ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

كاپىرغا تەزىيە بىلدۈرۈشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

03-10-2025

سۇئال 106520

بىر كاپىر ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسۇلمان بولسۇن ياكى كاپىر بولسۇن، ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرۈشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئەگەر ۋاپات بولغان كاپىرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسۇلمان بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرسە بولىدۇ، چۈنكى ئائىلىسىدىكى مۇسۇلمانلار مۇسىيبەتدار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش لازىم، ئەمما ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كاپىر بولسا، بۇنىڭدىن ئېرىشىدىغان نەتىجىگە قاراش كېرەك، ئەگەر ئۇلارغا تەزىيە بىلدۈرگەندە، ئۇلارنىڭ دىلى يۇمشاپ، مۇسۇلمانلارغا مايىللىق شەكىللىنىدۇ دەپ قارالسا، تەزىيە بىلدۈرسە بولىدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ تەبىئىتى ۋە ئومۇمى ئەھۋالىدىن بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى بايقالمىسا، ئۇلارغا تەزىيە بىلدۈرگەننىڭ پايدىسى يوق.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ: "ئىسلام مەركەزلىرىدىن كەلگەن سوئاللارغا جاۋاپ" ناملىق ماقالىسى 1-توم 14-15-بەتلەر.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

دەپنە قىلىش ۋە قەبرىستانلىق ھەققىدىكى ئەھكاملار
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش