ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەر كىشى ئايالىنىڭ ئىنىسىغا: سىڭلىڭ تالاق دېسە، بۇ تالاق چۈشەمدۇ؟

19-09-2025

سۇئال 103933

ئەر كىشى ئايالىنىڭ ئىنىسىغا: سىڭلىڭ تالاق دېسە، بۇ تالاق چۈشەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئەر كىشى ئايالىنىڭ ئىنىسىغا: سىڭلىڭ تالاق دېسە، ئۇ كىشى بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ئايالىنى مەقسەت قىلسا، بۇ سۆز ئۇ كىشىنىڭ دېگىنىدەك بولىدۇ. بۇ سۆز خۇددى ئۇ كىشىنىڭ: ئايالىم تالاق ياكى خوتۇنۇم تالاق  دېگەن سۆزىگە ئوخشاشتۇر. تالاقتا، ئايالنىڭ تالاق قىلغان ئورۇندا ھازىر بولىشى ياكى بۇ سۆزنى ئاڭلىشى شەرت قىلىنمايدۇ. 31778- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

بۇ يەردە چۈشىدىغان تالاق بىر تالاقتۇر، ئەگەر بۇ بىرىنچى ياكى ئىككىنچى تالاق بولسا، ئەر كىشى ئىددەت ئىچىدە ئايالى بىلەن يېنىشىۋالسا بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تالاق
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش