ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشىنىڭ خەتنىسىنى قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

11-10-2025

سۇئال 106524

يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشىنىڭ خەتنىسىنى قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟، ئەگەر خەتنىسى قىلىنسا قاچان قىلىنىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئەسلىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشىگە خەتنە قىلىش ۋاجىپ بولغاندەك، يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشىنىڭمۇ خەتنىسىنى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئۇ كىشى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنلا خەتنىسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ، لېكىن ئۇ كىشىنىڭ ئىسلامدىن يېنىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان ياكى باشقا ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى ئېھتىماللىقى بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا خەتنە قىلىشنى كېچىكتۈرسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئىسلام قەلبىگە ئورناشمىغان ھالەتتە  بەزى ئىشلارنى كېچىكتۈرسە گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى بىر كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇپ بولغاندىن كېيىن مۇرتەد بولۇپ دىندىن يېنىۋالغانلىقىدىن ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن خەتنىسىنى قىلىشنى كېچىكتۈرۈشتىن كېلىپ چېقىدىغان پاساتچىلىق يەڭگىل ۋە ئاز بولىدۇ .

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ: ئىسلام مەركەزلىرىدىن كەلگەن سوئاللارغا جاۋاپ ناملىق ماقالىسى 1-توم 4-بەت.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تەبىئى ھالەتتىكى سۈننەتلەر مۇسۇلمانلارغا دەۋەت قىلىش
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش