ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ياسىتىشنى تەلەپ قىلىش توختامى

10-01-2026

سۇئال 2146

ياسىتىشنى تەلەپ قىلىش توختامى دېگەن نېمە؟، ئۇنىڭ ھۆكمى قانداق؟، ئۇنىڭ قانداق شەرتلىرى بار؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بىرىنچى:  ياسىتىشنى تەلەپ قىلىش توختامى دېگەن:  شەرت ۋە ئاساسلىرى تولۇق بولغان ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان مال ۋە خىزمەتكە قىلىنغان توختامدىن ئىبارەتتۇر.

ئىككىنچى:  ياسىتىشنى تەلەپ قىلىش توختامىدا تۆۋەندىكى ئىشلار شەرت قىلىنىدۇ:

ئا-ياسىتىدىغان نەرسىنىڭ قانداقلىقى، تۈرى، مىقدارى ۋە ئۇنىڭدا تەلەپ قىلىنىدىغان سۈپەتلەرنى تولۇق بايان قىلىش.

ب-ياساپ تاپشۇرىدىغان ۋاقىتنى ئېنىق بېكىتىش.

ئۈچىنچى:  ياسىتىشنى تەلەپ قىلىش توختامىدا ياساتقان نەرسىنىڭ پۇلىنىڭ ھەممىسىنى كېيىن ئىش پۈتكەندە بەرسىمۇ بولىدۇ ياكى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە باسقۇچقا بۆلۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ.  (ئىككى تەرەپنىڭ كىلىشكىنىگە باغلىق).

تۆتىنچى:  ياسىتىشنى تەلەپ قىلىش توختامى، ئىككى تەرەپ ئىتتىپاق كەلگەن توختامنىڭ تەقەززاسىغا كۆرە بېسىم بولمىغان ئەھۋالدا، شەرتنىڭ جازاسىنى ئۆز ئېچىگە ئالسا توغرا بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تىجارەت كىلىشىمى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش