297 -ھەدىس) دېگەن ھەدىسىگە كۆرە، ئىنسان كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا ئۇنى يوق قىلىشقا بۇيرۇلغان، يۇقۇپ قالغان نىجاسەتنى يۇيۇپ سىقىۋېتىش مۇمكىن بولسا، يۇيۇپ سىقىۋېتىش كېرەك.
2-نىجاسەتنى يوق قىلىش دېگەن نىجاسەت يۇقۇپ قالغان ئورۇننى نىجاسەتنىڭ ئەسىرى يوقالغانغا قەدەر يۇيۇش بىلەن بولىدۇ. ئەگەر كىيىمگە نىجاسەت يۇقۇپ قالغان بولسا، كىيىمىدىن نىجاسەت يۇقۇپ قالغان ئورۇننى يۇيۇش كېرەك بولىدۇ، باشقا جايلارنى يۇمىسىمۇ بولىدۇ، يۇغان كىيىمنى ئالماشتۇرۇش كېرەك ئەمەس، ئەمما ئالماشتۇرىمەن دەپ قالسا بولىدۇ.
3-نىجاسەت يۇقۇپ قالغان كىيىمدە ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى بولسا: شۇنى بىلىش كېرەككى، نامازنىڭ سەھىھ بولىشى ئۈچۈن نىجاسەتتىن پاك بولۇش شەرتتۇر، ئەگەر نىجاسەتتىن پاك بولمىسا ئۇ كىشىنىڭ نامىزى باتىل بولىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى نىجاسەت يۇقۇپ قالغان كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇدى، نىجاسەت يۇقۇپ قالغان كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇغان كىشى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مەقسەت قىلغان ۋە بۇيرىغان شەكىلدە ناماز ئوقۇغان بولمايدۇ. سەھىھ ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى دىندا بىز بۇيرۇمىغان ئىشنى قىلىدىكەن ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ».
كىيىمگە يۇقۇپ قالغان نىجاسەتنىڭ ئەھۋاللىرى:
1-كىيىمىدىن مەلۇم جايغا نىجاسەت يەتكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلسا، نىجاسەت يەتكەن شۇ ئورۇننى يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ.
2-مۇشۇ ئورۇنغا نىجاسەت يەتتى دەيدىغان ئىشەنچىسى كۈچلۈك بولىشى كېرەك.
3-ئىنساننىڭ نەزىرىدە نىجاسەت يەتكەن ئورۇندا ئېھتىماللىق بولسا، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ھالەتتە، ئىنسانغا كۈچلۈكنى تاللاش كېرەك بولىدۇ، نىجاسەت يەتكەنلىكى كۈچلۈك بولسا شۇ ئورۇننى يۇيىدۇ. [ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ: "شەرھىل مۇمتى" 2 -توم 221 -بەت].
ئاز نىجاسەتنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا بەزى ئالىملار: ئومۇمەن ئاز نىجاسەتتىنمۇ ئەپۇ قىلىنمايدۇ دېگەن.
بەزى ئالىملار بولسا: نىجاسەتنىڭ ئازلىرىدىن، بولۇپمۇ بۇنىڭغا ئىنسانلاردىن كۆپ كىشىلەر دۇچ كېلىدىغان بولسا ئەپۇ قىلىنىدۇ دېگەن، بۇ ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشى ۋە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدۇر، بۇنىڭدىن پاك بولۇشقا رىئايە قىلىنغاندا كۆپ قىيىنچىلىق پەيدا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ تەرجىمىسى: «ئاللاھ تائالا دىندا سىلەرگە قىيىنچىلىق قىلمىدى». [سۈرە ھەج 78 -ئايەت].
ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ ۋە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ قارىشى توغرىدۇر " دائىم سۈيدۈك تېمىپ تۇرىدىغان كېسەلگە مۇپتىلا بولغان كىشى كۈچىنىڭ يېتىشچە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشقا تېرىشىدۇ، ئۇنىڭ ئازراقلىرىدىن ساقلىنىش قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئەپۇ قىلىنىدۇ".
ئىنساننىڭ كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ، سۈيدۈك تېمىپ كەتكەن بولسا، نىجاسەت يۇقۇپ قالغان ئورۇننى نىجاسەت يوقالغانغا قەدەر يۇيۇش كېرەك، يۇيۇلماي قالغانلىرى بولسا ئەپۇ قىلىنىدىغان ئاز نىجاسەتنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. [ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ: "شەرھىل مۇمتى" 1 -توم 382 -بەت].
ئاز نىجاسەتنىڭ بەلگىلىمىسىنى بېكىتىش نورمال ئىنسانلارنىڭ نىجاسەت دەپ ئېتىبارغا ئالغىنىغا كۆرە بولىدۇ، ئۇلار كۆپ دېسە كۆپ بولىدۇ، ئاز دېسە ئاز بولىدۇ.
شۇنىڭغا ئاساسەن مۇنداق دېيىلىدۇ: ئىنساننىڭ كىيىمىگە سۈيدۈك تېمىپ كەتكەن بولسا، كىيىمىدىن سۈيدۈك تېمىپ كەتكەن ئورۇن نىجاسەت تۈگىدى دېگەنگە قەدەر يۇيۇلىدۇ، يۇيۇلماي قالغان ئورۇنلار بولسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئەپۇ قىلىنىدىغان نىجاسەتنىڭ قاتارىغا كېرىدۇ. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر.
شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: ئىنسان كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالغانلىقىنى بىلمىگەن بولسا قانداق قىلىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئىنسان كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالغانلىقىنى نامازدىن بىكار بولغاندىن كېيىن بىلگەن بولسا، ئوقۇغان نامىزى توغرا بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدا تۇرغاندا جەبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئايىغىدا نىجاسەت بار ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايىغىنى سېلىۋەتكەن ئاۋۋالقى نامىزىنى قايتىدىن ئوقۇمىغان، شۇنىڭغا ئوخشاش ئەگەر نىجاسەتنى نامازدىن بۇرۇن بىلگەن بولسا، ئاندىن ئۇنتۇپ قىلىپ نامازنى ئوقۇغان بولسا، نىجاسەت بولغانلىقىنى نامازدىن كېيىن ئېسىگە ئالغان بولسا، نامازنى قايتىدىن ئادا قىلىش كېرەك بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذْنَا إِن نَّسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق (بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىكتىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن». [سۈرە بەقەرە 286 -ئايەت.]
ئەمما نامازدا تۇرۇپ كىيىمىدە نىجاسەت بولغانلىقىدىن شەك قىلسا، ئۇ كىشى ئىمام بولسۇن ياكى جامائەت بولسۇن نامازنى تاماملىماي تۇرۇپ نامازنى بۇزۇپ چىقىپ كېتىشى توغرا بولمايدۇ". ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى" 12 -توم 396 -397-بەتلەر].
4-كىيىمىدىن نىجاسەتنى يوق قىلغانلىقى توغرىسىدا شەكلىنىپ قالغان مەسىلىدە: ئىنساننىڭ كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالغان بولسا، بۇ ئەسلى بولىدۇ، ئۇ نىجاسەتنى يوق قىلىپ بولغىچە بۇ ئەسلى ئىشەنچ بىلەن بولىدۇ، بۇ ئىشەنچنىڭ يوق بولىشى نىجاسەتنىڭ يوق بولىشى بىلەن تۈگەيدۇ، ئىنسان نىجاسەتنى تازىلىدىمۇ ياكى تازىلىمىدىمۇ بۇنىڭدا شەكلىنىپ قالسا، ھۆكۈم ئىشەنچىگە ئاساسەن بولىدۇ، نىجاسەت بار دېگەن ئىشەنچىسى كۈچلۈك بولسا نىجاسەت بولىدۇ، پاكىزلىدىم دېگەنگە ئىشەنچىسى كۈچلۈك بولسا پاكىزلىغان بولىدۇ، ئۆزىنىڭ پاك ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلىپ، ئاندىن كىيىمگە نىجاسەت يۇقۇپ قالغاندىمۇ دەپ شەكلىنىپ قالسا، ئۇ كىشىگە دېيىلىدۇكى: پاكلىق ئەسلى بولغاندىكىن پاكلىق ئىشەنچلىك بولىدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان كىيىمىدە ياكى بەدىنىدە نىجاسەت بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلمايدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى پاكلىق ھالىتىدە قالىدۇ، بۇ ئەسلىدۇر، بۇنىڭغا بىر ئادەمنىڭ نامازدا قورساقلىرى غولدۇرلاپ تاھارىتى بۇزۇلغاندەك بىر ئىشلارنىڭ پەيدا بولىدىغان توغرىسىدا شىكايەت قىلغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ كىشىگە دېگەن مۇنۇ سۆزى شاھىد بولىدۇ: «بىرەر ئاۋازنى ئاڭلىمىغۇچە ياكى بىرەر پۇراقنى پۇرىمىغۇچە نامازنى بۇزۇپ چېقىپ كەتمىگىن».
ئىنسان نىجاسەت بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىسا، ئۆز گۇماندا كىيىمى نىجاسەت بىلەن بۇلغىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى پاكلىق ھالىتىدە قالىدۇ، نىجاسەت بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىغان مۇددەتتە ئەسلىدىكى پاكلىق بىلەن بولىدۇ" . [ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى" 11 -توم 107 -بەت].
5-كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالغان كىشىنىڭ پەقەت ناماز ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ، ھەتتا تاھارىتى بار بولسىمۇ شۇنداق، ئەمما قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلسا بولىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.