ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

خىزمەتچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا خاس بولغان تۆۋەن باھادىكى قاتناش كارتىنى ئىشلىتىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

09-09-2025

سۇئال 225206

مەن تۈركىيىدە ئوقۇيمەن، مېنىڭ قاتناشقا چېقىش كارتام بار، مېنىڭ كارتام ئادەتتىكى كىشىلەر ئىشلىتىدىغان نورمال كارتتىن ئەرزان، بىلىشىمچە بۇ پەقەت ئوقۇغۇچىلارغا خاس، بۇنى پەقەت ئۆز ئىگىسىلا ئىشلىتىدۇ، بۇ يىل ئىشلەيدىغان بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنۋېرستقا بارمىدىم، مەن بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان كىشى مېنىڭ كارتىمنى ئىشلىتىشكە بەك ئېھتىياجلىق، مەن ئۇنىڭغا بەرسەم بولامدۇ؟ بۇنداق قىلىش ئالدامچىلىق بولمامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بۇ پەقەت ئوقۇغۇچىلارغىلا بېرىلىدىغان كارت بولسا،  بۇنىڭدىن ئۆز ئېگىسىدىن باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشى چەكلىنىدۇ، سىزنىڭ بۇ كارتنى باشقا بىرسىگە بېرىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ باشقىلارنىڭ مېلىنى ھەقسىز يەۋېلىش ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر سىز ئۇ ئىشچىغا ئۇنىڭ ھەقلىق بولمىغان نەرسىنى ئېلىشىغا ياردەم بەرگەن بولىسىز.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلىدۇ.

ھارام مال-مۈلۈكلەر
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش