ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
شۈكۈر سەجدىسى ئۈچۈن ئورۇنۇش ۋە تاھارەت ئېلىش دېگەندەك شەرتلەر تولۇق بولۇشى كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
شۈكۈر سەجدىسى توغرىسىدىكى مەسىلىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئىخچاملاشتۇرۇپ بايان قىلىمىز:
1-شۈكۈر سەجدىسى بەندە ئۆزىنىڭ رەببى ئۈچۈن قىلىدىغان شۈكۈرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر، بۇنىڭدا ئۆزىنىڭ ئەڭ شەرەپلىك ئەزاسى بولغان يۈزىنى زېمىنغا قويۇپ ئاللاھقا بويسۇنۇشنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭدا يەنە دىلى، تىلى ۋە ئەزالىرى بىلەن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىش بولىدۇ.
2-شۈكۈر سەجدىسى دېگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن سابىت بولغان، نۇرغۇن كىشىلەر تەرك قىلىۋاتقان سۈننەتتۇر.
3-شۈكۈر سەجدىسى قىلىش توغرىسىدىكى ئىختىلاپ كۈچلۈك ئىختىلاپ ئەمەس، چۈنكى بۇ ئىختىلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ۋە نۇرغۇن ساھابىلاردىن سابىت بولغان دەلىللەرگە زىتتۇر.
4-شۈكۈر سەجدىسى مۇسۇلمانلارغا ھەر قاچان ئومۇمى بىر نېمەت ھاسىل بولسا ياكى ئۇلاردىن بىر مۇسىبەت يوق بولسا ياكى بىر مۇسۇلمانغا خاس نېمەت ھاسىل بولسا، بىر سەۋەپ بىلەن ھاسىل بولسۇن ياكى سەۋەبسىز ھاسىل بولسۇن ۋە ھەر قاچان بالا-مۇسىبەت يوق بولسۇن بۇنىڭغا شۈكۈر قىلىپ سەجدە قىلىش توغرا بولىدۇ.
ئىمام شەۋكانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر سىز ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرى دائىم بولىدۇ ۋە ھەر ۋاقىت كېلىپ تۇرىدىغۇ؟ دېسىڭىز، سىزگە دەيمەنكى: بۇ يەردە يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان نېمەتتىن بولغان مەقسەت: ئۇنىڭغا يېتىش مۇمكىن بولىدىغان ۋە يېتىش مۇمكىن بولمايدىغان نېمەتلەردۇر، شۈنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ئاللاھنىڭ ئاتا قىلىدىغان نېمەتلىرى داۋاملىشىش بىلەن ئاشۇ نېمەتلەر يېڭىلانغاندا، شۈكۈر سەجدىسى قىلاتتى، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىپ تۇراتتى. "[سەيلىل جەرار: 1 -توم 175 -بەت.]
5-توغرا بولغىنى: شۈكۈر سەجدىسى ئۈچۈن نامازغا شەرت ئېتىلگەن: تاھارەت بولۇش، ئەۋرەتنى يېپىش، ئايالنىڭ ھىجاپلىنىشى، قىبلىگە يۈزلىنىش دېگەندەك شەرتلەر شەرت قىلىنمايدۇ.
بۇ كۆپچىلىك سەلەپ ئالىملىرىنىڭ سۆزىدۇر. مالىكى مەزھىپىدىكى بەزى ئالىملارنىڭ تاللىغىنى، ئىبنى جەرىير تەبەرى، ئىبنى ھەزم، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە، ئىبنى قەييىم، شەۋكانى، سەنئانى قاتارلىق تەتقىقاتچى ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىدىن: شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ مۇھەممەد بىن سالىھ ئۇسەيمىن، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇرەھمان ئىبنى جىبرىين قاتارلىقلار(ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن) بۇ قاراشنى كۈچلاندۇرغان.
بۇ شۈكۈر سەجدىسىگە نەپلە نامازغا شەرت قىلىنغان شەرتلەرنى بېكىتكەنلەرنىڭ خىلاپىدۇر. ئۇ شافىئى مەزھەپ قارىشىدۇر، ھەنبەلى مەزھىپىدىكى كۆپچىلىك ئالىملار، ھەنەپى مەزھىپىدىكى بەزى ئالىملار ۋە مالىكى مەزھىپىدىكى بەزى ئالىملارمۇ شۇ قاراشتا بولغان.
بىرىنچى قاراشتىكى ئالىملارنىڭ كەلتۈرگەن دەلىلى:
ئا-شۈكۈر سەجدىسىگە نامازنىڭ شەرتلىرىدىن بولغان تاھارەتنى ياكى ئۇنىڭ غەيرىنى شەرت قىلىش بولسا دەلىلگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئۇ توغرىدا دەلىل يوق، شۈكۈر سەجدىسى ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى ۋاجىپ قىلىدىغانغا قۇرئاندىن، سۈننەتتىن، ئىجمادىن ۋە توغرا بولغان قىياستىنمۇ دەلىل كەلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە دەلىل بولمىغان بىر ھۆكۈمنى ۋاجىپ قىلىش توغرا بولمايدۇ.
ب- ئەبۇ بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خۇرسەن بولىدىغان ياكى خوشال بولىدىغان بىرەر ئىشنىڭ خەۋىرى كەلسە، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىپ سەجدە قىلاتتى». [تىرمىزى رىۋايىتى 1578-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2774 -ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1394-ھەدىس].
بۇنىڭدىن باشقا ھەدىسلەردىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۈكۈر سەجدىسى قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سەجدە ئۈچۈن ئالاھىدە تۇرۇپ تاھارەت ئالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇرسەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپلا سەجدىگە بېرىشى، شۈكۈر قىلىشنىڭ سەۋەبى تېپىلىشى بىلەنلا تاھارەت بولسۇن ياكى بولمىسۇن شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن سەجدە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ساھابىلەرنىڭ ئىشىنىڭ كۆرۈنىشىمۇ مۇشۇنداق بولغان.
ج -شۈكۈر سەجدىسىدە نامازنىڭ شەرتلىرىدىن تاھارەت ياكى باشقا شەرتلەر ۋاجىپ بولغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە ئۈممەتنىڭ بۇنىڭغا ئېھتىياجى بولغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئۈممىتىگە بايان قىلىپ بېرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سەجدىنى قىلىپ، بۇنداق قىلىشنى تاھارەت ياكى باشقا شەرتلەر بىلەن قىلىشنى ئۈممىتىگە سۈننەت قىلىپ، بۇ شەرت ۋە سۈننەتلەر بىلەن قىلىشنى ساھابىلارغىمۇ بۇيرىماي، بۇ توغرىدا بىرەر ھەدىس بايان قىلىنماي قىلىشى مۇمكىن بولمايدۇ.
د-شۈكۈر سەجدىسىنىڭ سەۋەبى تۇيۇقسىز كېلىدۇ، سەجدە قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ تاھارىتى يوق بولۇپ قالىدۇ، شۈكۈر سەجدىسىنىڭ سەۋەبى تېپىلغاندا ئۇنى تاھارەت ئېلىش ياكى يۇيۇنۇش بىلەن كېچىكتۈرسە ئۇنىڭ ئۈچۈن سەجدە قىلىش يولغا قويۇلغان مەنانىڭ سىرى يوق بولۇپ كېتىدۇ.
ھ-تاھارەتتىن باشقا ئىشلاردىن بولغان شەرتلەر پەقەت ناماز ئۈچۈن شەرت قىلىنىدۇ، بۇنىڭ دەلىلى: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاجەتخانىدىن قايتىپ كەلگەندە، تاماق كەلتۈرۈلدى، ئەتراپتىكىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تاھارەت ئېلىشنى ئەسلەتكەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا تاھارەت ئالىمەن» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 374-ھەدىس].
شۈكۈر سەجدىسى ناماز ئەمەس، چۈنكى شەرىئەتتە ئۇنى ناماز دەپ ئاتاش توغرىسىدا دەلىل كەلمىدى، چۈنكى شۈكۈر سەجدىسى دېگەن بىر رەكەت ياكى ئىككى رەكەت ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۈكۈر سەجدىسى ئۈچۈن جىنازە نامىزى، سالامدىن كېيىنكى سەھۋەنلىك سەجدىسى ۋە باشقا نامازلار ئۈچۈن يولغا قويغاندەك، تەكبىرنى، سالام بېرىشنى سەپ تۈزۈشنى ھەتتا بىرىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئىمام بولۇشنى يولغا قويمىدى، ناماز ئۈچۈن شەرت قىلىنغان ئىشلار شۈكۈر سەجدىسى ئۈچۈن شەرت قىلىنمايدۇ.
ۋ-پەقەت سەجدە قىلىشنىڭ ئۆزىنى نامازدا ئادا قىلىنىدىغان ئىش-پائالىيەت، زىكىرلەرگە ۋە نامازنىڭ سىرتىدا قىلىنىدىغان قۇرئان تىلاۋېتى قاتارلىق ئىشلارغا-قۇرئان تىلاۋېتى بولسا ناماز جەريانىدا قىلىنىدىغان تەسبىھ، تەھمىيد، تەكبىير ۋە تەھلىيل قاتارلىق زىكىرلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر، شۇنىڭدەك بۇ ئىشلار نامازنىڭ سىرتىدا قىلىنسا، بۇنىڭ ئۈچۈن تاھارەت شەرت قىلىنمايدۇ ( ئۇنىڭ ھەر بىرىنىڭ نامازنىڭ بىر پارچىسى بولماقلىق بىلەن) شۇنىڭغا ئوخشاش شۈكۈر سەجدىسى ئۈچۈنمۇ تاھارەت شەرت قىلىنمايدۇ.
دائىمىي كومىتېت ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "توغرا بولغىنى: شۈكۈر سەجدىسىدە ۋە تىلاۋەت سەجدىسىدە تىلاۋەت قىلغۇچى ياكى ئاڭلىغۇچىغا بۇ ئىككى تۈرلۈك سەجدىدە سەجدە قىلغۇچى ئۈچۈن تاھارەتنىڭ بولىشى شەرت قىلىنمايدۇ چۈنكى ئۇ ئىككىسى نامازنىڭ ھۆكمىدە ئەمەس". پەتىۋادا:پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن باز، شەيخ ئابدۇراززاق ئەپىيپى، شەيخ ئابدۇللاھ قەئۇد قاتارلىقلار ". [دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 7 -توم 263-بەت. ]
6- شۈكۈر سەجدىسىنىڭ سۈپىتى توغرىسىدىكى كۈچلۈك قاراش: بۇ سەجدىنىڭ ئەۋۋىلىدە ياكى ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىش كېرەك بولمايدۇ، تەشەھھۇت ئوقۇلمايدۇ ياكى ئىككى تەرەپكە سالام بېرىلمەيدۇ، بۇ ئىمام شاپىئىدىن بايان قىلىنغان دەلىلدۇر. شۇنداقلا ئىمام ئەھمەدنىڭ بىر رىۋايەتتىكى قارىشىدۇر. بۇ شافىئى مەزھىبىنىڭ تۇتقان يولىدۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ياكى ساھابىلەرنىڭ بىرىدىن (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) دەلىل بايان قىلىنمىغان.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىغا كۆرە، شۈكۈر سەجدىسىدە تەشەھھۇت ئوقۇش، سالام بېرىش كېرەك بولمايدۇ، بەلكى ئۇ بىدئەت بولۇپ، ئۇنى قىلىش توغرا بولمايدۇ.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تىلاۋەت سەجدىسى ۋە شۈكۈر سەجدىسى توغرىسىدا ھېچ بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ۋە ساھابىلاردىن ئۇنىڭدا سالام بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرەر ھەدىس ياكى ئەسەر نەقىل قىلمىغان. ساھابىلارمۇ شۈكۈر سەجدىسىدە سالام بەرمەيتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئالىملار: ئۇنىڭدا سالام بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئىمام ئەھمەدتىن بولغان ئىككى رىۋايەتنىڭ بىرىدە بۇ توغرىدا ئەسەر بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدا سالام يوق دەپ كەلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە بىر سالام ئىككى سالام بېرىدۇ دەپ كەلگەن، بۇ دەلىل بىلەن ئىسپاتلانمىغان بەلكى قىياس بىلەن ئىسپاتلانغان، شۇنىڭدەك بۇنىڭدا سالام بار دېگەن ئالىملارنىڭمۇ دەلىلى يوق، بەلكى قىياسقا تايىنىدۇ ياكى بەزى تابىئىنلارنىڭ سۆزىگە تايىنىدۇ". [ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 21 -توم 277 -بەت.]
ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ تىلاۋەت ۋە شۈكۈر سەجدىسى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى ناماز دەپ ئاتىمىغان، ئۇنىڭدا جىنازە نامىزى، سالامدىن كېيىنكى سەھۋەنلىك سەجدىسى ۋە باشقا نامازلارغا ئوخشاش سەپ تۈزۈش، ئىمام بولۇپ ئالدىغا چېقىش يولغا قويۇلمىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سالام بېرىشنىمۇ سۈننەت قىلمىغان. بۇ توغرىدا سەھىھ بولسۇن ياكى زەئىپ بولسۇن بىرەر ھەدىسمۇ كەلمىگەن، بەلكى بۇنداق قىلىش بىدئەتتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن باشلاش تەكبىرىمۇ يوقتۇر". [ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 23 -توم 171 -بەت].
7-بۇنىڭدا مۇئەييەن زىكىرمۇ دېيىلمەيدۇ، سەجدە قىلغۇچى سەجدىدە مۇشۇ ئورۇنغا مۇناسىپ بولغان زىكىر-دۇئا، ھەمدە-سەنا، ئىستىغپار ئېيتىپ كەچۈرۈم تەلەپ قىلىش دېگەندەك سۆزلەرنى دەيدۇ.
شەۋكانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئەگەر سىز: شۈكۈر سەجدىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نېمە دەيدىغانلىقى توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنمىغان تۇرسا، شۈكۈر سەجدىسى قىلغۇچى نېمە دەيدۇ؟ دېسىڭىز، مەن دەيمەنكى: بۇ يەردە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرنى كۆپ قىلىش كېرەك، چۈنكى قىلىنغان بۇ سەجدە بولسا شۈكۈرنىڭ سەجدىسىدۇر". [ "سەيلىل جەرار" 1 -توم 286 -بەت. ]
8-ئىنسان ناماز ئوقۇۋاتقان ھالىتىدە ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان بىر ئىشتىن خەۋەر بېرىلسە، نامازدا تۇرۇپ شۈكۈر ئۈچۈن سەجدە قىلمايدۇ، سەجدىنىڭ سەۋەبى بۇ ھالەتتە نامازنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس، ئۇنىڭ ناماز بىلەن ئالاقىسى يوق، ئەگەر بىلىپ تۇرۇپ قەستەن سەجدە قىلغان بولسا نامىزى باتىل بولىدۇ، شۇنىڭدەك نامازنىڭ سەجدىسىگە قەستەن بىر سەجدىنى زىيادە قىلغان بولسا ياكى بۇ نامازدا يەنە بىر نامازنى ئوقۇپ ئۇ نامازنىڭ سەھۋەنلىكىنىڭ سەجدىسىنى قىلغان بولسا نامىزى باتىل بولىدۇ. بۇ شافىئى مەزھىبىنىڭ قارىشى ۋە ھەنبەلى مەزھىبىدىكىمۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ سۆزىدۇر.
ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ بەزىسى مۇنداق دەيدۇ: "بۇنداق ھالەتتە شۈكۈر سەجدىسىنى قىلىش تىلاۋەت سەجدىسىگە قىياس قىلغان ھالەتتە مۇستەھەپ بولىدۇ.
ئۇلارنىڭ كەلتۈرگەن دەلىللىرىنى تەكشۈرسەك، ئۇلارنىڭ قىياستىن زىكىر قىلغىنى توغرا ئەمەس، چۈنكى بۇ پەرىقلىق نەرسىنى بىر-بىرىگە قىياس قىلىشتۇر، تىلاۋەت سەجدىسىنىڭ سەۋەبى قىرائەتتىن ئىبارەت بولغان نامازنىڭ ھەرىكەتلىرىدىندۇر، ئەمما شۈكۈر سەجدىسىنىڭ سەۋەبى بولسا نامازنىڭ سىرتىدىكى ئىشتۇر.
شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ھۆكۈمنى بىلىپ تۇرۇپ، ئېسىدە بار ھالەتتە نامازدا تۇرۇپ شۈكۈر سەجدىسىنى قىلغان كىشىنىڭ نامىزى باتىل بولىدۇ. مۇئەللىپنىڭ سۆزلىگىنى توغرىدۇر. يەنى: ناماز شۈكۈر سەجدىسى قىلىش بىلەن باتىل بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ناماز بىلەن ئالاقىسى يوق، تىلاۋەت سەجدىسى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، چۈنكى تىلاۋەتنىڭ سەجدىسى دېگەن قىرائەتتىن ئىبارەت نامازغا ئالاقىدار ئىش ئۈچۈن بولىدۇ. ["شەرھىل مۇمتىئ ئەلا زادەل مۇستەقنىئ" 4 -توم 107-108 -بەتلەر].
9-شۈكۈر سەجدىسىنى قاتناشتا كېتىۋاتقان كىشى مۇمكىن بولغان مىقداردا ئىشارەت بىلەن قىلسا بولىدۇ.
10-شۈكۈر سەجدىسىنى دەل ۋاقتىدا قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.
ئىنسانغا ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان بىر ئىش بىلەن بىشارەت بېرىلسە ياكى ئۇ كىشىگە بىرەر نېمەت ھاسىل بولۇپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلمىسا، سەجدە قىلىدىغان سەۋەپ تېپىلغاندا ئۈزۈرسىز ئۇنى قىلمىسا، بەزى ئالىملار بۇ سەجدىنىڭ كېيىن قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، دەيدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى بۇ سەجدىنى كېچىكتۈرۈشتە ئۈزۈرلۈك ئەمەس. ["ھاشىيەتۇل قەليۇبى" 1 -توم 209 -بەتكە قارالسۇن].
"ئىسلام تەتقىقات ژورنىلى" تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان، دوكتۇر ئابدۇللاھ بىن ئابدۇلئەزىز ئەلجىبرىين رەھىمەھۇللاھ تەييارلىغان "شۈكۈر سەجدىسىنىڭ ئىسلام پىقھىسىدىكى ھۆكۈملىرى" ناملىق ئەسىرىدىن ئىخچاملاشتۇرۇپ كەلتۈرۈلدى. ["ئىسلام تەتقىقات ژورنىلى" 36 -سان 267-309 -بەتلەر.]
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.