ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەن بىرقانچە قېتىم ئۆمرە ھەج قىلدىم، لېكىن بىر قېتىممۇ چېچىمدىن قىسقارتماپتىمەن، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

29-05-2026

سۇئال 39730

بىر خانىم ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ئۆمرە  ھەج قىلىپ چېچىدىن قىسقارتماپتۇ بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، كېيىن يەنە بىر قانچە قېتىم ئۆمرە قىلىپ چېچىدىن قىسقارتىپتۇ، ئۇ خانىمنىڭ ئىلگىرى چېچىدىن قىسقارتماي قىلغان ئۆمرىسى ئۈچۈن كاپارەت ياكى جازا كېلەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

كىمكى ھەج ياكى ئۆمرە ھەج قىلغاندا، چاچنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىشتىن ئىبارەت ۋاجىپلىرىدىن بىرەرنى تەرك قىلسا، ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، ئۇ كىشىگە بىر قوي جازا كېلىدۇ، ئۇنى مەككە دائىرىسى ئىچىدە ئۆلتۈرۈپ شۇ يەردىكى كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىدۇ، ئۆزى يېمەيدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: بىر كىشى ئۆمرە ھەج قىلىپ بىلمەسلىك ياكى ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن چېچىنى پۈتۈن ئالدۇرماي ياكى قىسقارتماي ئېھرامدىن چىقىپ كەتكەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئۆمرىسى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " ئۇ كىشى گەرچە چېچىنى ئالدۇرۇپ ياكى قىسقارتمىغان بولسىمۇ قىلغان ئۆمرىسى توغرا بولىدۇ، چۈنكى چاچنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىش بولسا ئۆمرە ھەجنىڭ پەرزلىرىدىن ئەمەس، بۇ پەقەت ۋاجىپ ئەمەللەردىن، ئەگەر ئىنسان ئۇنتۇپ قىلىپ چېچىنى ئالدۇرمىغان بولسا، يادىغا كەلگەندە دەرھال ئالدۇرىدۇ، ئەگەر ئۇيەردىن كېتىپ كېيىن ئېسىگە كەلگەن بولسا، ئۇنىڭ پىدىيسى ئۈچۈن مەككە دائىرىسى ئىچىدە بىر قوي ئۆلتۈرۈپ ئۇنى شۇ يەردىكى كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىدۇ.  ۋاجىپ ئەمەلنى ئۇنتۇپ قىلىپ ياكى بىلمەسلىكتىن تەرك قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ". [ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى 22 -توم 466 -بەت].

شەيختىن يەنە:  بىر كىشى ئۆمرە ھەج قىلىپ تاۋاپ قىلىپ ۋە ساپا-مەرۋە قىلىپ بولغاندىن كېيىنلا چېچىنى ئالدۇرماستىن ياكى قىسقارتماستىن ئېھرامدىن چىقىپ ئاندىن ھەجگە ئېھرام كىيگەن بولسا، بۇ كىشىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەك بولىدۇ؟ دەپ سورالغان، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:  ئۇنىڭ  كۆرۈنىشىدىن يەنىلا تەمەتتۇ ھەجگە تەييارلىق  قىلغاندەك قىلىدۇ، لېكىن ئۇ كىشىنىڭ چاچنى قىرقىش ياكى قىسقارتىشنى تەرك ئەتكەنلىكى ئۈچۈن فىدىيە بېرىشى كېرەك، بۇ فىقھىشۇناسلارنىڭ ۋاجىپ ئەمەلنى تەرك ئەتكەنلىكتىن  فىدىيە ئادا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەشھۇر قارىشىغا ئاساسەن،  ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولسا، مەككىدە پىديە ئۈچۈن قوي سويۇپ، ئۇنىڭ ھەممىسىنى مەككىدىكى كەمبەغەللەرگە تارقىتىشى كېرەك.  ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولمسا، ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە كەلمەيدۇ.  بۇ تەمەتتۇ ھەجنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، ئۇ تەمەتتۇ بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مەقسىتى شۇ ئىدى" .  [ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى 22 -توم 468 -بەت].

ھەج-ئۆمرە جەريانىدا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار ھەج-ئۆمرەنىڭ سۈپەتلىرى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش