ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئىككى يىل ئىچىدە سۈننى سۈت بىلەن غىزالانغان بوۋاق سۈتتىن ئايرىلغان ھېسابلىنامدۇ؟، بۇنىڭ بىلەن ئۇ بوۋاقنىڭ سۇيدىكىنىڭ نىجاسەتلىك ھۆكمى ئۆزگىرەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن، "ئىككى يىل ئىچىدە ئانا سۈتىدىن باشقا سۈتلەر بىلەن غىزالانغان بوۋاقنىڭ سۈيدۈكنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، بۇ قاراپ چېقىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە، ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر، سۆزنىڭ ئەڭ يېقىنراقى، ئۇ بوۋاق ئانىسىنى ئەمگەن بوۋاققا ئوخشايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇ بوۋاق يېمەكلىك بىلەن غىزالاندى دېيىلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ، ئانا سۈتىنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان سۈت بىلەن غىزالاندى، ئەڭ توغرىسى، ئۇ بوۋاقنىڭ سۈيدىكىگىمۇ خۇددى ئانا سۈتى بىلەن غىزالىنىپ باشقا يىمەكلىك يېگەن ئوغۇل بوۋاقنىڭ سۈيدىكىگە سۇ سىپىۋەتكەندەك سۇ سىپىۋېتىلىدۇ. يۇقىرىدىكى ھۆكۈم بۇ مەسىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئەڭ ئېنىق ۋە توغرا بولغىنىدۇر.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر".