ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
مۇسۇلمان پىقھى ئالىملىرى، كىشىلەرنىڭ سودا ئىسىملىرى، سودا ماركىسى، نەشىر ھوقۇقى ۋە كەشپىيات ھەققى قاتارلىق بىلىم-پىكىر ئىگىدارچىلىق ھوقۇقلىرىغا قانداق قارايدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
بىرىنچى: سودا ئىسمى، سودا ئادرېسى، تىجارەت ماركىسى ، نەشرىيات ھوقۇقى، كەشپىيات ھەققى ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىكرى قاتارلىقلار بۇ دەۋرىدە شۇ كىشىلەرگە خاس بولغان ھەق-ھوقۇقلار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا مال يۈرۈشتۈرۈشى ئۈچۈن ئۇ ھەق-ھوقۇقلار مالىيە قىممىتى بار دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.
ئىككىنچى: سودا ئىسىملىرى، سودا ماركىسى، سودا ئادرىسىنى ئىشلىتىش ۋە بۇ ئىسىم، ماركىلارنى ئالدامچىلىق، ساختىپەز، كۆز بويامچىلىق قىلىش دېگەندەك ئىشلاردىن خالى ھالدا، مەلۇم مالنىڭ بەدىلىگە باشقىلارغا يۆتكەپ بېرىش بولسا، كىشىلەرنىڭ ئېتىبارىغا ئېلىنىدىغان مالىيە ھوقۇقى ھېسابلىنىدۇ.
ئۈچىنچى: نەشىر قىلىش، كەشپىيات ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھەقلىرى بولسا شەرئى تەرەپتىن ساقلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئىگىلىرى قانداق ئىشلەتسە بولىدۇ، بۇنداق ھەق-ھوقۇقلارغا تاجاۋۇز قىلىشقا ۋە بۇنى ئوغۇرلاشقا بولمايدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.