ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
كىمكى خورما تىكىپ قويسا ياكى زىرائەت تېرىپ قويسا ياكى باشقا مەنپەئەتلىك ئىش قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى ئۇ كىشىگە يېتەمدۇ؟ بۇنىڭدىن مىراسخۇرلىرى پايدىلىنالامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
شۇنداق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق مۇسۇلمان كۆچەت تىكسە ياكى زىرائەت تېرىسا، ئۇنىڭدىن ئۇچار قۇشلار، ئىنسانلار ۋە جانلىقلار يېسە، بۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقە بولىدۇ».
"مۇسۇلمان تېرىغان زىرائەتلەر، تىككەن خورما كۆچەتلىرى ۋە باشقا دەرەخلەر ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ، بۇ يەردىن ھايۋانلار ئوتلىسا، ئۇچار-قۇش ۋە ئىنسانلار يېسە، ئۇ كىشىگە سەدىقە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئېلىنغان ۋە كىشىلەرگە سەدىقە قىلىنغان، ھەتتا ئائىلىسىگە ئىشلىتىلگەن ھەممە نەرسىگە ساۋاپ بولىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ئاشۇ تىككەن كۆچەتتىن ھاسىل بولىدۇ".
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.