ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم: ئادەم ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرمۇ؟ ئەگەر ئادەم ئەلەيھىسسالام تۇنجى پەيغەمبەر بولمىسا، ئۇنداقتا تۇنجى پەيغەمبەر كىم ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ئادەم ئەلەيھىسسالام تۇنجى پەيغەمبەردۇر. سەھىھ ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئادەم ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرمۇ؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەئە ئۇ تۇنجى پەيغەمبەر» دېگەن، ئىبنى ھىببان بايان قىلغان سەھىھ ھەدىس.
لېكىن ئادەم ئەلەيھىسسالام تۈنجى ئەلچى ئەمەس، شاپائەت توغرىسىدا سۆزلەنگەن ھەدىستە: «ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: سەن ئاللاھ تائالانىڭ زېمىن ئەھلىگە ئەۋەتكەن تۈنجى ئەلچىسىسەن دېگەن».
بۇ ھەدىس نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۈنجى ئەلچى ئىكەنلىكىنىڭ ئوچۇق دەلىلىدۇر.
ئەمما ئادەم ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈنجىسىدۇر.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى 1 -توم 317 -بەت.