ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئايالنىڭ جۈمە ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

15-11-2025

سۇئال 150015

ئانام بەش ۋاقىت نامازنى سۈننەت، ۋېتىرلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلىدۇ، چاشكا نامىزى ئوقۇيدۇ، لېكىن جۈمە كۈنى ئۆيدە ناماز قىلماي توققۇز كىلومتىر يىراقلىقتىكى مەسچىتكە بارىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئايالنىڭ ئۆيدە ئادا قىلغان نامىزى ئەۋزەل ۋە توغرا دەپ كۆپ نەسىھەت قىلدىم، لېكىن ئۇ نەسىھەتكە قۇلاق سالماي جۈمە كۈنى پەقەت مەسچىتكە بارىمەن دەپ تۇرىۋالىدۇ، ئۇنىڭ مەسچىتكە چېقىشى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئانىڭىزنىڭ مەسچىتكە بېرىشىدا گۇناھ يوق، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ چۆرىلىرىنى ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىدىن چەكلىمەڭلار» دېگەن، تولۇق ئۇرۇنۇپ خۇتبە ئاڭلاش، دۇئاغا ئورتاق بولۇش نىيىتى بىلەن مەسچىتكە بارسا بولىدۇ. ئايال ئۈچۈن مەسچىتكە بارغاندىن ئۆيدە تۆت رەكەت پېشىن نامىزى ئوقۇسا ياخشى بولىدۇ، لېكىن تولۇق ئۇرۇنۇپ ياخشىلىقنى مەقسەت قىلىپ، ۋەز-نەسىھەت ئاڭلاپ پايدىلىنىش ئۈچۈن چىقسا ئاللاھ خالىسا گۇناھ بولمايدۇ ھەم چەكلەشكە بولمايدۇ.

ئۆز ۋاقتىدا ئاياللار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ناماز ئادا قىلاتتى، جۈمە نامىزىغا كېلەتتى، خۇتبە تىڭشايتتى. نۇرغۇن ئاياللار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن جۈمە ئادا قىلىشقا كېلەتتى، بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۇلار ئۈچۈن ياخشىدۇر . ["شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى" 2-توم 1051-بەت].

پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى.

جۈمە نامىزى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش